مېنى كۆيدۈرۈۋالغۇچىغا
ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت
بىپايان تەنھالىقىمدىن خاكىسار خانەم كۆيەر،
سەن ئۈچۈن مىڭ دانە بولسام، دانەيۇ-دانەم كۆيەر.
قاپقارا تاش كۆكسىدە ئۇچقۇنلىسام تەپتىڭ بىلەن،
جەۋھەرىستانىڭ ئارا تاشقىنلىغان نالەم كۆيەر.
غەرق بولۇپ كەلسەم قوقاس ھەسرەتلىرىمنىڭ مەۋجىدىن،
دولقۇنۇڭنىڭ قات-قېتىدا تولغۇشۇپ ئالەم كۆيەر.
ئىنتىزار كۆكلەملىرىمنىڭ لەھزىسى دىشۋار ماڭا،
ياپيېشىل خىلۋەتلىرىڭدە زەپىران لالەم كۆيەر.
ئەۋجىلىك جىلۋەڭنى تۆكسەڭ تۈندە ئاي ئەكسىن كۆرۈپ،
قاغجىراق باغرىمدا چاڭقاپ ھۇۋلىغان بادەم كۆيەر.
مەن ئۈچۈن تاغدۇر پەقەت، ھىجران ھامان ماتەم ئەمەس،
ھەر دېمىمدىن تۇنجۇقۇپ قان ئوتلىغان ماتەم كۆيەر.
كۆيۈكۈڭ ھەلقۇملىرىمغا جاننى يەتكۈزدى تالاي،
كۆككە باقسام باشتا ئوت، يەردە يەنە پايەم كۆيەر...
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، شاڭخەي. |