قىزىلپېچ قۇشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-01 11:19:31 كۆرۈلۈش سانى : 133
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قىزىلپېچ قۇشى ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت قۇشى بولۇپ، ئاجايىپ غەلىتە «بولكا پىشۇرۇش پېچى» ياسايدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر.
«بولكا پىشۇرۇش پېچى» دېگىنىمىزدە ھەقىقىي بولكا پىشۇرۇلمايدۇ، بەلكى ئۇ قىزىلپېچ قۇشى ياسايدىغان بىر خىل سوقىچاق شار شەكىللىك چاڭگا. ياسىلىپ بولغان چاڭگا قۇرۇغاندىن كېيىن رەڭگى قىزىل، قاتتىق، مۇستەھكەم بولۇپ، شەكلى خۇددى پېچقا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىكلەر ئۇنى «بولكا پىشۇرۇش پېچى» دەپ ئاتايدۇ.
قىزىلپېچ قۇشىنىڭ چاڭگىسى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، كالا تېزىكى، شال پاخىلى، ئۆسۈملۈك ئۇۋاقلىرى قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئەركەك، چىشى قۇش بىرلىشىپ نەچچە مىڭ تال كىچىك لاي كۇمىلىچىنى چاڭگا ئۇلىغا توشۇيدۇ. ئاندىن كالا تېزىكى قاتارلىق ماتېرىياللارنى يىغىپ كېلىپ، ئۇلارنى تۇمشۇقى ۋە پۇتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ «لاي» ئېتىپ، «لاي» بىلەن چاڭگا ياسايدۇ. ئوڭۇشلۇق بولسا يېڭى ئۇۋىسىنى ئىككى ھەپتىدە پۈتكۈزۈپ بولىدۇ.
قىزىلپېچ قۇشى چاڭگىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ ئىككى بۆلۈمچىگە بۆلۈنىدۇ. كىرىش ئېغىزىدىن تار ئالدى بۆلۈمچىسىگە كىرىپ، ئوتتۇرىسىدىكى تامدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ ئىچىدىكى كەڭتاشا تۇخۇم باسۇرۇش بۆلۈمچىسىگە كىرىدۇ، بۆلۈمچە ئىچىگە ئوت - چۆپلەردىن پايدىلىنىپ يۇمشاق تۆشەك سېلىنىدۇ. بۇ يەر ھەم تۇغۇت ئۆيى، ھەم بالا بېقىش ئۆيى قىلىنىدۇ. ئەركەك، چىشى قىزىلپېچ قۇشى مۇشۇ ئۆيدە جۈپلىشىپ بالىسىنى يېتىلدۈرىدۇ. تۇخۇم تۇغۇلۇپ تەخمىنەن5 −6 ھەپتىدىن كېيىن، بالىلىرىغا پەي - قانات چىقىپ چاڭگىدىن ئايرىلىپ، شۇ كەتكىنىچە كەلمەيدۇ. چۈنكى، تروپىك بەلۋاغنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى قىزىق ئاپتاپتا ئۇۋىنىڭ تېمپېراتۇرىسى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىدۇ.
|
|