مىڭئاياغ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-20 11:17:54 كۆرۈلۈش سانى : 512
مىڭئاياغ بىر خىل بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. تېنى يۇمىلاق كاناي شەكىللىك ياكى ئۇزۇن ياپىلاق، باش ۋە گەۋدىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بېشىدا بىر جۈپ توم، قىسقا ئانتېننىسى بولىدۇ؛ گەۋدىسى كۆپلىگەن تەن بوغۇملىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، تەن بوغۇملىرى كۆپ بولغاندا بىرقانچە يۈزگە يېتىدۇ. بىرىنچى بوغۇمىدا پۇت بولمايدۇ،2 ~4 بوغۇملىرىنىڭ ھەربىرىدە بىر جۈپتىن پۇت بولغاندىن سىرت قالغان بوغۇملىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىككى جۈپتىن پۇت بولىدۇ، شۇڭا پۇتلىرى ناھايىتى كۆپ. شىمالىي ئامېرىكىدىكى پانامانىڭ تاغ جىلغىسىدا بىر خىل چوڭ مىڭئاياغ بار بولۇپ، پۈتۈن تېنىدە175 بوغۇم، جەمئىي690 پۇت بولىدۇ، ئۇنى دۇنيا بويىچە پۇتى ئەڭ كۆپ بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان دېسە بولىدۇ.
مىڭئاياغنىڭ تۇغۇلۇشىدىلا ئۇنچە كۆپ پۇتى بولمايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان لىچىنكىسىدا ئاران يەتتە بوغۇم بولىدۇ، بىر قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن بوغۇمى كۆپىيىپ11 گە، پۇتلىرى يەتتە جۈپكە يېتىدۇ؛ ئىككىنچى قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن بوغۇمى كۆپىيىپ15 كە ، پۇتلىرى15 جۈپكە يېتىدۇ؛ بىرقانچە قېتىم ھالەت ئۆزگەرتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تەن بوغۇملىرى تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، پۇتلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ. مىڭئاياغنىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن تۈرلىرى بار. بەزىلىرىنىڭ تېنى بىرقەدەر كىچىك بولۇپ، ئاران2 مىللىمېتىر چىقىدۇ؛ چوڭ مىڭئاياغ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ پۇتى خېلىلا ئاز بولىدۇ.
مىڭئاياغ ماڭغاندا ئوڭ - سول ئىككى يېنىدىكى پۇتلىرى بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالدى - كەينى پۇتلىرى نۆۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرىكىتى بىر - بىرىگە زىچ ئۇلىشىپ دولقۇنسىمان ھەرىكەت بولۇپ شەكىللىنىدۇ ھەم ناھايىتى رىتىملىق بولىدۇ. ئەمما، پۇتلىرى گەرچە شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.
مىڭئاياغ ئادەتتە توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، نەم سايە ئورۇندا، مەسىلەن، قۇرۇق شاخ - شۇمبىلار دۆۋىسى ئىچىدە ياكى تاش ئاستىدا ياشايدۇ. مەخسۇس غازاڭ، چىرىندىلەرنى يەيدۇ، ئاز ساندىكى تۈرلىرى ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمران بىخ، يىلتىزلىرىنى يەيدۇ، شۇڭا يېزا ئىگىلىكىدىكى زىيانداش ھېسابلىنىدۇ.
مىڭئاياغدا زەھەرلىك تاڭلاي بولمايدۇ، ئادەم چاقمايدۇ، لېكىن، ئۇنىڭدا مۇداپىئە كۆرۈش قورالى ۋە ئىقتىدار بولىدۇ. خەتەرگە يولۇقسا دەرھال تۈگۈلۈۋېلىپ قىمىر قىلماي جىم يېتىۋالىدۇ ياكى باشقا جايغا يۇمىلاپ بېرىۋالىدۇ، خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى قويۇۋېتىپ سوزۇلۇپ ئۆمىلەپ ماڭىدۇ. مىڭئاياغنىڭ تەن بوغۇمىدا سېسىق بەز بار بولۇپ، بىر خىل زەھەرلىك سېسىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. پۇرىقى بەتبۇي بولۇپ، ئۆي قۇشلىرى ۋە باشقا قۇشلار چوقۇلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. |
|