پاتمىچۇق
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 16:08:06 كۆرۈلۈش سانى : 277
خەلق ئارىسىدا پاتمىچۇق (تام پاتمىچۇقى) ئۈزۈلۈپ كەتكەن قۇيرۇقى ئادەمنىڭ قۇلىقىغا كىرىۋالىدۇ، دەيدىغان رىۋايەت بار، بۇ بىر خىل خاتا چۈشەنچە. پاتمىچۇقنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزۈۋېتىشى بىر خىل «مۇداپىئە» لىنىشتىن ئىبارەت. سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە تارتىلسا ياكى دۈشمىنىگە يولۇقسا، قۇيرۇقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ قاچىدۇ. ئۈزۈلۈپ چۈشكەن بۆلىكىدە نېرۋا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل مىدىرلايدۇ. بۇ خىل ھادىسە بىئولوگىيىدە «ئۆزى كېسىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
پاتمىچۇقنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن10 سانتىمېتىر چىقىدۇ، كۆزى چوڭ، ھەرىكەتلەندۈرەلەيدىغان كۆز قاپىقى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، كۆزى مەڭگۈ ئوچۇق تۇرىدۇ، كۆز قارىچۇقى بويىغا سوزۇلغان بىر يېرىقچىدىنلا ئىبارەت؛ پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرى ياپىلاق، كەڭ، ئاستى تەرەپ تېرىسى پۈرمىلىشىدۇ. ئۈستىدە ئۇششاق بەزلىك تۈكلىرى بار، يېپىشقاقلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ تامدا ۋە تورۇستا ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ.
پاتمىچۇق ئادەم چىشلىمەيدۇ، پاشا، چىۋىنلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ، يەنە دورىلىق قىممىتى بار بولۇپ، شامال دارىش، تارتىشىپ ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. قۇرۇتۇلغىنى «تيەنلۇڭ» دەپ ئاتىلىدۇ.
پاتمىچۇق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. دۆلىتىمىزدە ئالتە تۈرى بار، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى كۆپ ھالەتلىك پاتمىچۇق، ئۈزگۈچى پەردىسىز پاتمىچۇق، ئۈزگۈچى پەردىلىك پاتمىچۇق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
|
|