روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8127|ئىنكاس: 49
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىككى ساتېرا ( بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن ) ۋە ( ئېلىۋال )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
[بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن
مۇھەممەد ئىمىن ياسىن
'
ئۇنۋان سېنىڭ، ئېلىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن،
سەنلا ئېلىپ بېيىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن،
نىكاھلىنىپ تېگىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن،
يۈرىكىڭگە تېڭىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن،
راست گېپىم بۇ بىلىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن.

يىگىرمە يىل ئۆتۈپتۇ تالاشقانغا يول قويۇپ،
يۈرمەپتىمەن بىراۋغا خوش-خوش ئېيتىپ دوڭغۇيۇپ،
توخۇ سويسام تەپمىدى، ئالدى خەقلەر قوي سويۇپ،
ئالدى ھەتتا بەزىلەر ئاقچا قويۇپ-پۇل قويۇپ،
سەنمۇ دەرھال سېتىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن.

سالالمايمەن داستىخان، پاقلان، قېتىق زاغرام يوق،
مەن بىر قوپال ئەركىشى، سېنىڭكىدەك ياڭزام يوق،
ئۇتالمايمەن كۆڭۈلنى، تولغان بەدەن-ساغرام يوق،
ئۈنسىز تۆھپە قوشىمەن، چالىدىغان ناغرام يوق،;
سەن ناغراڭنى چېلىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن.

ئۇنۋان ئۈچۈن ساتمايمەن پەزىلەتنى-قىممەتنى،
تالىمايمەن ئىت كەبى ئۆز قەۋمىمنى-مىللەتنى،
كولىمايمەن ئۆزگىنىڭ يېغىرىنى-ئىللەتنى،
يېزىپ بېرەي پۈتمىسەڭ بەش مىنۇتتا تىلخەتنى،
ئېلىپ ئابروي تېپىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن.

ئەۋلاد غېمى قىپقويدى مېنى خىزمەت تەلۋىسى،
ئۆتۈپ كەتتى شۇنچە يىل قىلماي نومۇر غەلۋىسى،
توشسا ئەمدى ئامال يوق يۈرىكىمنىڭ سەبرىسى،
چۈنكى، ئۇنۋان ساڭا باپ-سەن باشلىقنىڭ نەۋرىسى،
مۇرادىڭغا يېتىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن.

ماڭغان ھەر بىر ئىزىمدىن نىشان قالسا كۇپايە،
تۆككەن ئەجىر-تەرىمدىن ئەل نەپ ئالسا كۇپايە،
بىر يۇتۇم داغ چاي بىلەن دوسقان سالسا كۇپايە،
شادلىنىپ ئۆز بەختىدىن سۇناي چالسا كۇپايە،
نېمە قىلساڭ قىلىۋال! بولدى، ئۇنۋان ئالمايمەن.

2013-يىل، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتى.

ئېلىۋال
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

ئۇنۋان دېمەك-پۇل دېمەك، ئامال قىلىپ ئېلىۋال،
قېيداپ يۈرمەي، كۆڭلۈڭنى خۇشال قىلىپ ئېلىۋال،
رەقىبىڭنى بوش قويماي ئوسال قىلىپ ئېلىۋال،
ئۆكتەملىكنى، زورلۇقنى قورال قىلىپ ئېلىۋال،
كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي خىيال قىلىپ ئېلىۋال.

ئۇنۋان ساڭا كەلمەيدۇ تالاشقانغا يول قويساڭ،
بولالمايسەن ئىتچىلىك، قاۋاشقانغا يول قويساڭ،
باشلىق بىلەن يۇندىنى يالاشقانغا يول قويساڭ،
دوڭغۇيۇشۇڭ بىھاجەت باشلىقىڭغا پۇل قويساڭ،
نېمە قىلساڭ بوپتۇلا، دەرھال قىلىپ ئېلىۋال.

سالالمىساڭ داستىخان، ئۇنۋان تۈگۈل پوقمۇ يوق،
ۋىجدانىڭغا پەشۋا بار، خۇشامەتكە دوقمۇ يوق،
ئۈمىد كۈتمە «بار» دىن سەن، ساڭا ھەتتا «يوق» مۇ يوق،
ئۆلەي دېسەڭ نومۇستىن، يەنە بىكار ئوقمۇ يوق،
ھارام ئالماي نەدە بار ساڭا ھالال، ئېلىۋال؟

بىلىپ قويغىن ئۇنۋان يوق تارتقان جاپا-جەۋرەڭگە،
پەرۋا قىلماس ھېچكىشى قانائىتىڭ-سەۋرەڭگە،
يامغۇرمۇ يوق تۆھپەڭگە يانتاق ئۈنسە قەۋرەڭگە،
مىراس قالسۇن ئۇنۋانىڭ ئەۋلادىڭغا-نەۋرەڭگە،
خالايىقنىڭ ئالدىدا سېلىپ تامبال ئېلىۋال!

2013-يىلى، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، يېڭىسار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 14تەجرىبە +68 ئىناۋەت +167 تەڭگە +136 بايلىق +68 تۆھپە +36 يىغىش سەۋەبى
hilili + 7 يارايسىز
不_qǘx_amas + 7 ياخشى تېما
پاسىل + 15 + 8 يارايسىز
yamanbala + 8 + 6 + 6 + 8 + 5 يارايسىز
فارابى + 11 + 8 ياقتۇردۇم،ھەم ئەمەلى.
ئەبگاھ + 15 + 1 يارايسىز
azat007 + 7 يارايسىز
Anur + 15 + 9 يوۋ،ساتىرانىڭ قاتىلى.
ahat0902 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
رەنا + 15 + 5 بەك ياخشى يىزىپسىز ؟
bagrax + 15 + 9 ياخشى تېما
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
سەلكىن01 + 15 + 9 ياخشى تېما
ADiL + 20 + 20 + 20 + 20 + 17 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-21 15:18:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى ساتېرا بىر-بىرىگە ھەقىقەتەن ماس كەپتۇ جۇما.
ۋاقتى: 2013-5-21 15:57:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار نىڭ ئارىسىدۇ دەششەت شائىرلار باركەنغۇ
ۋاقتى: 2013-5-21 17:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ چۈچۈك تىلى، ئاچچىق كىنايىللىرى،ئوتكۇر قامچىسى ئۈنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ۋېجدانىنى سېتىۋاتقان،كىچىكىنە ئەمەل ئېتىغا مىنىپ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلۋاتقانلارغا تەككەن 100نۇمۇرلۇق تەستەك بۇلۇپتۇ،ئۇستاز باسقان قەدىمىڭىزدىن گۇللەر ئۈنسۇن،قەلىمىڭىز بەركەتلەر تاپسۇن.
ۋاقتى: 2013-5-22 00:42:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدن ئۇستازنىڭ بۇ ئىككى ساتىراسى قوشگىزەك ساتىرا بوپتۇ.

باھا سۆز

گەرچە ياخشى يىزىلسىمۇ ،لېكىن بىرىنچى ساتىرانىڭ ئاپتۇرىنى ئىنىق ئەسكەرتىپتۇ‹مۇھەممەد ئىمىن ياسىن›دەپ ، شۇڭا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-29 13:17
ۋاقتى: 2013-5-22 11:47:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئۆتكۈر، چوڭقۇر مەنىلىك ساتىراكەن، ئابروي قوغلۇشۇپ ئەمەل تۆشۈكلىرىنى مارىلاپ يۈرگەنلەر كىرىپ بىر كۆرسە بوپتىكەن. ھارمىغايسىز ئۇستاز!
ۋاقتى: 2013-5-22 12:01:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرى  بىر  -بىردىن ئىسىل  چىقۋاتدىغۇ!ئادەم ئۇقسا ئۇقسا ئۇقۇغۇسى كىلىدىكەن.ئۇستاز مۇشۇنداق ئىسىل تىمىللىرڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي!.........
ۋاقتى: 2013-5-22 12:06:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شئېركەن ، ئاز بىر قىسىم ئۈنۋان ئۈچۈن ئۆز غورورىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن شوغۇللانغانلار ئۈچۈن يېزىلغان ئىكەن ، ئەمما ئۇنداقلارنىڭ بۇنى كۆرىدىغانغا ۋاقتى يوقتە!!!!!!!!!!!!
ۋاقتى: 2013-5-22 12:39:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقەتەن ئوچۇق يۇرۇتۇپ بېرىپتۇ  مەكتەپلەردىكى ئۇۋان شامىلىنى
ۋاقتى: 2013-5-22 13:27:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ساتىراكەن بۇ ، ھازىر ئۇنۋان ئېلىش ھەقىقەتەن بەك تەس بۇلۇپ كەتتى، يەنە كىلىپ ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئادلسىزلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇردۇ، بۇ ساتىرا ھەقىقەتەن ئەمىليەتكە بەكلا ئۇيغۇن بوپتۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 18:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش