بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> زىراپە

زىراپە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-27 13:34:11    كۆرۈلۈش سانى : 424  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
زىراپە دۇنيا بويىچە بويى ئەڭ ئېگىز ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئېفىئوپىيە، سۇدان، كېنىيە، تانزانىيە ۋە زامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. لېكىن، زىراپىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئاسىيا ئىدى. پالېئونتولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، زىراپىنىڭ پەيدا بولغان ئورنى ئاسىيا ئىكەن. بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا بۇنىڭدىن20  مىليون يىلدىن2  −3  مىليون يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا زىراپىنىڭ ئەجدادى ياشىغانىكەن، ئەمما بوينى ۋە پۇتلىرى ھازىرقى زاماندىكى زىراپىنىڭكىدەك ئۇزۇن ئەمەس ئىكەن. كېيىن، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە كىلىماتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، يېمەكلىك يېتىشمىگەنلىكتىن بوينى قىسقىراق زىراپە ئېگىز دەرەختىكى يوپۇرماقلارغا بويى يەتمەي، ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، بوينى ئۇزۇنراق زىراپە قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ قالغان. شۇنداق قىلىپ زىراپىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى تەدرىجىي تارىيىپ، شەرقىي ئافرىقا بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىغا مەركەزلىشىپ قالغان.15  - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جېڭ خې غەربىي ئوكيانغا دېڭىز سەپىرى قىلغاندىن كېيىن ئەرەب پادىشاھى دوستلۇق ۋە يېقىنچىلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگوغا ئالاھىدە ئەلچى بىلەن بىر زىراپە ئەۋەتىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يوڭلىغا سوۋغا قىلغان. پايتەختتە بىر مەھەل زىلزىلە كۆتۈرۈلۈپ، كىشىلەر ئۇنى ئىلاھ دەپ قاراپ، باش ئۇرغانىدى. زىراپىنىڭ بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن5  −6  مېتىر چىقىدۇ، پۈتۈن تېنى كۆزنى چاقنىتىدىغان گۈللۈك كىيىم بىلەن پۈركەنگەن. بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزى تۆت ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. زىراپە يىراقتا تۇرغان يامان نىيەتلىك رەقىبىنى بايقىغاندا، دەسلىپىدە پىسەنت قىلماي، قەتئىي جىددىيلەشمەي، بەخۇدۇۇك تۇرۇۋېرىدۇ. رەقىبى يېقىنلاشقاندا، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ قاچىدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى50  −60  كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭغا رەقىبى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ھەرگىز بوش كەلمەيدۇ، تۆمۈر سۈپۈرگىدەك ئۇزۇن پۇتلىرى بىلەن قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ھەتتا شىرنىمۇ تېپىپ موللاق ئاتقۇزۇۋېتىدۇ. زىراپىنىڭ كاللىسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك مۇداپىئە قورالى بولۇپ، پېشانىسىدىكى بىر پارچە قاتتىق سۆڭەك ئۆسمىسىنى ئىشقا سالسا خۇددى بىر تۆمۈر بولقىغا ئوخشايدۇ، چوڭ بۆكەننى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈۋېتەلەيدۇ. زىراپىدە «ئېگىزلىكتە ئوزۇقلىنىش» ماھارىتى بولغانلىقتىن5  −6  مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرەخ شاخلىرىغا سوزۇلمىسىمۇ بويى يېتىدۇ. ئۇ ئادەتتە سېرىق ئاكاتسىيە خىلىدىكى يىل بويى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقى ۋە يۇمران شېخىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر كۈنى35  كىلوگرام ئەتراپىدا دەرەخ يوپۇرمىقى يەيدۇ. چىشى زىراپە بوغاز بولۇپ14  ئايدىن كېيىن تۇغىدۇ. تەخمىنەن ھەر ئىككى يىلدا بىر بالا تۇغىدۇ. بالا زىراپە بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشايدۇ. زىراپىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى تەخمىنەن14  −15  يىل، ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىرى30  يىلدىن ئارتۇق ياشايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى