قىزىل پاچاق ھەيران
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-30 12:41:25 كۆرۈلۈش سانى : 124
«قارلىغاچ چاڭگىسى» ئەتىۋارلىق نازۇ نېمەت، شۇنداقلا قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى. ئۇ، قىزىل پاچاق ھەيران شۆلگەي سۇيۇقلۇقى بىلەن دېڭىز يۈسۈنلىرىنى بىر - بىرىگە يەملەپ ھاسىل قىلغان چاڭگا. قىزىل پاچاق ھەيران تىك قىيا تاشلارغا چاڭگا سالىدۇ، دىئامېتىرى15 ~20 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ خىل چاڭگا قىزىل پاچاق ھەيراننىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
قىزىل پاچاق ھەيران سۇبتروپىك بەلۋاغنىڭ ئىللىق، نەم دېڭىز قىرغاقلىرىدا ۋە ئاراللىرىدا ياشايدۇ. ھەر قېتىملىق كۆپىيىش مەزگىلىدە ئۇلار جۈپ - جۈپ بولۇپ ئائىلە قۇرۇپ، بىرلىكتە چاڭگا ياسايدۇ.
چاڭگا ياساشنى باشلىغاندا، ئەركەك - چىشىسى ئۆزلىرى تاللىۋالغان يەردىكى قىيا تاشقا دەممۇدەم ئۇچۇپ بارىدۇ، ھەر قېتىم بارغاندا ئاغزىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى قىيا تاشقا تۈكۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ شۆلگەي بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان بىر خىل يېلىم ماددىلىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ، ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا دەرھال قېتىشىپ يىپسىمان ھالەتكە ئايلىنىدۇ. سانسىز قېتىم تۈكۈرۈش نەتىجىسىدە، ئالدى بىلەن قىيا تاشتا يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك دائىرە چىقىرىۋالىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي تۈردە تۈكۈرۈپ چۆرىسىنى ئېگىزلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەۋەتمۇقەۋەت يىغىلىپ جەينەكتەك چاڭگا شەكىللىنىدۇ، ئۇنىڭ چىداملىقلىقى ۋە يېپىشقاقلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشى ئاق، يېرىم سۈزۈك بىر ئىستاكانغا ئوخشايدۇ، ساپ شۆلگەيدىن ياسىلىپ چىققان بۇ خىل چاڭگا ئەڭ قىممەتلىك «قارلىغاچ چاڭگىسى» دۇر. چاڭگا ئىچىگە ھېچقانداق نەرسە سالمايدۇ؛ ئىچىگە چىشى قىزىل پاچاق ھەيران بىۋاسىتە تۇخۇم تۇغىدۇ ۋە تۇخۇم باسۇرىدۇ، ئەركەك قىزىل پاچاق ھەيران سىرتقا چىقىپ يېمەكلىك تېپىپ كېلىدۇ. قىزىل پاچاق ھەيران بالىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئاتا - ئانىسى بىرلىكتە باقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىزىل پاچاق ھەيران تۈرلىرى ساپ شۆلگەي بىلەن چاڭگا ياسىمايدۇ. بەلكى قۇرۇق ئوت - چۆپ، پەي، لىشاينىك، مۇخ ياكى دېڭىز يۈسۈنلىرىنى شۆلگىيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىگە يەملەپ چاڭگا ياسايدۇ.
|
|