بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> قاغا

قاغا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-22 11:29:59    كۆرۈلۈش سانى : 312  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
قاغا كىشىلەر تەرىپىدىن قۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان قۇش دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى قوپال، يېقىمسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن تېنى قاپقارا بولغانلىقتىن، كۆپىنچە خەيرسىزلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا، قاغا ئىنسانلارنىڭ دوستى. قاغىنىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى قالايمىقان، ئۇ پەرۋانە لىچىنكىسى، مايقوڭغۇزى لىچىنكىسى قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى ۋە چاشقانغا ئوخشاش زىيانداش ھايۋانلارنى يەپلا قالماستىن، يەنە سېسىغان گۆش ۋە بەزى تاشلاندۇق نەرسىلەرنىمۇ ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ، شۇڭا «تازىلىقچى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. ئەمما، زىرائەتلەرنى يىغىش مەزگىللىرىدە مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ زىرائەتلەرنىڭ پىشقان دانلىرىنى يەپلا قالماستىن، تېرىغان ئۇرۇقنىمۇ تاتىلاپ يەيدۇ، لېكىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قاغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىدىن تۆھپىسى چوڭ پايدىلىق قۇش ھېسابلىنىدۇ. قاغا قۇشلار ئىچىدە بىرقەدەر ئەقىللىق قۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىرنەرسە يېيىشتە مەيلى قاتتىق قۇلۇلىلەر بولسۇن ياكى مېۋە بولسۇن، ئالدى بىلەن تاشقا ئۇرۇپ چېقىپ ئېچىپ ئاندىن يەيدۇ ھەمدە پارقىراق نەرسىلەرگە ئامراق بولۇپ، دائىم ئەينەك پارچىلىرىغا ئوخشاش بۇيۇملارنى يىغىۋالىدۇ. قاغا چاڭگىسىنى ئېگىز دەرەخنىڭ ئاچىسىغا سالىدۇ. چىشى قاغا4  −5  دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمىنىڭ رەڭگى سۇس كۆك ياكى سۇس يېشىل. تۇخۇمىنىڭ باسۇرۇلۇش ۋاقتى تەخمىنەن20  كۈن بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەركەك قاغا سىرتقا چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، قاغا بالىسى30  ~35  كۈندىن كېيىن مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولىدۇ. قاغىنىڭ ھوشيارلىقى ناھايىتى يۇقىرى. قاغا توپىدىن بىرى بىرەر شەپە بايقاپ قالسا، قاقىلدايدۇ، بۇنىڭ بىلەن باشقا قاغىلارمۇ قاقىلدىغان پېتى بىراقلا ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئەگەر قاغىلارنىڭ قاقىلدىغان ئاۋازىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ، تېرىلغۇ مەزگىلىدە قاغىلارنى قوغلاشقا توغرا كەلگەندە قورقىتىدىغان ئاۋازنى قويۇپ بەرسە ئۇلارنى قوغلىۋەتكىلى بولىدۇ؛ مېۋىلىك باغدا زىيانداش ھاشاراتلار بايقالسا، ئۇلارنىڭ چىكىلداپ سايرىغان ئاۋازىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ قويۇپ بەرسە، قاغىلارنى جەلپ قىلىپ، ھاشاراتلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ. قاغىنىڭ تەخمىنەن100  دەك تۈرى بار بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. ئۇلار كۆچمەس قۇش بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك توپلىشىپ ياشايدۇ. ئۇ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى قالايمىقان قۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئەتنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىگە ئوڭاي ماسلىشالايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى