Warning: session_start() [function.session-start]: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in D:\ԭļ\Bilqut_web\include\common.inc.php on line 17
يىلان-كۇتۇپخانا-Bilqut Uyghur web
بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> يىلان

يىلان

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-11 13:37:04    كۆرۈلۈش سانى : 769  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
«دېھقان بىلەن يىلان» دېگەن بىر ھېكايە بار، ھېكايىدە بىر ئاق كۆڭۈل دېھقاننىڭ توڭلاپ قېتىپ قالغان يىلانغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولتۇقىغا سېلىپ ئىسسىتقانلىقى ۋە ئۆيگە ئېلىپ كەتكەنلىكى، يىلان ئويغانغاندىن كېيىن دېھقاننى چېقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. بۇ ھېكايە كىشىلەرگە يىلانغا ئوخشاش يامان ئادەمگە ئىچ ئاغرىتماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يىلان سەۋەبسىز ئادەم چاقمايدۇ. ئۇنىڭ بىر جۈپ ھەم يۇمىلاق، ھەم نۇرلۇق كۆزى بولسىمۇ، لېكىن يىراقنى كۆرەلمەيدىغان يۇقىرى گرادۇسلۇق كۆز بولۇپ، ھەرىكەتلىنىۋاتقان جىسىمغا سەزگۈر، مىدىرلىماي جىم تۇرۇۋالسا قاراپ تۇرۇپ كۆرمەيدۇ. مەسىلەن، كۆزەينەكلىك يىلاننى ئالساق، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چېقىلمىسىڭىزلا چاقمايدۇ، ئەگەر قورقۇپ قاچسىڭىز ئارقىڭىزدىن قوغلايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمغا سەزگۈر كېلىدۇ. يىلاننىڭ ئاڭلاش ئەزاسىدا تاشقى قۇلاق ۋە داپ پەردە بولمايدۇ، ھاۋادا تارقالغان ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ، ئىچكى قۇلىقى بولسا ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ يېقىنلاشقان قەدەم تىۋىشىغا ئىنتايىن سەزگۈر. يىلاننىڭ بۇرنى تىلىغا تايىنىپ پۇراق تەكشۈرىدۇ، تىلى ناھايىتى ھەرىكەتچان، ئەپچىل بولىدۇ، يىلان ئاغزىنى چىڭ يۇمۇۋالسىمۇ، ئاغزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كىچىك تۆشۈكىدىن ئەركىن - ئازادە چىقىرىپ، ھاۋادىكى پۇرىقى بار مىكرو زەررىچىلەرنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ. بۇ مىكرو زەررىچىلەر ئاچا تىلىنىڭ يۈزىگە يېپىشقاندا تاڭلاي قىسمىدىكى ساپانسىمان ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈلۈپ يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. بەزى يىلانلارنىڭ كۆزى بىلەن بۇرۇن تۆشۈكى ئارىلىقىدا بىر ئويۇقچىسى بار بولۇپ، تېمپېراتۇرىغا ئالاھىدە سەزگۈر، ئەگەر ئادەم تاماكا چېكىپ تۇرۇپ ياكى مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭسا، خۇددى رېئاكتىپ ئايروپىلان شالدىراق قۇيرۇقسىمان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغاندەك، شۇ خىل يىلاننىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. يىلان زەھەرلىك يىلان ۋە زەھەرسىز يىلان دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھەر چىشى بار بولۇپ، ئادەمنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ چىشلىرى چايناش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ، يېگەن نەرسىلىرىنى چاينىمايلا يۇتۇۋېتىدۇ. يىلاننىڭ ئاستىنقى ئېڭىكى بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئىككى پارچە سۆڭەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سىڭىر بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، پۈتۈن ئېڭىكى كەڭ - كۇشادە ئاستىغا ساڭگىلىيالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يىلان ئۆزىنىڭ بېشىدىن بىرقانچە ھەسسە چوڭ يېمەكلىكنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ. كىشىلەر يىلاننىڭ ياشاش خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلىۋالسىلا، ئۇنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. ھازىر كىشىلەر يىلان بېقىپ ئىستېمال قىلغاندىن ياكى زەھىرىنى ۋە ئۆتىنى ئېلىپ دورا قىلغاندىن باشقا، ھىندونېزىيىدە كۈرمەك يەيدىغان بىر خىل يىلان بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى شاللىققا قويۇپ بېرىپ، ئوت ئوتاشقا ياردەم قىلغۇزۇۋاتىدۇ: گرېتسىيىدە فۇگا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يىلان بار بولۇپ، ئۆمۈچۈككە ئوخشاش يىپ پۈركۈپ چىقىرىپ تور ياسايدۇ. يەرلىك ئاھالىلەر بۇ خىل توردىن ئىنتايىن چىداملىق بېلىق تۇتۇش تورى ياساپ پايدىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنىڭ چىرىتىشىگە چىداملىق. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بەزى جايلاردا يىلان بېقىپ ئۆيگە قارىتىدىغان ئادەت بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى

Warning: Unknown: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in Unknown on line 0

Warning: Unknown: Failed to write session data (files). Please verify that the current setting of session.save_path is correct (D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/) in Unknown on line 0
PHP Warning: session_start() [function.session-start]: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in D:\ԭļ\Bilqut_web\include\common.inc.php on line 17 PHP Warning: Unknown: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in Unknown on line 0 PHP Warning: Unknown: Failed to write session data (files). Please verify that the current setting of session.save_path is correct (D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/) in Unknown on line 0