بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> سازاڭسىمان مەددە

سازاڭسىمان مەددە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-21 12:33:01    كۆرۈلۈش سانى : 188  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
سازاڭسىمان مەددە ئاسكارىدا ياكى يىلان مەددە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سازاڭسىمان مەددە نەرسە - كېرەك يېگەندە تازىلىققا رىئايە قىلمايدىغان كىچىك دوستلارنى ئىزدەپ تېپىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بۇلاپ - تالاپ تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشايدۇ. قورسىقىدا سازاڭسىمان مەددە بار ئادەم تاماقنى قانچىكى ياخشى يېسىمۇ، تاتىراڭغۇ، ياداڭغۇ بولىدۇ، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى يېتىشمەيدۇ، چۈنكى يېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سازاڭسىمان مەددە ئوغرىلاپ يەپ كېتىدۇ. ئېغىر بولغاندا، سازاڭسىمان مەددە ئۈچەي دىۋارىنى تېشىۋېتىپ، قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم سازاڭسىمان مەددىسىنىڭ شەكلى سازاڭغا ئوخشايدۇ. ئەركىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى15  ~30  سانتىمېتىر، چىشىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى20  ~35  سانتىمېتىر، ئادەمنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيىدە ياشايدۇ ھەمدە ئىنچىكە ئۈچەيدە چېتىشىپ كۆپىيىدۇ. ھەربىر تال چىشى سازاڭسىمان مەددە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن200  مىڭ دانە تۇخۇم تۇغىدۇ. مەددىنىڭ تۇخۇمى چوڭ تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇملار نەم، سايە ۋە ئوكسىگېن يېتەرلىك مۇھىتتا يېتىلىپ يۇقۇملىنىشچان تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر يۇقۇملىنىشچان تۇخۇمنى ئادەم يەپ سالسا، ئىنچىكە ئۈچىيىدە تۇخۇمدىن چىقىپ لىچىنكىغا ئايلىنىدۇ؛ لىچىنكىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئۈچەي دىۋارىنى تېشىپ كىرىپ، قان تومۇرىغا ياكى لىمفا تومۇرىغا كىرىۋالىدۇ، ئاخىرىدا ھەممىسى جىگەرگە يېتىپ بارىدۇ. بىرقانچە كۈندىن كېيىن، لىچىنكىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ ئوڭ قېرىنچىسىدىن ئۆتۈپ ئۆپكىگە بارىدۇ ھەمدە قىل قان تومۇرلارنى تېشىپ ئۆتۈپ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە كىرىدۇ؛ ئاندىن كاناينى بويلاپ تەتۈرىگە مېڭىپ، كېكىرتەك - يۇتقۇنچاققا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەمنىڭ يەنە يۇتۇشى ئارقىلىق ئىنچىكە ئۈچەيگە كىرىدۇ ھەمدە ئىنچىكە ئۈچەي ئىچىدە يېتىلىپ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. ئادەم سازاڭسىمان مەددىسىنىڭ يۇقۇملىنىشچان تۇخۇمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرگىنىدىن باشلاپ، يېتىلگەن قۇرتنىڭ يېتىلىشى، تۇخۇم تۇغۇشىدىن ئىبارەت پۈتۈن ھاياتلىق تارىخى ئۈچۈن تەخمىنەن60  −70  كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۆمرى ئادەتتە1  -2  يىل بولىدۇ. سازاڭسىمان مەددىنىڭ يۇقۇملىنىشچان تۇخۇمى ئادەتتە ئېغىز ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئەگەر يۇيۇلمىغان مېۋە - چېۋە ياكى چىۋىن قونغان يېمەكلىكلەرنى يەپ سالسا، سازاڭسىمان مەددە كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تازىلىققا رىئايە قىلىپ، تازىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش سازاڭسىمان مەددە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى. بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر تازىلىقى ياخشى بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچمەسلىك؛ تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇشتەك تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى