ئەي قېرى
(ساتېرا)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئىشلىدىڭ مۇنبەردە ئەللىك يىل ئالامەت، ئەي قېرى،
يەتتى يەتمىشكە يېشىڭمۇ ساق-سالامەت، ئەي قېرى،
خىزمىتىڭ يەتتى ئېشىپ، چەكتىڭ رىيازەت، ئەي قېرى،
شۇ سەۋەب تەشكىل ساڭا بەردى ئىجازەت، ئەي قېرى،
چىقمىدىڭ ئەمما ئارامغا دۆت-ھاماقەت، ئەي قېرى.
بەللىرىڭ يادەك ئېگىك، ئاغزىڭدا چىشمۇ قالمىدى،
ئويلىساڭ سەن كۆرمىگەن تومۇزمۇ، قىشمۇ قالمىدى،
بىر زامان خالامۇ باقتىڭ، ئاغرىنىشمۇ قالمىدى،
ساڭا ئاخىر بۆلگۈدەك مەكتەپتە ئىشمۇ قالمىدى،
قالمىدى ئەمدى مانا سەندە ئىناۋەت، ئەي قېرى.
«ئىلتىماس»ىڭغا مۇدىر تەستىقمۇ سالدى نەچچە رەت،
سەن ئۈچۈن قاتراپ يۈرۈپ جاۋابمۇ ئالدى نەچچە رەت،
ۋە لېكىن تەستىق دېگەن كۆتۈڭدە قالدى نەچچە رەت،
سېنى «خوش!» دەپ ئۇزۇتۇپ ئېغىزمۇ تالدى نەچچە رەت،
جان دېگەن تەندە ھامان تۆت كۈن ئامانەت، ئەي قېرى.
ئۆسىمىش ئىش ھەققى دەپ يۈردۈڭ ئۆزۈڭنى خوش قىلىپ،
رودىپايدەك سۆرۈلۈپ بەرمەي ئورۇننى بوش قىلىپ،
زارلىماس كىممۇ ئىشىڭنى بۆلسە خەققە قوش قىلىپ،
پۇل دېسە، ئۇنۋان دېسە يۈرسەڭ بىراۋنى «پوش» قىلىپ؟
يوقمىدۇ سەندە پەقەت شۈكرى-قانائەت، ئەي قېرى؟
ئىش دېسە كەلدىڭ ئەجەپ يەتمىش يېشىڭنى پەش قىلىپ،
چىڭقىسا دوختۇرغا چاپتىڭ پۇت-قولۇڭنى لەش قىلىپ،
كۆزلىرىم كۆرمەس دېدىڭ، قەستەنگە تۆتنى بەش قىلىپ،
بىنومۇس، داپ يۈزلۈكۈڭ كەلدى كۆڭۈلنى غەش قىلىپ،
بىزدىكى ۋىجدانغا سەن قىلدىڭ خىيانەت، ئەي قېرى.
پۇتلۇشۇپ يۈرگەچكەسەن، بىزلەرگە نۆۋەت كەلمىدى،
ئىلتىماس يازساق ئارامغا زادى پۇرسەت كەلمىدى،
يەنە يۈز يىل ياشىماققا ياكى رۇخسەت كەلمىدى،
خورىدى جان قىينىلىپ خوپ، تەنگە يا ئەت كەلمىدى،
سەن تۈپەيلى كەلدى بىزگە كۆپ مالامەت، ئەي قېرى.
كەلمىدى ئۇنۋانغا سان، توشتى دېدى نىسپەت يەنە،
ياتقىنىڭ ياتقان ئىگەللەپ كەلسىمۇ نۆۋەت يەنە،
توشتى دەپ ئىش ئورنىمۇ، چۈشتى تېخى ھۆججەت يەنە،
يەنە ئىشلەيمەن دېدىڭ، بەردىڭ تالاي تىلخەت يەنە،
يوپۇرۇپ يۈردۈڭ قۇلاق، بولماي خىجالەت، ئەي قېرى.
تېز بوشات ئورۇننى ئەمدى، دەيدۇ ھەممە «خەپ!» سېنى،
قوغلىساق سۈرگۈنگە چۈشكەن مادىدەك بى
ئەپ سېنى،
سېسىتار كۇس-كۇس بىلەن گوياكى تاپتەك گەپ سېنى،
ئۆلۈكۈڭنى يولدا قويغاي تويمىغان شۇ نەپ سېنى،
قېرىغاننىڭ يۈزىگە چاچما نىجاسەت، ئەي قېرى!
2013-يىلى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى.