بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> قاپلان

قاپلان

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-23 15:10:24    كۆرۈلۈش سانى : 230  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئافرىقا قاپلىنى ھايۋانلار ئىچىدىكى قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش چېمپىيونى. ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى75 .0 مېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى50  كىلوگرام، پۈتۈن تېنى قارا داغلار بىلەن تولغان سېرىق رەڭلىك يۇڭ بىلەن قاپلانغان. قارىماققا تەقى - تۇرقى زىلۋا، قاملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ زىراپە ۋە زېبرا بىلەن قوشۇلۇپ ھايۋانات دۇنياسىدىكى «ئۈچ شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ. قاپلاننىڭ كۆزى ئۆتكۈر، تۆت پۇتى مەزمۇت، ھەرىكىتى چاققان. ئافرىقا قىتئەسىدىكى بەش چوڭ ئوۋچى ھايۋان (شىر، سىرتلان، ياۋا ئىت، يىلپىز ۋە قاپلان) لار ئىچىدە ئىككىنچى قاتارغا تىزىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن بۆكەن ۋە ياۋا توشقاننى ئوۋلاپ يەيدۇ. ئوۋ ئوۋلاش ۋاقتىدا كۆپىنچە ئايلىنىپ يۈرۈپ قورشىۋېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئوۋغا ئارقىدىن ياكى ياندىن ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ياكى چاتقاللىققا مۆكۈنۈۋېلىپ، جىم يېتىپ كۈچ توپلاپ ھالسىرىغان ئوۋنى كۈتىدۇ. ئەگەر ئوۋ50  مېتىر ئارىلىققىچە يېقىنلاشسا دەرھال ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، ئوۋنى ئىككى سېكۇنت ئىچىدە ئاستىغا بېسىۋالىدۇ. كۆزىتىشلەرگە ئاساسلانغاندا، قاپلان تىنچ تۇرغان ھالەتتىن سائەتلىك سۈرئىتىنى70  كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاران ئىككى سېكۇنت ۋاقىت كېتىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى110  كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. لېكىن، قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش چېمپىيونى بولغان قاپلاننىڭمۇ ئاجىزلىق تەرىپى بار. ئۇنىڭ جۇغى كىچىك، تىرناقلىرى ئۆتكۈر ئەمەس، شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزىنىڭكىدىن ئېغىر بولغان ھايۋانلارنى ئاسانلىقچە ئوۋلىيالمايدۇ. قاپلاننىڭ پۇتلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن، تۈز بولىدۇ، كىچىك دۆڭگە ئۇچراپ قالسا جىددىي بۇرىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قوغلاپ تۇتماقچى بولغان ئوۋ ھەرە چىشى شەكلىدە لىنىيە تۈزۈپ قاچىدۇ ياكى دۆڭلۈكلەر ئارىلىقىدا ئۇيان - بۇيان قالايمىقان قاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاپلان تېز يۈگۈرۈشتەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالماي، بىكار ئاۋارە بولۇپ، داغدا قېلىپ قايتىپ كېلىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، قاپلاننىڭ ئوت - چۆپلەر پاكار ئۆسكەن، يەر شەكلى تەكشى جايلاردىكى ئوۋ ئوۋلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى% 70 كە يېتىدىكەن، ئوت - چۆپلىرى ئېگىز، ئېگىز - پەس جايلاردىكى نىسبىتى ئاران % 37 بولىدىكەن. قاپلاننىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. كۆپىنچە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىپ، كېچىسى ئارام ئالىدۇ، بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگەن تۇرىدۇ. ئۇ ئادەتتە سەھەر سائەت بەش يېرىم ئەتراپىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتتا چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ماڭغاندا ھوشيارلىق بىلەن پات - پات توختاپ ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىدىمۇ تەخمىنەن ھەر6  مىنۇتتا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆت ئەتراپتىكى شەپىنى كۆزىتىدۇ. قاپلان ھەر كۈنى تەخمىنەن4  كىلومېتىر يول ماڭىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون نەچچە كىلومېتىر ماڭىدۇ. ئۇ ئادەتتە ھەركۈنى بىر ئوۋنى تۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ، بىر ۋاخلىقىغا تەخمىنەن9  كىلوگرام گۆش يەيدۇ. بەزىدە بىر چوڭ بۆكەننى تۇتۇۋالسا1  -2  كۈن يەيدۇ. قاپلان ئۇۋىسىنى ئادەم ۋە باشقا ھايۋانلار ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان ئورماننىڭ ئىچىگە ياكى سازلىققا ياسايدۇ. چىشى قاپلان بىر قېتىمدا1  ~6  نى تۇغىدۇ. كۈچۈكى بىر ياشقا تولغاندىن كېيىن مۇستەقىل ياشايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى