روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4020|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‹‹ مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى ›› كىتابنى ئوقۇشتىن تەس...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-11 20:45  7 s. d1 J8 x3 W- V  Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

+ K! H) B5 `5 [! u6 `‹‹  مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى ›› نامىلىق كىتابنى ئوقۇشتىن تەسىرات
  x$ g" |! `) |* `& u' \كىتاب نامى : مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى
4 W2 o- v$ B% c+ uئاپتۇرى : ئاتىكەم ئابدۇكېرىم ( تەرجىمە قىلغان )6 s! q% X: H7 K' l/ a0 i2 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى : 2014-يىلى 2-ئاي* U% w& B; {$ I, mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باھاسى : 40 يېۋەن
0 n: N! ?! Z- ^* ~$ t/ y3 E, D  ^. R2 Tئوقۇرمەن : بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەخمەتجان مەمتىمىن  ( ئەزھەر 36 )
* P5 ~- f+ P0 A4 Iئاپتۇر ھەققىدە : ئاتىكەم ئابدۇكېرىم شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى .5 b3 o7 L) \3 S# i$ S( \0 A: Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى :
2 D4 O3 t  Q9 N4 w4 Eئاپتۇر ‹‹ مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى ›› نامىلىق كىتابنى يەتتە بابقا بۆلۈپ ، ھەر بىر بۆلەكنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي مېساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن . يەنى بىرىنچى بابتا ، بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلدۇرۇش ، ئىككىنچى بابتا ، بالىلارغا ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىتىش ، ئۈچىنچى بابتا ، بالىلارنى قىلغان ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىدىغان ، ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولىدىغان قىلىش ، تۆتىنچى بابتا ، بالىلار سەۋەنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك ، بەشىنچى بابتا ، بالىلارنىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بېرىشتەك پىسخىكىلىق ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش ، ئالتىنچى بابتا ، باراۋەر تەربىيە ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بالا تەربىيەلەش ، يەتتىنچى بابتا ، كوللېكتىپ تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش قاتارلىق بابلار ئۆز ئالدىغا ھەر بىر كىچىك تۈرلەر ۋە ئەمەلىي مىسللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن .   5 h& W/ V3 Q/ b$ X. Z) M9 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسەردىن ئالغان تەسىراتىم :
/ Z& l9 [4 ]+ P  ?‹‹ مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى ›› نامىلىق كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا جەمئىيەتتىكى رىقابەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپلەر يۇقىرىلاپ باردىغانلىقى ، شۇڭا ، ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە تەلىم – تەربىيە قارشىنى يېڭىلىشى ، پەرزەنتلەرگە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى ، ھەمكارلىشىشنى ، كۆرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ ، ئۇلارنى مۇكەممەل ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇشقا يېتىكلەش توغرىدا قىسقىچە توختالغان .
" G; V6 f- R0 g& d' L3 `مەن ‹‹ مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى ›› نامىلىق كىتابنىڭ يەتتە بابىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسىغا قۇيىدىغان ئاساسىي تەلەپلەرنى ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىقەت قىلىش كېرەكلىكىنى ، يەنى ئاتا - ئانىلار ناۋادا ھەمىشە پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممە ئىشىنى تەق قىلىپ بەرسە ، پەرزەنتىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچ ۋە جاسارىتىنى يۇقىتىپ ، پەرزەنتىدە كىرىزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قۇيىدىغانلىقىنى . مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنى بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە باشلاش كېرەكلىكىنى . بالىلارنى ئۆزىنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشقا ، ئۆزىنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى ئۆزى رەتلەشكە كۆپىرەك ئىلھاملاندۇرۇش كېرەكلىكى ئەمەلىي پاكىت – ئۇسۇللار ئارقىلىق ناھايىتى مېغىزلىق ، چۈشىنىشلىك ئوتتۇرغا قۇيۇلغان . ئاتا – ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىپ بېرىشى ۋە زىيادە كۆيۈنۈشى نەتىجىسىدە بالىدا ئەسلىي بار بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىمۇ تەدىرىجىي سۇسلىشىپ ياكى يوقىلىدىغانلىقى مېساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن . بالا ئىمتىھانىدا قانچە نۇمۇر ئالسا شۇنچە پۇل بېرىدىغان ياكى ماددىي مۇكاپاتنى بالىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى، بۇ خىل تەربىيە ئۇسۇلى بالىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى نابۇت قىلىپ ، ئۇنىڭ يۇمران قەلبىنى زەھەرلەپ ، بالىنى ئېلىشنىلا بىلىدىغان ، مەسئۇلىيەتنى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشنى بىلمەيدىغان ئادەم قىلىپ قۇيىدىغانلىقى ، تەربىيەلەش ئاساسىغا ئەمەلىيەتنى سىڭدۇرۇپ ، ئەمەلىيەت جەريانىغا مەسئۇلىيەت تەربىيەسىنى سىڭدۈرگەندە ، ئوقۇغۇچىلاردا ھەممە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاشنى ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ، ئۆگىنىشىگە ۋە خىزمىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىقلا بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . پەرزەنتلەرگە ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزى باشقۇرۇش ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى ئۆزى باشقۇرۇش ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش ، تېرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزىنى ئارتۇقچىلىقى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم . $ ~4 T6 C: y  V  c1 h- {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شارائىت يارىتىپ بالىلارنى كوللېكتىپ تۇرمۇشقا كۆپىرەك قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش ، كەمچىلىكىنى تەدىرىجىي تۈزىتىش ، ئۇلارنىڭ رىقابەت جەريانىدا مەغلۇبىيەتكە توغرا يۈزلىنەلەيدىغان ، كەسكىن ، توغرا ، مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم .   
( W6 m' `/ M) N6 B5 x

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەڭگە +7 يىغىش سەۋەبى
居麦 + 7 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-12 18:59:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ياخشى مەزمۇن بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۇر.
ۋاقتى: 2015-4-13 10:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپ پايدىلىنىش قىممىتى تولىمۇ يوقۇرى بولغان كىتاب. ھەر مائارىپچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-13 13:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹  مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى ›› نامىلىق كىتابنى ھەر مائارىپچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىغا تەۋسىيە قىلىمەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 20:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش