سېغىزخان
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-30 13:24:13 كۆرۈلۈش سانى : 517
سېغىزخاننىڭ تۇرقى سۆلەتلىك، پەيلىرى ئاق - قارا ئارىلاش، قارا رەڭ ئىچىدىن سۆسۈن رەڭ چاقناپ تۇرىدۇ؛ قۇيرۇقى ئۇزۇن، بىر يەرگە قونغاندا قۇيرۇقىنى ئاستى - ئۈستىگە شىپاڭلىتىپ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ.
سېغىزخاننىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى قالايمىقان، ھەر كۈنى ئەتىگەندە توپ - توپ بولۇپ ئېتىز - دالىلاردىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئېتىزلىقتىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا جۈپ - جۈپ بولۇپ سەكرەپ يۈرۈپ زىيانداش ھاشاراتلارنى قوغلاپ تۇتىدۇ، ھەر كۈنى نۇرغۇن چېكەتكە، خارتۇملۇق قوڭغۇز، موزايۋېشى، قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى ۋە تۈن پەرۋانىسى قاتارلىق زىيانداش قۇرتلارنى يەيدۇ. شۇڭا، «ئېتىز قاراۋۇلى» دەپ شەرەپلىك نام ئالغان.
سېغىزخان تۈزلەڭلىك، يېزا - قىشلاق ۋە شەھەرلەردىكى دەرەخلىكتە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. چاڭگىنى بۇرۇن سالىدۇ، چاڭگىسىنى چوڭ دەرەخقە سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. خەلق ئارىسىدا «سېغىزخاننىڭ سايرىشى خۇش خەۋەردىن بېشارەت بېرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ سايرىشى خۇشاللىق ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى كىلىمات بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئوخشاش بولمىغان سايراش ئاۋازى بولغۇسى ھاۋا ئۆزگىرىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ. سېغىزخان ئەتىگەندە مۇڭلۇق ئاۋاز چىقىرىپ، بىر تەرەپتىن سەكرەپ، بىر تەرەپتىن سايرىسا، ئەركىن - ئازادە ھەرىكەت قىلسا، بۇ، ھاۋا ئوچۇق بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى؛ ئەگەر دەرەختە بىردەم ئۇچۇپ، بىردەم قونۇپ، قالايمىقان سايراپ ئاۋازى ئېگىز - پەس بولسا ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر قىلغانلىقى بولىدۇ.
|
|