بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> ئاق چۈمۈلە

ئاق چۈمۈلە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-02 13:10:33    كۆرۈلۈش سانى : 334  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئاق چۈمۈلە يەر ئاستىدا ئوردا ياساشتىكى ئۇستا بىناكار بولۇپ، نەچچە10  سانتىمېتىر ھەتتا نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدا ئۇۋا ياسايدۇ. يەر ئاستى ئوردىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ: سىرتقى قەۋىتى - قېلىن، مۇستەھكەم قوغدىغۇچى قەۋەت، ئۇۋا ئىچى بولسا پلاستىنكىسىمان ياكى ھەرە ھۆكۈنىكىسىمان ياتاق ئۆي. ئۇۋىسى يەنە ئاساسىي ئۇۋا ۋە قوشۇمچە ئۇۋا دەپ ئايرىلىدۇ. ئاساسىي ئۇۋا پلاستىنكىسىمان بولۇپ، ئىچىدىكى بىخەتەر، ئازادە جايغا چۈمۈلە پادىشاھى بىلەن چۈمۈلە خانىشى ياتىدىغان پادىشاھ سارىيى − ياپىلاق شەكىللىك ياتاق سېلىنىدۇ. ئوردا قاراۋۇللىرى بولغان ئەسكەر چۈمۈلىلەر پادىشاھ سارىيىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇستەھكەم ئۇۋا پلاستىنكىلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ پادىشاھ سارىيىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. قوشۇمچە ئۇۋا ھەرە كۆنىكىسىمان بولۇپ، پادىشاھنىڭ سادىق پۇقرالىرى بولغان ئىشچى چۈمۈلىلەرنىڭ ياتىقى. ئاساسىي ئۇۋا بىلەن قوشۇمچە ئۇۋا ئارىلىقىدا چۈمۈلىلەر قاتنايدىغان، ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان، بۇيۇملارنى توشۇيدىغان كەڭ قاتناش يولى بولىدۇ. بەزى ئاق چۈمۈلىلەر يەنە بىرقانچە ھەتتا ئون نەچچە قورۇق − زەمبۇرۇغ باغچىسى قۇرۇپ، زەمبۇرۇغلارنى بېقىپ ئوردا تامىقى قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن چىقىدىغان مەشھۇر يەرلىك مەھسۇلات ياماق گۈمبىمەدەك (ياماق موگۇ) زەمبۇرۇغىنى سېرىق قانات چوڭ ئاق چۈمۈلە، قاشات چوڭ ئاق چۈمۈلىسى قاتارلىقلار كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرىدۇ. ئافرىقا ۋە ئوكيانىيىدىكى ئاق چۈمۈلىلەر ھەتتا ئېگىز ئاق چۈمۈلە مۇنارىنىمۇ ياسىيالايدۇ. بۇ قۇرۇلمىلار خۇددى قەلئەگە ئوخشايدۇ، بەزىلىرى كونۇس شەكىللىك، بەزىلىرى سىلىندىر شەكىللىك، بەزىلىرى پىرامىدا (ئېھرام) شەكىللىك بولۇپ، كۆپىنچىلىرى ئادەم بويىدىن خېلىلا ئېگىز بولىدۇ، ئەڭ ئېگىزلىرى7  مېتىر بولۇپ،100  كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلەيدۇ. قوغدىغۇچى قەۋىتىنىڭ تېمىنىڭ قېلىنلىقى50  سانتىمېتىر چىقىدۇ ھەمدە خۇددى تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ، ئۇنى ئاق چۈمۈلە چالمىلارنى بىر - بىرىگە چاپلاپ قوپۇرۇپ چىقىدۇ. چۈمۈلە مۇنارىدا سانسىزلىغان ئەگرى - بۈگرى تونىللار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىرقانچە100  مېتىر چىقىدۇ ھەمدە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆيلەرنى ياساپ ۋەزىپىسى ئوخشاش بولمىغان ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. شۇنچە مۇكەممەل يەر ئاستى ئوردىسىنى ئاق چۈمۈلە ئىچىدىكى ئىشچى چۈمۈلە مەسئۇل بولۇپ ياسايدۇ. چۈنكى، ئاق چۈمۈلىمۇ مەسئۇلىيىتى ئوخشاش بولمىغان ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىيلاشقان چوڭ ئائىلە. چۈمۈلە پادىشاھى بىلەن چۈمۈلە خانىشى پەقەت چېتىشىش، تۇخۇم تۇغۇشقىلا مەسئۇل، ئىشچى چۈمۈلە پەقەت ئىشلەشكىلا مەسئۇل بولۇپ، ياغاچلارنى غاجىلاش، يېمەكلىك توشۇش، ئۇۋا ياساش، لىچىنكىلارنى بېقىش قاتارلىق ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. ئەسكەر چۈمۈلە مۇداپىئە كۆرۈشكىلا مەسئۇل بولۇپ، قاراۋۇللۇقتا تۇرۇش، ئائىلىسىنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ  خىل بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىجتىمائىيلاشقان ئىش تەقسىماتى نىمفا (ئارا لىچىنكا) نىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشىدىن باشلىنىدۇ. ئەركەك ئاق چۈمۈلە بىلەن چىشى ئاق چۈمۈلە چېتىشقاندىن كېيىن، ھەر ئىككىسى قاناتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، مۇۋاپىق يەرنى تېپىپ ئۇۋا كولاپ كىچىك ئائىلە قۇرىدۇ. بىرىنچى تۈركۈم نىمفالارنى چۈمۈلە خانىشى ئۆزى باقىدۇ، ئۈچىنچى قېتىملىق تۈلەش مەزگىلىدىن كېيىن ئىشچى چۈمۈلە، ئەسكەر چۈمۈلە ھەمدە ئاز ساندىكى قاناتلىق كۆپىيىش چۈمۈلىسى قاتارلىقلارغا دىففېرېنسىيىلىنىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چۈمۈلە بىلەن خانىش چۈمۈلە خىزمەتلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزلىرى ئوردىغا كۆچۈپ كىرىپ راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئاق چۈمۈلە ياغاچ يېيىشكە ئامراق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، تۆمۈريول كۆۋرۈكى، ئامبار قاتارلىقلاردىكى ياغاچ ماتېرىياللارغا ئېغىر زىيان سالىدۇ ھەمدە بەزى رايونلاردىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرگىمۇ ناھايىتى ئېغىر زىيان سالىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى