خانقىز
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 13:28:43 كۆرۈلۈش سانى : 589
ھەر يىلى5 −6 - ئايلاردا دۆلىتىمىزنىڭ مەشھۇر دېڭىز ساھىلى بېيدەيخېنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى قىسمەن دېڭىز قىرغاقلىرىدا قىزىل دەرەخ، قىزىل دېڭىز، قىزىل قىرغاقتىن ئىبارەت ئاجايىپ مەنزىرىلەر بارلىققا كېلىدۇ. لېكىن، ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك دەرەختە ئېسىلىپ تۇرغانلىرى، دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەنلىرى، قىرغاقتا يەرگە يېيىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى گۈزەل، قىزىل رەڭلىك ھاشارات بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس زىيانداش ھاشاراتلارنى يەيدىغان تۆھپىكار خانقىزلاردۇر.
خانقىزنىڭ دۈمبىسى قاپاقتىن ياسالغان چۆمۈچكە ئوخشايدۇ. خانقىز ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئۆسۈملۈكخورلار ۋە گۆشخورلار دەپ ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. ئۆسۈملۈكخور خانقىز ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. تۈرى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، خانقىزلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ئىنسانلار ئۈچۈن زىيانلىق؛ گۆشخور خانقىزلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، دېھقانچىلىق زىيانداش ھاشاراتلىرىنى يېيىشنى ئاساس قىلىدۇ، كۆپىنچە كۆكپىت، قاسىراقلىق قۇرت، ئاق سالجا، يوپۇرماق سالجىسى ۋە باشقا بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار قاتارلىق دېھقانچىلىققا زىيان سالىدىغان ھاشاراتلارنى يەيدۇ.
يەتتە چېكىتلىك خانقىز گۆشخور خانقىزلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 مىللىمېتىرغا توشمايدۇ، تۇخۇم شەكىللىك؛ دۈمبە قىسمى يېرىم شارغا ئوخشاش كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ تۇرىدۇ. بېشىنىڭ رەڭگى قارا، چوققىسىدا ئىككى پارچە سۇس سېرىق داغ سىزىقى بار، ئالدى كۆكرىكى قارا، پۇتى قارا بولۇپ، پۇتىدا قويۇق ئۇششاق تۈكلىرى بار. غىلاپ قانىتى قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق بولۇپ، ئۈستىدە يەتتە تال قارا دېغى بار. شۇڭا يەتتە يۇلتۇزلۇق خانقىز دەپ ئاتالغان. ئۇ كۆكپىت تۇتۇپ يېيىش ماھىرى بولۇپ، كېۋەز كۆكپىتى، بۇغداي كۆكپىتى، كۆكتات كۆكپىتى، شاپتۇل كۆكپىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بىر دانە يەتتە چېكىتلىك خانقىز ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن138 تال كۆكپىت يەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاگرونوملار (دېھقانچىلىق ئالىملىرى) زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىشتا ئۇنىڭدىن پايدىلانماقتا.
|
|