روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1713|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

رەشىكنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رەشىكنامە

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

كۆزلىرىڭنى يۇم، يېنىشلاپ تاڭدا چولپان كۆرمىسۇن،
ئاي يۈزۈڭنى ئامرىقىم، يۇلتۇزمۇ پىنھان كۆرمىسۇن.

چۈشمىگەي شولاڭ زېمىنغا، چىقمىسۇن ئاپتاپلىرىڭ،
كۈنگە باقما، سەن ئۆزۈڭ كۈن، سېنى ئاسمان كۆرمىسۇن.

چاچمىغىن جىلۋەڭنى چوغدەك سۇ، ھاۋا، تاشلارغا ھەم،
ئوتلىرىڭنى مەن يۇتاي، تەپتىڭنى گۈلخان كۆرمىسۇن.

ھىدلىرىڭنى ھىدلىغان گۈللەرنى رەشكىم چەيلىگەي،
لەۋلىرىڭنىڭ غۇنچىسىنى لالە-رەيھان كۆرمىسۇن.

چاچلىرىڭ ئۆركەشلىسۇن خىلۋەتلىرىڭدە مەن ئۈچۈن،
قاشلىرىڭ ئويناقلىغاندا ھۆرى-غىلمان كۆرمىسۇن.

ئەيلىمە ئاھۇنى مەست رەپتارى سېھراتىڭ بىلەن،
قىلما ناز، تەبەسسۇمىڭنى نۇرى ئەپشان كۆرمىسۇن.

قىزغىنارمەن كۆز ئەمەس، ھەتتاكى سۆزلەردىن سېنى،
ھەق ماڭا ئەگكەن بويۇڭنى زاتى ئىنسان كۆرمىسۇن!

2012-يىلى، 11-ئاينىڭ1-كۈنى، يېڭىسار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +29 ئىناۋەت +21 تەڭگە +4 قىزغىنلىق +6 تۆھپە +3 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 19 + 11 + 2 + 3 + 1 ياقتۇردۇم
نەۋرۇز + 10 + 10 + 2 + 3 + 2 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2012-11-2 13:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل غەزەل! ئۇستازنىڭ پۈتمەس ئىلھاملىرىغا كۆز تەگمىگەي !!!
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2012-11-2 15:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئىسىل يېزىلغان غەزەلكىنا بۇ !ئاپىرىن سىزگە.
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2012-11-2 18:37:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت ئەپەندى كۆزىمىزنى ئېچىپ قۇيىۋاتىسىز جۇما....قەلىمىڭزگە قايلمەن.
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-3-18 00:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش