تۆمۈرتۇمشۇق
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 15:31:58 كۆرۈلۈش سانى : 251
تۆمۈرتۇمشۇقنىڭ تەن تۈزۈلۈشى دەرەخقە يامىشىشقا ئالاھىدە ماسلاشقان، ئۇنىڭ قانىتى قىسقا ھەم دىقماق بولۇپ، تېز ئۇچۇشقا ۋە يىراققا ئۇچۇشقا ماس كەلمەيدۇ. پەقەت ئاسماندا دولقۇن شەكىلدە لەيلەپ پەسلەپ ئۇچالايدۇ. پۇتى قىسقا ھەم كۈچلۈك، پۇت بارمىقىنىڭ ئىككىسى ئالدىغا، ئىككىسى ئارقىغا قاراپ تۇرىدىغان بولۇپ، دەرەخقە يامىشىشقا ماھىر. قۇيرۇقى شىنا شەكىللىك، پەي ئوقى قاتتىق ھەم ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، قۇيرۇقى دەرەخقە يامىشىشتا ياكى دەرەخنى چوقۇلاشتا تىرەش رولىنى ئوينايدۇ.
تۆمۈرتۇمشۇقنىڭ تۇمشۇقى تۈز ھەم كۈچلۈك بولۇپ، خۇددى ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسىگە ئوخشايدۇ. ئۇ دەرەخقە بىر تەرەپتىن يامىشىپ، بىر تەرەپتىن چوقۇلاپ توك - توك ئاۋاز چىقىرىدۇ، چوقۇلاش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. ئۇنىڭ دەرەخنى چوقۇلىغاندىكى ئاۋازىغا قاراپ دەرەخ غولىدا زىيانداش ھاشارات بار ياكى يوقلۇقىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر دەرەخ غولىدا قۇرت بارلىقىنى بىلىۋالسا تىلىنى كىرگۈزۈپ تارتىپ چىقىرىپ يەيدۇ.
تۆمۈرتۇمشۇقنىڭ تىلى ناھايىتى ئۆزگىچە. ئىنچىكە، ئۇزۇن، يۇمشاق تىلى ئاغزىنىڭ سىرتىغا14 سانتىمېتىر ئۇزىراپ چىقىدۇ، خۇددى پۇرژىنىغا ئوخشاش سوزۇلالايدۇ ھەم يىغىلالايدۇ. تىلىنىڭ ئۇچىدا دۈم ئۆسكەن تىكەنلىرى ۋە يېپىشقاق سۇيۇقلۇقى بولىدۇ، زىيانداش ھاشارات، لىچىنكا ياكى ھاشارات تۇخۇمى دەرەخ غولىغا قانچە چوڭقۇر يوشۇرۇنمىسۇن ھەممىسى تۆمۈرتۇمشۇقنىڭ تىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دەرەختە قىشلايدىغان زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ% 95 ىنى تۆمۈرتۇمشۇق يوقىتىدىكەن، بۇ ھەقىقەتەن «ئورمان دوختۇرى» بولۇشقا مۇناسىپ قۇش.
تۆمۈرتۇمشۇق كۆپىنچە دەرەخ كامىرىغا چاڭگا ياسايدۇ.4 −5 - ئايلاردا تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر چاڭگىغا3 ~8 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى ئاپئاق بولىدۇ. ئەركەك، چىشى قۇش نۆۋەت بىلەن تۇخۇم باسۇرىدۇ، تۇخۇمىنىڭ باسۇرۇلۇش ۋاقتى16 كۈن. قۇش بالىلىرى چاڭگىدا18 ~21 كۈن بېقىلغاندىن كېيىن، ئۆزى ئۇچۇپ چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.
مۆتىدىل بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ھەر خىل تۆمۈرتۇمشۇقلار ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشىل تۆمۈرتۇمشۇق، چوڭ داغلىق تۆمۈرتۇمشۇق، چىپارباش تۆمۈرتۇمشۇق، چوڭ قارا داغلىق تۆمۈرتۇمشۇق ۋە ئالاھىدە ئۈچ بارماقلىق تۆمۈرتۇمشۇق قاتارلىقلار كۆپ ئۇچرايدۇ.
|
|