ئوقۇتقۇچىلار دەرس لايىھەسىنى چوقۇم قول بىلەن يېزىشى كېرەكمۇ؟
1 Y' i- L1 i d5 J7 o/ ]$ D0 g9 I. V9 z% {& T0 E" @' G6 _$ p6 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
2 K2 |3 o w+ O. f
4 J4 k9 z; L. W0 N+ N(يېڭىسار ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ) ! N" A8 @$ _+ P5 ~/ Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى تەكشۈرۈش مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئوقۇتقۇچىلار بۇنى چۈشىنىشى، تەكشۈرۈشكە نارازى بولماسلىقى، ئۇنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. لېكىن، كۆپلىگەن مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى چوقۇم قول بىلەن يېزىشىنى بىر تۈرلۈك بەلگىلىمە قىلىپ بېكىتىۋالغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى ئاساسى: بىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېچبىر ئىزدەنمەستىنلا، توردىن تەييار دەرس لايىھەلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئۇرۇپ چىقىرىپ ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ يەنە بىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قول يازما دەرس لايىھەسىنى تەلەپ قىلىشىدۇر. ئەلۋەتتە، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس لايىھەسىنى چوقۇم قول بىلەن يېزىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ئۇنداقتا، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى چوقۇم قول بىلەن يېزىشنىڭ زۆرۈرلىكىگە كۆرسەتكەن سەۋەبلىرى ئەقىلغا مۇۋاپىقمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قول يازما دەرس لايىھەسى چوقۇم ئۇلارنىڭ كاللا ئىشلىتىپ ئىزدەنگەنلىكىنىڭ مەھسۇلىمۇ؟ رۇشەنكى، دەرس لايىھەسىنىڭ قول بىلەن يېزىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇشىنىڭ مۇقەررەر مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس. ئوقۇتقۇچى دەرس لايىھەسىنى گەرچە قول بىلەن يازسىمۇ كاللا ئىشلەتمەي، ئىزدەنمەي باشقىلارنىڭ بۇرۇنقى قول يازما دەرس لايىھەسى ياكى توردىكى دەرس لايىھەسىدىن كۆچۈرۈپلا يېزىشى تامامەن مۇمكىن. ئوقۇتقۇچى پەقەت دەرسلىك ماتېرىيالىنى تۈزۈشنىڭ سوبېكتىپ مۇددىئاسىنى چۈشەنمەيدىكەن، ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە دەرس لايىھەسى يېزىشى-مەيلى تەپسىلى لايىھە بولسۇن، مەيلى ئىخچام لايىھە بولسۇن، بەرىبىر ئۈنۈمسىز بولىدۇ، كۆچۈرۈپ قويسىلا بولىدۇ، خالاس. شۇڭا، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى چوقۇم قول بىلەن يېزىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كاللا ئىشلەتمەي، ئىزدەنمەيلا دەرس لايىھەسى يېزىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇشى پەقەتلا باشقۇرغۇچىلارنىڭ خام خىيالىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تەلەپ دەرسلىك ماتېرىيالىنى ھەقىقىي تۈردە تەتقىق قىلىپ مۇكەممەل دەرس لايىھەسى تۈزەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بىھۇدە زايا قىلىدىغان تۆۋەن ئۈنۈملۈك تەلەپتۇر. يەنە بىر جەھەتتىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. لېكىن، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ئايانكى، بىر قىسىم مائارىپ مەمۇرى تارمىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار ئۆزلىرى تۈزگەن دەرس لايىھە دەپتىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى كۆزلەپ، ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىپ، يەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بىلەن ئاستىرتتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چوقۇم قول يازما دەرس لايىھەسى بولۇشىنى، يەنە كېلىپ ئۆزلىرى تۈزگەن دەپتەردىن باشقا دەپتەرگە خەت يازسا بولمايدىغانلىقنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەتىگە چېتىلىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى باھالاشقا بىرلەشتۈرۈپ يولسىزلارچە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. مەكتەپلەرمۇ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس لايىھەسىنى چوقۇم قول بىلەن يېزىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. دەرس لايىھەسى قول بىلەن يېزىلسىمۇ بەرىبىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس لايىھەسى تۈزۈش سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغا بۇنداق تەلەپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە دەرس لايىھەسىگە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پاراسىتى مۇجەسسەملەندىمۇ-يوق دېگەندىن ئىبارەت. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرغۇچى خادىملىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى تەكشۈرۈشتە، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىشنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ دەرس لايىھەسىنى تۈزۈشتە دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىكنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدىمۇ-يوق، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلدىمۇ-يوق دېگەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىپ، دەرس لايىھەسىنى كومپېيۇتېردىن پايدىلىنىپ تۈزۈشىنى، دەرس لايىھە بايلىقى ئامبىرى قۇرۇشىنى، تېخمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىشىنى ئاكتىپ قوللاش كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىشكە تۈرتكە بولۇش لازىم. نۆۋەتتە، مەكتەپلەر تۆۋەندىكى خىزمەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر: 1. مەكتەپلەر كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش گۇرۇپپىلىرىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتىكى ياخشى شەكىل. مەكتەپلەر بۇ خىزمەتنى پىلانلىق، قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا يولغا قويۇشى كېرەك. كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش پائالىيىتى جەريانىدا، دەرس تەييارلاش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى مەلۇم بىر سائەتلىك دەرسنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى ياكى مەلۇم باب، بۆلەكلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مۇھىم-قىيىن نۇقتىلىرى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق يېتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. 2. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى نەق مەيداندا دەرس لايىھەسى تۈزۈش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىشى كېرەك. ھەر بىر ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدا ياش، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ماھارەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ دەرس ئايانى ۋە دەرس لايىھەسىنى سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى تۈزۈش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش لازىم. 3. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تۇيۇقسىز ئاڭلاشنى تۈزۈملەشتۈرۈشى كېرەك. ئادەتتە، ئوقۇتقۇچىلار دەرس لايىھەسىنى كاللا ئىشلەتمەي، ئىزدەنمەيلا كۆچۈرۈپ يېزىپ قويىدىكەن، ئۇنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى تۇيۇقسىز دەرس ئاڭلاشنى دائىملاشتۇرۇشى لازىم. شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئىشەنچلىك ھالدا نازارەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. دەرس ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس لايىھەسىنى تەكشۈرۈش كېرەك، لايىھە قول يازما بولسىمۇ، ئېلېكتىرۇنلۇق لايىھە بولسىمۇ، توردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلىپ-مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ بېسىپ چىقىرىلغان بولسىمۇ بولۇۋېىدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ لايىھە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان-بېرىلمىغانلىقىدۇر. ئومۇمەن، دەرس لايىھەسى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان بولۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك. كومپېيۇتېر تېخنىكىسى يېزا-قىشلاقلارغىچە ئومۇمىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تور بايلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ دەرس لايىھەسى تۈزۈشىنى قوللاش كېرەك. قولايلىق بولغان ئېلېكتىرۇنلۇق دەرس لايىھەسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكرار، بىھۇدە، ئۈنۈمسىز ئەقلىي كۈچ سەرپىياتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمدىكى گەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان مىسلىسىز ئەقلىي خورىتىشى بەدىلىگە ھارام بېيىۋاتقانلارنىڭ يەنە نېمە دەپ سەۋەب كۆرسىتىشىدە قالدى. |