بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھايۋاناتلار >> فرىگاتامىنور قۇشى

فرىگاتامىنور قۇشى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-08 17:37:29    كۆرۈلۈش سانى : 111  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
فرىگاتامىنور قۇشى كېمە قۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ چوڭ تىپتىكى، تروپىك بەلۋاغ دېڭىز قۇشى بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە مەلۇم بولغان بەش تۈرى بار، ئاساسەن تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكياننىڭ تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ياشايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدا ۋە شىشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرىغىمۇ تارقالغان. فرىگاتامىنور قۇشىنىڭ پۈتۈن پەيلىرى قارا، ئارىلاپ كۆك ۋە يېشىل پارقىراق پەيلىرى بولىدۇ، بوغۇزى، پۇتىنىڭ بارماقلىرى توق قىزىل، چىشى قۇشنىڭ بوينىنىڭ تۆۋەن تەرىپى، كۆكرەك قىسمى ئاق، پەيلىرىدە پارقىراقلىق كەمچىل. ئۇنىڭ كۆكرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇچۇشقا ماھىر، شۇڭا «ئۇچۇش چېمپىيونى» دېگەن نامى بار. ئىككى قانىتىنى كەرسە2  ~5  مېتىر چىقىدۇ. ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋاقتىدىكى سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتى400  كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ئۇچىدىغان قۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە1200  مېتىر ئېگىزلىككە ئۇچۇپ چىقىپلا قالماستىن، ئۇۋىسىدىن توختىماي1600  كىلومېتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ بارالايدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچقانلىرى4000  كىلومېتىر يىراقلىققا ئۇچىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ12  بال بوراندىنمۇ قورقماي، بىخەتەر ئۇچۇپ، بىخەتەر قونغانلىقىنى كۆرگەنىكەن. فرىگاتامىنور قۇشى ئادەتتە دېڭىز بويىدىكى دەرەخلىككە قونىدۇ، ئاساسلىقى بېلىق، يۇمشاق تەنلىك ھايۋان ۋە مېدۇزىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. كۈندۈزى دېڭىز يۈزىدە پەرۋاز قىلىپ، سۇدىن يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، سۇ يۈزىدە بېلىق بايقالغان ھامان تېز سۈرئەتتە شۇڭغۇپ، سۇدىكى ئوۋنى دەل تۇتۇۋالىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، ئۇ ئۆزى قول تىقىپ يېمەكلىك تۇتۇشقا ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ۋايىگە يەتكەن ئۇچۇش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، يول توسۇپ باشقا قۇشلارنىڭ ئوۋلىرىنى بۇلايدۇ. ئەگەر ئۇ قوشنىسى بولغان قىزىلپاچاق دېڭىز ئۆردىكى (ئاق قورساق سۇلا قۇشى) نىڭ بېلىق تۇتۇپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسا، ئۇشتۇمتۇت ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، قىزىلپاچاق دېڭىز ئۆردىكىنىڭ ئاغزىدىكى بېلىقنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇرلايدۇ، ئاندىن تېز سۈرئەتتە شۇڭغۇپ، تۆۋەن چۈشۈپ كېتىۋاتقان بېلىق، راكنى يېرىم يولدا تۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. فرىگاتامىنور قۇشىدا «بۇلاڭچىلىق» قىلىقى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «قاراقچى قۇش» دەپمۇ ئاتايدۇ. ھەر يىلى2  −3  - ئايلار فرىگاتامىنور قۇشىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى. يېڭى جۈپلەشكەن فرىگاتامىنور قۇشى دېڭىز ئارىلىدىن بىر خىلۋەت جاينى تاللاپ يېڭى چاڭگا سالىدۇ. ئەركەك قۇش ئەتىگەندىن كەچكىچە سىرتقا چىقىپ دەرەخ شاخلىرىنى يىغىپ كېلىدۇ؛ چىشى قۇش چاڭگا سېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. چىشى قۇش بىر چاڭگىغا1  −2  دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمنى تۇغۇپ بولۇپلا باسۇرۇشقا باشلايدۇ. ئەركەك قۇش ئوزۇقلۇق تېپىپ كېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپلا قالماستىن، تېخى «ئايالى» بىلەن ئالمىشىپ20  كۈن ئەتراپىدا تۇخۇم باسۇرىدۇ. تۇخۇم40  −50  كۈن باسۇرۇلغاندىن كېيىن چۈجىسى تۇخۇمدىن چىقىدۇ. چۈجىسى قىپيالىڭاچ بولۇپ، كۆزلىرى يۇمۇق تۇرىدۇ، پەقەت ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاغزىدىكى يېمەكلىكنى چوقۇلاپ يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىلا بىلىدۇ. ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن كىچىك فرىگاتامىنور قۇشى قانات قېقىپ ئۇچالايدىغان بولىدۇ، لېكىن يەنىلا ئاتا - ئانىسىنىڭ بىر مەزگىل بېقىشىغا تايىنىدۇ. بىر ياشقا توشقاندىن كېيىن ئاندىن مۇستەقىل ياشىيالايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئادەم قېنىنى شوراي...
●  باكتىرىيە ئامبىرى ...
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان
●  فرىگاتامىنور قۇشى
●  سازاڭ
●  ئاق چۈمۈلە
●  قىزىلپېچ قۇشى
●  قىزىل پاچاق ھەيران
●  قاپلان
●  قاغا
●  سازاڭسىمان مەددە
●  قۇندۇز (دەريا قامىس...
●  توقۇمىچى قۇش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئادەم قېنىنى شورايدىغان...
●  باكتىرىيە ئامبىرى چىۋىن
●  زىراپە
●  تۆمۈرتۇمشۇق
●  سېغىزخان
●  پاتمىچۇق
●  خانقىز
●  مىڭئاياغ
●  مۈشۈكياپىلاق
●  يىلان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى