ئىككى غەزەل
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
پىغانىم ئۆرلىگەن تۈنلەر
پىغانىم ئۆرلىگەن تۈنلەر ئارا ئاقماقنى ئىستەيمەن،
ئېقىشنىڭ ئەۋجىگە كۆكتىن قىيان چاقماقنى ئىستەيمەن.
كۆزۈمدە ئاي تولۇن بولماس، ماكان ئەتتىم سوۋۇقلارنى،
قەلەندەرخانە قەلبىمگە چىراغ ياقماقنى ئىستەيمەن.
جەزىرەم چايقىلار زۇلمەت بىلە، يارنىڭ كۈنى چىقماس،
كۆيۈپ روھىم لاۋاسىدا يورۇپ باقماقنى ئىستەيمەن.
چىمەنلەر زارلىغاي كۆكسۈمدە ياد ئەيلەپ خازانىنى،
ئۆلۈمنىڭ گۈللىرى ئاچىل! سېنى تاقماقنى ئىستەيمەن.
بەھەيۋەت چوققىلار قالغاي، مېنىڭ شۇڭقارلىقىم-شۇڭقار،
يېرىپ تۈندە قاراڭغۇمنى، قانات قاقماقنى ئىستەيمەن.
ئايا مەنسۇرى ھەللاجى، ئېلىپ باشىڭدىكى دارنى،
قەپەستىن يۇلقىنار قۇشتەك ئۇرۇپ-چاقماقنى ئىستەيمەن!
2013-يىلى، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭىسار.
قىزىل چىراغنى كېسىپ ئۆتۈش
كۈندە غايىپ، تۈندە يوق دەردنىڭ داۋاسى، دەردىمەي،
كۆزلىرىمدە ئاي ئەمەس، ئاينىڭ قىياسى، دەردىمەي.
ئاچىمەن قۇلۇپنى ئاستا پۇتلىرىمدىن بىرمۇ-بىر،
تەنگە يەتكەي لەھزە دەپ جاننىڭ رىزاسى، دەردىمەي.
مەن پەقەت يولدىن ئۆتەرمەن، قىپقىزىل ياندى چىراغ،
ئۆتمىكىمنىڭ ئاخىرى باردۇر ئاداسى، دەردىمەي.
ئۆتۈمەن ئۇ چەتكە ئەمدى، قايتىمەن ئاندىن چوقۇم،
تاشقا يەر بار، قۇش دېسەم باردۇر ساماسى، دەردىمەي.
ماۋۇ تاشنىڭ دەردى يوقكەن، يۈرىكىممۇ لىق ئىدى،
سايدا قالغان ئېھتىمال تاشنىڭ ياراسى، دەردىمەي.
كىم مېنىڭ ئالدىمدىكى؟ ياق، تامدىكى سۈرەتقۇ سەن!
بۇندا يوق مەن كىرگىلى توشقان ئۇۋاسى، دەردىمەي.
ئۇچىدۇ ياپياش دەرەخنىڭ ياپرىقى شاخ-شاخىدىن،
سۆڭىكىمدە ئۇيىغاي تۈننىڭ ھاۋاسى، دەردىمەي.
دەسسىمە تورمۇزغا ئەبلەخ! يوق كىشىم دەۋا ئۈچۈن،
ئاھ، سەتەڭ چوكان ئىكەن-كۆزنىڭ قاراسى، دەردىمەي!
توۋلۇدۇم جەھلىم بىلەن، سالدىم ئىچىمنى لەرزىگە:
مەن غېرىپنىڭ بارلىقى يەكتا خۇداسى، دەردىمەي...
2013-يىلى، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، يېڭىسار.
|