روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-24 20:08  

غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت


يېنىڭغا كەلمىكىم يوقتۇر

قويۇپ تەننى ئاياغىڭدا زىيارەتلەرگە كەتكەيمەن،
جېنىمنى خارۇ-زار ئەيلە، رىيازەتلەرگە كەتكەيمەن.

قاراققا پۈتكىنىم بەرھەق مۇھەببەتنىڭ كالامىنى،
يۇمۇپ كۆزنى قاراڭغۇمدا جاراھەتلەرگە كەتكەيمەن.

تېنىڭدە قالدى ئاستانەم، مۇنۇ سۆزلەردە نە ئاڭلام؟
يۈرەكىمگە خۇدا سالغان ئىمارەتلەرگە كەتكەيمەن.

لېۋىم لەۋلەرگە يەتمەيدۇ، ماڭا دارلار ئېگىز كۆكتەك،
تىلەپ روھىم ئۈچۈن جەننەت ئىبادەتلەرگە كەتكەيمەن.

تىلىڭغا كەلمىدىم بىر رەت، لېكىن زىكرىمدە سەن كۈن-تۈن،
قىلىپ باغرىمنى خۇن، مۇڭلۇق قىرائەتلەرگە كەتكەيمەن.

مېنى سۆھبەتكە چىللايدۇ ھامان ئادەم بىلەن ھەۋۋا،
يورۇپ ھەقنىڭ نۇرى بىرلە بىشارەتلەرگە كەتكەيمەن.

كېتەر كۈن بىرلە رۇخسارىڭ، قالارمەن ئايغا كۆز يەتمەي،
يېنىڭغا كەلمىكىم يوقتۇر، قىيامەتلەرگە كەتكەيمەن!

2013-يىلى، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، يېڭىسار.

سېغىنىش


ئوتلۇرۇمنى سۇغا تاشلاپ كەتتى يار،
سۇلىرىمنى چۆلگە باشلاپ كەتتى يار.

ئۆرلىگەي گۈلگۈم بېتىمدىن تەشۋىشىم،
يۈرىكىمنى دەرتتە ياشلاپ كەتتى يار.

كۆزلىرىمدە قالدى تەنھا ئايلىقى،
تۈنگە سەلكىندەك شاپاشلاپ كەتتى يار.

سېغىنىش، ھىجراندا ھەققە زارلىدىم،
قۇپقۇرۇق جاننى تاراشلاپ  كەتتى يار.

ئۆلگىلى ماڭغانىدىم تەندىن چىقىپ،
ئۆلگىلى قويماي باخاشلاپ كەتتى يار!

ئەي مېنىڭ تاتلىق چۈشۈم، ئەسلەردە قال،
تاشقىنىمغا قاشنى قاشلاپ كەتتى يار...

2013-يىلى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، يېڭىسار.

قىسمەت

كۆزۈڭدىكى قۇياشنىڭ ئاپتىپىدا قار بولدۇم،
يۈرىكىڭدە ئېرىدىم، تۇپرىقىڭدا بار بولدۇم.

باغرىڭدىكى تۈنلەردە سوۋۇقلىرىڭ چاپقۇنلۇق،
چىقماق ئۈچۈن پۇخادىن ھىجرانىڭدا خار بولدۇم.

ھىدلىيالماس ھىدىڭنى سەرسۇكلىقىم ھۆميارەي،
روھىمدىكى دەشتلەردە چىلتەنلەرگە يار بولدۇم.

تىلىڭدىكى قىلىچنىڭ بىسلىرىدا تىلغىنىپ،
سۆزلىرىڭدە تەن بىلەن جېنىم ئۈچۈن دار بولدۇم.

        بارارگاھىم ئىلكىڭدە، باشلا مېنى سەرۋانىم،
قىسمەتلەرنىڭ رەنجىدە ئۆلمەك ئۈچۈن زار بولدۇم!

2013-يىلى، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، يېڭىسار.

كاككۇكنامە

-غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس

پەسلى ھىجراندا كامالەت، كاككۇكۇم،
ئاڭا يار ئىشقىي بالاغەت، كاككۇكۇم،
قىلما ئاۋازىڭ جاراھەت، كاككۇكۇم،
يىغلىما، چەكمە نادامەت، كاككۇكۇم،
سۆيگۈگە بولماس قىيامەت، كاككۇكۇم.

نە ئېرۇر زەينەپسىرى سۈرمەك خىيال،
ئوتنى سۇدىن ئاختۇرۇپ يۈرگەن مىسال؟
پىلسىراتلاردا كۆرۈم بار ئېھتىمال،
بىر ئۆلۈم كەينىدىدۇر بىزگە ۋىسال،
دىل ئىشى چەكمەك رىيازەت، كاككۇكۇم.

تەن باياۋان، ئۇندا جان بىر تامچىدۇر،
رەڭگى قان ياشىم ئاڭا ئىلھامچىدۇر،
يۈرىكىم دەرتلىك، ئىچىم قاينامچىدۇر،
چاچلىرىم تۈندە ئۇزۇن ئارغامچىدۇر،
يۈزلىرىم ئايدىن خىجالەت، كاككۇكۇم.

كەل مىنا تاغى، ماڭا ئاچقىن قۇچاق،
پۇت-قولۇم باغلاقتا ئىسمائىل سىياق،
كۆزنى يۇمدۇم، چاچرىغايمۇ دەپ چاناق-
زارۇ-زار يىغلايدۇ كۆكسۈمدە پىچاق،
تاڭ قىزىل، قارا ئادالەت، كاككۇكۇم.

توزىتار بارلىقنى شۇڭقارلار چوقۇپ،
كوھىقاپ ئەسكەن شامال كەتكەي سوقۇپ،
شۈكرىكىم، ھەربار ئىگەم تۇرغاي نوقۇپ،
ئولتۇرار تەندە جېنىم ناماز ئوقۇپ،
نۇر چاچار ئاپئاق جىنايەت، كاككۇكۇم.

كەلمىكىم ھەقتىن، پەقەت كەتمەك ئىشىم،
شۇل نەسىۋەمدۇر: زەقۇم بىرلە ئېشىم،
كۆرگىلى ھالىمنى نە باردۇر كىشىم؟
تاپىنىم جەننەتتە، دوزاختا بېشىم،
مۇزلىدىم ئوتتا داۋامەت، كاككۇكۇم.

يەردە يوق، ئاسماندا يوق، قايدا قارال؟
ئايدا يوق، يۇلتۇزدا يوق، مەندە زاۋال،
مەن پەقەت سۇئال ياراتتىم، ئاھ، سۇئال!
تاپ ئۆلۈم بىرلە ھاياتقا سەن ئامال،
مەرھەمەت، دارغا ئىجازەت، كاككۇكۇم.

2013-يىلى، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، يېڭىسار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +32 ئىناۋەت +30 تەڭگە +32 بايلىق +30 تۆھپە +9 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
ahat0902 + 12 + 10 + 12 + 10 + 2 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-9-25 17:58:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئۇستازنىڭ تىلى كۈچلۈك، مەزمۇنى چوڭقۇر يېڭى ئىجادىيەتلىرىنى ئوقۇمىغىلى خېلى بولۇپ قاپتىكەن، روھلان تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىق قۇتلۇق كۈنلىرىدە يەنە كۆرۈشكە نېسىپ بولىدۇ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 04:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش