سازاڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-03 11:49:02 كۆرۈلۈش سانى : 199
سازاڭنىڭ كۆزى بولمايدۇ، لېكىن توپا تېشىشكە ماھىر. مەشھۇر بىئولوگىيە ئالىمى دارۋىن ئۇنى ماختاپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئەگەر ساپان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى دېيىلسە، ئۇنداقتا ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا يەرنى سازاڭ ھەيدەپ تۇرغانىدى، ئۇ يەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھەيدەيدۇ.»
سازاڭ ئادەتتە10 ~30 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نەم، بوش تۇپراقتا ياشايدۇ، ئاساسلىقى تەركىبىدە ئورگانىك ماددىلىرى بار چىرىندى تۇپراق ۋە باشقا ئارىلاش ماددىلارنى يەيدۇ. ئۇنىڭ تېگىشنى سېزىش ئەزاسى تەرەققىي قىلغان، يەر ئۈستىدىكى سىلكىنىش، شاۋقۇن، يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق قاتارلىقلارغا سەزگۈر كېلىدۇ. ھەر يىلى باھار، كۈز پەسىللىرى ئۇنىڭ ئۆسۈش ۋە كۆپىيىش مەزگىلى. ئۇنىڭ قايتا ئۆسۈش (رېگىنراتسىيە) ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يارىلانسا ياكى كېسىۋېتىلسە (بېشىدىن يىراقراق ئالدى قىسمى) تۆرەلمىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل ئارىلىق ھۈجەيرە ھاسىل قىلىپ، ھەر خىل توقۇلمىلارنى دىففېرېنسىيىلەپ چىقىرىپ داۋاملىق ياشىيالايدۇ.
سازاڭنىڭ «جاپالىق» يەر ھەيدىشى بىلەن تۇپراق بوشاپ، ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ گەندىسى بىر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورگانىك ئوغۇت، بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە،100 مىڭ تال سازاڭ بىر يىل ئىچىدە6 −7 توننا گەندە چىقىرىدىكەن. سازاڭ يەنە توخۇ، ئۆردەك، چوشقا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوزۇقلۇقى. ئەمەلىيەت سازاڭ بىلەن باققان ئۆي قۇشلىرىنىڭ تېز چوڭىيىدىغانلىقىنى، گۆشىنىڭ تەملىك بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
سازاڭنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ زور مىقداردىكى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماقتا. ياپونىيىدە بىر زاۋۇت1 مىليارد تال سازاڭ بېقىپ كېرەكسىز ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىشتا پايدىلىنىپ ھەر كۈنى قەغەز ياساشتىن چىققان كېرەكسىز سۇيۇقلۇقتىن50 توننىنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن ھەمدە5 .2 توننا سازاڭ گەندىسىگە ئېرىشىدىكەن.
ھازىر، سازاڭ بېقىش تاۋارلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. خەلقئارادا ھەر يىلى سازاڭ سودىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىرقانچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. سازاڭنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مول، شۇڭا يېمەكلىك قىلىشقا بولىدۇ، قۇرۇتۇلغان سازاڭدا% 70 تىن ئارتۇق ئاقسىل بولىدۇ، يېڭى سازاڭدا تەخمىنەن% 40 ئەتراپىدا ئاقسىل بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە سازاڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى جۇڭيى دورىسى بولۇپ «دىلۇڭ» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ئۆپكىنى نەمدەپ، يۆتەل توختىتىش، ھەيز ماڭدۇرۇپ تۈگۈن يوللارنى ئېچىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.
دۇنيا بويىچە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان سازاڭنىڭ تەخمىنەن2500 دىن ئارتۇق تۈرى، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن2000 تۈرى بار. ئەڭ چوڭ سازاڭ ئاۋسترالىيىدىكى چوڭ سازاڭ بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى123 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ؛ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سازاڭ ھالقا تۈكلۈك چوڭ سازاڭ بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى70 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.
|
|