مۈشۈكياپىلاق
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-15 10:47:02 كۆرۈلۈش سانى : 329
كىشىلەر قەدىمدىن تارتىپ مۈشۈكياپىلاقنى «خەيرسىز ھايۋان» دەپ قاراپ كەلگەن، ھەتتا ئۇنى «شۇم خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان قۇش» دەپ قاراپ كەلگەن. بۇ بىر ئىنتايىن چوڭ ئۇۋالچىلىق.
ئەمەلىيەتتە، مۈشۈكياپىلاق چاشقان تۇتۇش ماھىرى بولۇپ، ئۇنىڭ% 95 يېمەكلىكى دالا چاشقىنى. بىر دالا چاشقىنى بىر يازدا1 كىلوگرام ئاشلىقنى زايە قىلىدۇ، بىر مۈشۈكياپىلاق بولسا بىر يازدا نەچچە مىڭ دالا چاشقىنىنى يەيدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يازدا ئىنسانلار ئۈچۈن1000 كىلوگرام ئاشلىقنى قوغداپ بېرىدۇ، بۇ1000 كىلوگرام ئاشلىق ئۈچ ئادەمنىڭ بىر يىللىق ئاشلىق نورمىسى بولىدۇ.
مۈشۈكياپىلاقنىڭ بېشى چوڭ، يۈزى يۇمىلاق، چوڭ ئىككى كۆزىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدۇ؛ پۈتۈن تېنىدىكى پەيلىرى يۇمشاق ھەم يەڭگىل، ئۇچقاندا ئاساسەن ئاۋاز چىقارمايدۇ. ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر، قۇلاق تۆشۈكىنىڭ ئالدىدا تېرە پۈرمە پەردىسى بار بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنىنىڭ يىغىلىشىنى كۈچەيتىپ بېرىدۇ، قۇلىقىنىڭ ئەتراپىدا شولىسىمان جايلاشقان پەيلەر بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاۋاز دولقۇنىنىڭ يىغىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. پۇتلىرىدىكى كۈچلۈك تىرناقلىرى ئوزۇقلۇق تۇتۇشتىكى كۈچلۈك قورالى.
قاپقاراڭغۇ كېچىدە مۈشۈكياپىلاق ھىيلىگەر چاشقاننى دەلمۇدەل نىشانلاپ تۇتالايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ كۆرۈش پەردىسى ئاساسلىقى سىلىندىرسىمان ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان (ئادەمنىڭ كۆرۈش پەردىسى كونۇسسىمان ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپىدۇ) بولۇپ، كېچىدىكى يورۇقلۇق سېزىش دەرىجىسى ئادەم كۆزىنىڭكىدىن100 ھەسسە يۇقىرى. مۈشۈكياپىلاق سېكۇنتىغا8500 قېتىم تەۋرىنىدىغان يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋاز دولقۇنىنى سېزەلەيدۇ، دالا چاشقىنى ھەرىكەت قىلغاندا پەيدا بولىدىغان ئاۋاز دولقۇنى دەل مۇشۇ يۇقىرى چاستوتا دائىرىسىدە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق چاشقان مۈشۈكياپىلاقنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
مۈشۈكياپىلاقنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، دۆلىتىمىزدىلا30 دىن ئارتۇق تۈرى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن قۇلاق مۈشۈكياپىلاق ۋە سازلىق قارىغۇياپىلىقى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ھەر يىلىدىكى چاشقاننىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە باغلىق. مەسىلەن، چاشقان كۆپ، يېمەكلىكى مول بولسا سازلىق قارىغۇياپىلىقى ھەر بىر چاڭگىغا ئون نەچچە دانە تۇخۇم تۇغىدۇ؛ ئەگەر كۆچۈپ يۈرسە، چاشقان كۆپ بولمىسا ئاران2 -3 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ تۇخۇم باسۇرۇشى باشقا قۇشلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىر تەرەپتىن تۇخۇم تۇغۇپ، بىر تەرەپتىن تۇخۇم باسۇرىدۇ. شۇڭا، بالىلىرىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىشىدا ئىلگىرى - كېيىنلىك بولىدۇ. |
|