روھلان (Rohlan) تور بېكىتى 2008-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، مىللى
مائارىپ ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەىسسە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ
قىبلىنامىسى قىلىپ، مۇشۇ خاسلىقى ۋە تەرەققىيات نىشانى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان تور بېكەتتۇر .
ئاساسلىقى مائارىپقا ئائىت دەرسلىك ماتىرىياللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، توپلاش؛ مائارىپ
ئوقۇتۇش-تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپىمىزغا دائىر ئەڭ يېڭى مائارىپ، ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى يوللاش؛ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش، ئىككى ئاساسەن، ئەخلاقى تەربىيە، قوش تىل ئوقۇتۇشى، ئەڭ يېڭى ئىمتىھان سۇئاللىرىنى يوللاش، رەتلەش، توپلاش، شۇنداقلا مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار باغۋەنلەرنى كەڭ مائارىپچىلارغا تونۇشتۇرۇش؛ كومپيۇتېر، تور، يۇمشاق دېتال،
قاتتىق دېتال بىلىملىرىنى يوللاش، ھەقسىز ياردەم بېرىش، يېڭى، ئېسىل يۇمشاق
دېتاللارنى تەۋسىيە قىلىش، ئىجادىي شېئىر ۋە ھىكايە ، لايىھە ئەسەرلەرنى ئېلان
قىلىش، جەمىيتىمىزدىكى ئىقتىسادىي قىيىنلىقى بار ئۆگىنىشتە ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، ئېغىر كېسەل، مېيىپ،... لارغا ۋاكالىتەن ئىئانە توپلاپ بېرىش... قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
روھلاندا...
(روھلاننىڭ تۆت ياشقا كىرگەن قۇتلۇق مەرىكىسىگە ئاتاپ)
خۇشاللىق مەۋجىگە جۆر بوپ، ھايات قاينايدۇ روھلاندا،
ئاڭا تەشنا يۈرەك ھەردەم، ئەجەپ يايرايدۇ روھلاندا.
مائارىپ مۇنبىرى-ئوتلۇق قەلبلەر سەجدىگاھىدۇر،
ئىلىم قەترەسىدىن ھەر كىم ئىچىپ قانمايدۇ روھلاندا.
كىرىش ئاڭا ئاسان بولغان بىلەن، ئەمما، چىقىش بەك تەس،
كۆڭۈلنى سېھرى زەنجىرلەپ چۈشەپ-چىرمايدۇ روھلاندا.
ئۆزىگە مەھلىيا قىلغاچ ئۇنىڭ ماركا-تەۋەللۇتى،
تۈمەن مىڭ قىز-ئوغۇل سەينا كېزىپ ھارمايدۇ روھلاندا.
ئىلىم تەشناسىغا باغرى قۇياشلىق تاڭ كەبى ئىللىق،
‹‹ئەزىز مېھمان›› كېلىپ قالسا ‹‹ناۋات›› چاينايدۇ روھلاندا.
‹‹ئاتامان›› سەركە-بايراقدار، ئاڭا ھۆرمىتىمىز ھەم بار،
ئۇلايدۇ تۈننى تاڭلارغا، تىنىم تاپمايدۇ روھلاندا.
ئىشىغا پۇختا ھەم چەبدەس، دېمەك، ‹‹يولباشچى›› ئۇستازلار،
‹‹تېما›› تەھرىرلىمەي، ھەرگىز ئارام ئالمايدۇ روھلاندا.
يىغىلدى قان- قېرىنداشتەك،كېلىپ يۇرت- يۇرتلىدىن ‹‹تورداش››،
گويا، بۇلبۇل بولۇپ، خەندان ئۇرۇپ سايرايدۇ روھلاندا.
ئىلىمگە ئىنتىلىش ئىشقى ئۇلارنى يىغدى، جەم قىلدى،
كۆرۈشسە كۈندە ‹‹ئېكران››دا، كېنەپ تويمايدۇ روھلاندا.
يېزىپ چىقتى تالاي نەزمە، بۇ مۇنبەردە ‹‹قەلەمكەش››لەر،
(تۇيۇقسىزلا كېلىپ ئىلھام، تېشىپ قاينايدۇ روھلاندا.)
مۇتەخەسىس، تالانتلىقلار ئۈچۈن ئۇ بەيگە مەيدانى،
ئاساۋ ئاتتەك چېپىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ روھلاندا.
كۆرۈپ ‹‹يازما›› باھا، ئىنكاس يېزىش ئادەتكە ئايلاندى،
تەپەككۈر لەشكىرى ئويغاق، قۇلى ھارمايدۇ روھلاندا.
ئورۇن، ئىنۋان، ئەمەل، دەرىجە كېرەكمەس ئۈشبۇ سەيناغا،
ساتار ھېكمەت، غۇرۇر، ۋىجدان، ئەمەل...ساتمايدۇ روھلاندا.
بېرىلگەن ئوردىن، مېداللار ياراشتى ‹‹تۆھپىكار››لارغا،
مىسالى كۆكتىكى يۇلتۇز بولۇپ چاقنايدۇ روھلاندا.
ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقتۇر ئۇنىڭ تۇتقان يۇلى، شەرتى،
بىرى قەستەن يەنە بىرگە ئورا قازمايدۇ روھلاندا.
كۆڭۈل-كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ سېخى،مەرت ئەزىمەتلەرنىڭ،
قىلار ھەقسىز مۇلازىمەت،‹‹بىكار›› ياتمايدۇ روھلاندا.
مەگەر، كەپ قالسا ھېيت-بايرام، مۇكاپات ‹‹تەڭگە››سى ھەم بار،
ئالار ‹‹نەپ›› ئەجرىگە چۇشلۇق، ‹‹زىيان›› تارتمايدۇ روھلاندا.
قىززىپ مۇشائىرە، چاقچاق، يۇمۇر، لەتىپە، كۈلدۈرگە،
كىشىگە زوق بېرىپ ھەركۈن ساما قاينايدۇ روھلاندا.
...جاپادا تاۋلىنىپ بەردەم، مانا، تۆت ياشقىمۇ كىردى،
ھايات بوستانى گۈلشەنلەر ئارا ياشنايدۇ ‹‹روھلان››...دا.
مۇبارەكلەر تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسىنى روھلانداش،
يېقىملىق كۈي، ئېسىل ناخشا-ناۋا ياڭرايدۇ روھلاندا!...
روھلان تورىدىن سەلكىن01 ئىجادىيتى
archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى
GMT+8, 2016-11-3 03:01
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)
© 2001-2013 Comsenz Inc.