ئادەم قېنىنى شورايدىغان چىشى پاشا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:38:22 كۆرۈلۈش سانى : 2994
پاشىلار ئىچىدىكى ئەڭ يىرگىنىچلىكى ئادەم قېنىنى شورايدىغان پاشا. چىشى، ئەركەك پاشىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى پەقەت ئوخشىمايدۇ، ئەركەك پاشا «گۆشسىز تاماق يەيدۇ»، ئۇ مەخسۇس ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل شىرنىسى ۋە مېۋە، غول، يوپۇرماقلارنىڭ شىرنىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. چىشى پاشا ئاندا - ساندا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىرنىسىنى تېتىپ كۆرىدۇ، لېكىن چېتىشقاندىن كېيىن قان شورىماي تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ قان شورىغاندىن كېيىنلا ئاندىن تۇخۇمدىنى يېتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ قېنىنى پەقەتلا چىشى پاشا شورايدۇ.
پاشىنىڭ بىر جۈپ سېزىش بۇرۇتى ۋە ئۈچ جۈپ پۇتىغا نۇرغۇن ئايلىنىپ ئۆسكەن سېزىش تۈكلىرى تارقالغان بولۇپ، ھەربىر سېزىش تۈكىگە يۇمىلاق ياكى سوقىچاق ئۇششاق تۆشۈكلەر زىچ تىزىلىدۇ. كېچىسى پاشا مۇشۇ خىل سېزىش ئاپپاراتىغا تايىنىپ، ئادەم ھاۋاغا چىقارغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سېزىپ، مىڭدىن بىر سېكۇنت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قېنىنى شورايدىغان ئوبيېكتى بار جايغا دەلمۇ دەل ئۇچۇپ بارالايدۇ. پاشا قان شوراشتىن بۇرۇن تەركىبىدە ئانتىكوئاگۇلىن (قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى ماددا) بار شۆلگەينى تېرە ئاستىغا كىرگۈزۈپ، قان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاننى ئۇيۇپ قالمايدىغان سۇيۇق قان پلازمىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن تېنىدە ساقلىنىپ قېلىپ ھەزىم بولمىغان كونا قاننى قۇسۇۋېتىپ، يېڭى قاننى شورايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنى بىرلا ۋاقىتتا10 مىڭ دانە پاشا چاقسا، شۇ ئادەمنىڭ قېنىنى تامامەن شوراپ بولىدۇ.
پاشا قان شوراشتا تېخى «سېمىزىنى تاللاپ، ئورۇقىنى شاللىۋېتىپ» مەخسۇس ئۆزىگە تېتىغۇدەك ئوبيېكتنى ئىزدەيدۇ. پاشا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىڭ ياستۇقى يېنىدا «غىڭىلداپ» چۆرگىلىگەندە يېقىن ئارىلىقتىكى سېزىش ئاپپاراتىغا (سېزورلىرىغا) تايىنىپ تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە تەرنىڭ خىمىيىۋى تەركىبىنى سېزەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پاشا ئالدى بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى، كۆپ تەرلەيدىغان ئادەمنى چاقىدۇ. چۈنكى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، كۆپ تەرلەيدىغان ئادەمنىڭ تېنىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان پۇراق تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتا، سۈت كىسلاتا ۋە ئاممىياك تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، پاشىنى ناھايىتى ئوڭاي جەلپ قىلىدۇ.
پاشىنىڭ ئاساسلىق زىيىنى كېسەل تارقىتىش. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، پاشا تارقىتىدىغان كېسەللىكلەر80 خىلدىن ئاشىدىكەن. يەر شارىدا ھېچقانداق ھايۋاننىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى پاشىنىڭكىدەك ئۇنداق زور بولمايدۇ.
دۇنيادا پاشىنىڭ2000 دىن ئارتۇق تۈرى، دۆلىتىمىزدە140 دىن ئارتۇق تۈرى بار. كېسەل تارقىتىدىغان چوڭ پاشىلار ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى، ئانوفېلېس پاشىسى ياكى بەزگەك پاشىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى بەزگەك كېسىلىنى تارقىتىدۇ، ئىككىنچى خىلى، كۇلېكس پاشىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى قىل قۇرت كېسەللىكى ۋە تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى كېسەللىكىنى تارقىتىدۇ. ئۈچىنچى خىلى، ئېيدېس پاشىسى دەپ ئاتىلىدۇ، تېنىدە ئاق - قارا داغلىرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن قارا داغلىق پاشا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋە دېنگې قىزىتمىسىنى تارقىتىدۇ.
ياز كۈنلىرىدىكى مۇۋاپىق مۇھىتتا چىشى پاشا تۇخۇمىنى سۇغا تۇغىدۇ.1 −2 كۈندىن كېيىنلا لىچىنكىسى تۇخۇمدىن چىقىدۇ، ئۇ پاشا لىچىنكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پاشا لىچىنكىسى تۆت قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن قورچاققا ئايلىنىدۇ، قورچىقى سۇدا داۋاملىق2 −3 كۈن ياشاپ، قانات چىقىرىپ يېتىلگەن پاشىغا ئايلىنىدۇ. بىر ئەۋلاد دەۋرنى تاماملاش ئۈچۈن تەخمىنەن10 ~12 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، بىر يىل ئىچىدە7 −8 دەۋر كۆپىيىشى مۇمكىن.
پاشا يوقىتىش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىكلەرنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر.
|
|