روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8876|ئىنكاس: 30
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روھلان تورىنىڭ 4 يىللىق خىزمىتىدىن قىسقىچە خۇلاسە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىنكاس مۇكاپاتى 3820 سەربايلىق بۇ تېمىغا ئىنكاس يازسىڭىز 10 سەر بايلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيسىز! ھەر بىر ئادەم پەقەت 1 قېتىملا ئالالايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار !
$ M' O) S" `( y9 Xمانا بۈگۈن روھلان تور بېكىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 4 يىللىقىنى قۇرۇق بولسىمۇ تەبرىكلەپ ئولتۇرۇپتىمىز، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن روھلاننى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ، ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيىتىش بىلەن بىرگە 4 يىللىق ئىشىمىزدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ بەرمەكچىمەن.
: [( w# J5 a; m- i% z, H: _روھلان تور بېكىتىمىز 2008-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن كەڭ بىلىم سۆيەر مائارىپچىلار، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىدىكى ئەزىمەتلەر ،... تەرەپ-تەرەپتىن بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، ھەممە بىر نىيەت بىرمەقسەتتە روھلاننى تەرەققى قىلدۇرۇپ، مىللى مائارىپىمىز ۋە كومپيۇتېرچىلىق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ ئاتلانغان ئىدۇق.
& f7 d$ V- `1 `/ ]2008-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېما: http://www.rohlan.biz/thread-34-1-1.html
+ P; ^. f' R0 Z  p5 H2008-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 2009-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان 9 ئاي ۋاقىت ئىچىدە بېكەت باشقۇرۇش تەجرىبىمىزنىڭ يىتەرسىز بولماسلىقى سەۋەبلىك بىر قېتىم بوشلۇق كۆچۈش ئېلىپ باردۇق، لېكىن ئەتراپىمىزدىكى  قوللىغۇچىلارنىڭ (زىيارەتچىلەر ۋە ھەمكارداش تور بېكەتلەر) يېقىندىن ھەمدە بولۇشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپ تور بىكەتلىرى ئىچىدە ماتىرىيال مەنبەسى، بىلىم تېمىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن تور بېكەتكە ئايلاندى.
  w! S3 A7 @" x8 X& b/ B! g" b' o( b2009-يىل 7-ئايغا كەلگەندە سىرتقى تورنىڭ تىزگىنلىنىشى سەۋەبلىك، مۇلازىمىتىرنىڭ ئىچكىرىدە بولۇشى تۈپەيلى روھلان تور بېكىتى ئارىلىقتا ئالاھېزەل 6 ئاي ئەتراپىدا ئېچىلمىدى، 2010-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە شىنجاڭ ئىچىدىن بوشلۇق ئېلىپ مۇنبەر ئېچىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن تورداشلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ماقالە بەت سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خاسلىقىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇردۇق، ئەسلىدىكى www.rohlan.cn تور نامىنىڭ ئىزچىل نورمال بولماسلىقى سەۋەبلىك  2010-يىلى2-ئايدا www.rohlan.biz تور نامىنى سېتىۋالدۇق ھەمدە بوشلۇقىمىزنى ۋە بېكەت سىستېمىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، http://rohlan.cn/index.aspx بۇ باش بەتنى تەييارلىدۇق ھەم بۇ باش بەتنى تاكى سىرتقى تور ئېچىلىپ 2010-يىلى 6-ئايغىچە داۋاملىق ئىشلەتتۇق، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىلگىرىكى زاپاس ساقلانغان ساندان ئاساسىدا ئىلگىرىكى مۇكەممەل روھلان مۇنبىرىمىزنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدۇق .
6 a' B% C! l9 u+ W4 Yشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە بېكتىمىز 2008-يىلىدىن باشلاپ ئەزا بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يازمىلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا كۈندىن كۈنگە مەزمۇنلار موللىشىپ ۋە سەرخىللىشىپ كەلمەكتە، تورداشلارنىڭ تورغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭمۇ بارا-بارا ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېكىتىمىزنى قوللايدىغانلارمۇ، ماتىرىيال مەنبەسىنى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ھەقسىز ياكى ھەقلىق شەكىلدە سۇنىدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
7 W4 a0 Z4 |2 [" O5 E) Qتورداشلارنىڭ مۇشۇنداق قوللىشى ئارقىسىدا روھلان تور بېكىتىمىز ھازىر ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكىدە ئالدىنقى قاتاردىكى بىلىم-مائارىپ تور بېكىتىگە ئايلاندى.

" n$ `/ A: m# _: l8 j+ ~2 ~
" n( s& g, c5 R. a7 d% Y' \( Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆپلىگەن تورداشلار  ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەدەت بېرىشى، قىياس تورى، كىلەچەك تورى، مۇختار روزى ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ بىۋاستە قوللاپ ماددى جەھەتتىن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە 2012-يىل 1-ئايدا ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى تۇنجى قېتىملىق مائارىپچىلارنىڭ دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىنى تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، 2012-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى غەلبىلىك ھالدا مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلدۇق ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە نەق پۇل، ماددى بۇيۇم، دەرسلىك قاتارلىقلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قولىغا يەتكۈزدۇق.4 m. p( x4 \% g: W* \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

5 `0 C" Z1 U8 {' [ئەمما بىز يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر قىسىم نەتىجىلىمىز بىلەن بىرگە يەنە بىر نەچچە قېتىم بىۋاستە سەۋەنلىك ياكى ۋاستىلىك سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەزالارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ياكى ئۈمىدىنى يەردە قويىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ يولۇقتۇق.3 z3 P/ m! a& r" J8 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن:
0 a- b# _# W+ o7 o5 P1.   2010-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا بېكەت بوشلۇقىمىزغا مەلۇم كىشىلەر سوقۇنۇپ كىرىپ، 3 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە توپلانغان ئەڭ مۇھىم بىلىم ۋە ماتىرىياللاردىن 300 پارچىگە يېقىن تېما ساندان قىسىمدىن بىۋاستە ئۆچۈرلۈپ تاشلىنىپ، نۇرغۇنللىغان ئەزالارنىڭ تېمىسىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تېمىسى ئۆچۈپ كەتكەن ئەزالارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي ناھايىتى خىجىلچىلىق ئىچىدە قالدۇق، كېيىن كونا سانداننى www.rohlan.cc تور نامى ئاستىغا ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن بىر قىسىم جاپاكەش تورداشلرىمىز كونا ساندان ئاساسىدا ئۆچۈپ كەتكەن تېمىسىنى قايتىدىن يوللاپ ئەسلىگە كەلتۈردى، ئەمما كۆپ قىسىم تېما يەنە شۇ پېتىدە ئەسلىگە كەلمەي يوقاپ كەتتى.( F$ W  U% {! ^6 m, B( X! m3 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. 2011-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەقلىم خەلقئار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى تەرىپىدىن بىۋاستە يوللانغان روھلاندىكى تۆھپىكار ئەزادىن 30 نى شىركەت مەبلەغ چىقىرىپ مۇكاپاتلاش تېمىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا داغدۇغا بىلەن بۇ 30 نەپەر ئادەمنى تاللاپ شىركەتكە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدۇق، ئەمما شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە شىركەت تەرەپتىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىدى ( نەچچە رەت ئالاقىلىشىپ باققان بولساممۇ ئىلگىرىكى تېلىفۇن نۇمۇرلار يوق بولۇپ چىقتى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولماي قالدى) ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر قېتىملىق 30 نەپەر تۆھپىكارىمىزغا بېرىلىدىغان مۇكاپات يالغانغا چىقىپ، تورداشلارنىڭ نەزىرىدە روھلان تور بېكىتىدە بىر قېتىملىق ساختا مۇكاپات ھالىتى شەكىللىنىپ قالدى، بىزمۇ شۇنىڭدىن كېيىن بۇرنىمىزغا سۇ كىرىپ تەجرىبىلىك بولۇپ قالدۇق.8 Z) ?( S" u/ D0 ]+ Y, W2 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3.  2011-يىل 9-ئايدا مېنىڭ قوش تىلدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىكى بېكەتكە ماتىرىيال يوللايدىغان چىيەنناۋ تور دېسكىسىدىكى ھېساباتىمغا كىرىپ، بوشلۇق ئشىلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باقمىغان بىۋاستە سەۋەنلىكىم تۈپەيلىدىن ئىلگىرى يوللانغان قىممەتلىك ماتىرىياللارنىڭ بىراقلا ئۆچۈپ كېتىشىدەك ئېغىر خاتالىق يۈز بېرىپ، ئىنتايىن كۆپ تورداشلار يوللىغان ماتىرىياللار چۈشمەس بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، شۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شۇ ۋاقىتتا ئۆچۈپ كەتكەن تېمىنى تولۇقلىغان بولساقمۇ كۈندىلىك تېما يوللىنىش سانىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشى بىلەن تاكى ھازىرغىچە شۇ ۋاقىتتا ئۆچۈپ كەتكەن بىر قىسىم ماتىرىياللار چۈشمەيدىغان ھالەتتە ساقلىنىپ تۇرىۋاتماقتا، بۇنى چۈشۈرەلمىگەن تورداشلىرىمىز ئۇچۇق ياكى يۇشۇرۇن ھالدا مېنى مىليۇن قېتىملاپ قاتتىق تىللاشماقتا .
# }) Y' r+ [$ a4. مۇشۇ ئارلىقتا يەنە  تور بېكىتىمىزگە رەسمىي كۆنۈپ بولالمايۋاتقان ياكى مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان بىر قىسىم ئەزالارغا ئارقا سەھنىدە مەخپى ئۇچۇر يوللاپ، بېكىتىمىزگە قارشى شۇئار توۋلاپ، ئادىمىيلىك ۋىجدان ۋە تور بېكەتچىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقنى قايرىپ قۇيۇپ، بېكتىمىز بىلەن ئەزا تالىشىدىغان، تېما تالىشىدىغان، ھەتتا روھلاندىكى ئەزالار يوللىغان مۇھىم ئارخىپ ماتىرىيالنى چۈشۈرۋېلىپلا قىلچە ئۇيالماستىن ئۆزىنىڭ قىلپ يوللايدىغان ئەخلاقسىز بىر قىسىم دۈشمەن تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ۋاستىلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق ۋە ئۇنى بىزمۇ ۋاستىلىك ھالدا ئۆزى ئالدىمىزغا يالۋۇرۇپ كېلىدىغان ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلدۇق.: ?6 Q) H; [: \3 V; O, d3 u5 w4 p3 J7 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5. 2012-يىل 5-ئايغا كەلگەندە تور بېكىتىمىز بېكەت بوشلۇقى ۋە  تور دېسكا بوشلۇقى سېتىۋالغان قىياس مۇلازىمىتىرىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، تور دېسكىغا چىقرىلغان 30 گىگابايتقا يېقىن دەرسلىكلەرنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىدەك يەنە بىر قېتىملىق پاجىئە يۈز بېرىپ، 2-قېتىملىق چوڭ سىغىملىق، كۆپ ماتىرىيالنىڭ يوقاپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى ھەم چۈشۈرەلمىگەن تورداشلارنىڭ داۋاملىق تىللاپ تۇرۇشىغا نائىل بولدۇق.
& Q' ^; }# [2 J* q' a
' j( G4 k! J' [1 _( ~. Hيۇقارقىلار بىزنىڭ مۇشۇ تۆت يىل جەريانىدىكى ئاساسلىق مۇساپىمىز ۋە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىز ھېسابلاندى .بۇ تۆت يىل جەريانىدا ئىزچىل روھلان تور بېكىتىگە كۈيۈنۈپ، روھلان تور بېكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، روھلان تور بېكىتىدىكى يازمىلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىزدەنگەن بىر تۈركۈم خالىس تۆھپىكارلىرىمىز مەيدانغا كەلدى .3 Y8 i4 {8 n. q* N7 K. J# C  h' yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روھلان تور بېكىتىمىزنى 4 ياشقا كىرگۈچە تۆھپە قوشۇپ بىز بىلەن ھەمكارلىشپ كېلىۋاتقان، كېچە -كۈندۈز مائارىپىمىز،  كومپيۇتېرچىلىقىمىز ، ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلىكىمىز، لايىھەچىلىكىمىز، ... ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئويلاۋاتقان ساناقسىز تۆھپىكارلىرىمىزنى كاتتا مۇكاپاتلاشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ يىل بېشىدىكى خىزمەت بېسىمىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، يېڭى خىزمەت ئورنىغا كۆنۈپ بولالماسلىق، ... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يىلقى 4 يىللىق قۇتلۇق كۈندە ئەزالارغا ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىمىزدىن تولىمۇ خىجىلمەن.3 \2 v5 z; m8 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

2 G( }9 a+ V. q; j! sبېكىتىمىز تۆت يىللىق مۇساپىنى تاماملىغان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە نۇرغۇن قېتىملىق بوشلۇق ئالماشتۇرۇش، سىستېما ئالماشتۇرۇش، سىستېما نەشىر يۇقىرىلىتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا زىيارەتچىلەرگە ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدىمۇ بۇ خىل بوشلۇق ئاۋارىچىلىقى ۋە سىستېما ئاۋارىچلىقىدىن ساقلىنالمىدۇق. بۇندىن كېيىن بوشلۇق ئاۋارىچلىقى ۋە سىستېما ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىقى سەۋەبلىك زىيارەتچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمىز.
( j8 g- [6 O, eمەزمۇن جەھەتتىن دەرسلىك ۋە قوللانما تۈزۈش پىلانىلىرى ئەمەلىيلەشمىگەن، سەھىپىلەر مۇكەممەللەشمىگەن، بار سەھىپىلەرنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنالمىغان،...  ئەھۋال خېلى بار. بىز بۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكنى ئامالنىڭ بارىچە تېز تولۇقلاشقا تېرىشىمىز.
0 q2 b  i- @5 Y, b# x
$ i) x# T5 ^. m9 Rئاخىرىدا بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمىز. يېڭى بىر يىلىمىزدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى!  ئىنسانغا بىلىم كېرەك، ياغاچقا يىلىم

& o8 Y0 M' b6 N5 y+ f. d. n! h* O' X5 M3 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روھلان تور بېكىتى
0 u: k& O% Y; s* _6 ~+ r) V2 p- jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2012-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
: f: [$ i5 t4 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

' |+ `) \' t5 y5 ^; l

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +9 ئىناۋەت +8 تەڭگە +5 بايلىق +5 يىغىش سەۋەبى
ئوسمان110 + 9 + 8 + 5 + 5 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-26 00:32:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆت يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسىق سوغوقلار باشتىن كەچۈرلۈپ، نۇرغۇن تەجىربىلەر يەكۈنلەندى. نۇرغۇن تور بېكەتلەر روھلاندىن ئۆگىنىپ، سەھىپىلىرىنى ئۆزگەرتتى. بولۇپمۇ دەرسلىك دېتاللىرىغا ئوقۇش باسقۇچى، يىللىقلار ، پەن تۈرى ۋە مەۋسۈملەر بويىچە سەھىپە ئاجرىتىلغاندىن كېيىن جاپاكەش مۇئەللىملەرنىڭ روھلاندىن دەرسلىك ئىزدەش ۋە پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. روھلاندىكى ھەربىر ئەزانىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تەكلىپ، پىكىرلىرى ئارقىلىق ئوخشاش تۈردىكى تور بېكەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ گۈللەپ، تەرەققى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 7 b' H" K# O* v; F1 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 r1 m9 u) v" e, yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-27 21:49  & }; Z  Z3 M) v" A+ l! t& Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' B. V: V! d" kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2012-9-26 00:34:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن روھلاننىڭ 4يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى كۆرگەندىن كىيىن، بەك تەسىرلەندىم.9 v5 `  `1 u, Z) w! L( ^, Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روھلاننىڭ 4يىلىنى ھەم شانلىق مۇساپە ھەم قىممەتلىك تەجىربە دىيىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى؛ بۇمۇساپىدە نۇرغۇنلىغان ئەگىرى توقايلىقلارنى، ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ،يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، قىممەتلىك تەجىربە توپلاپ بارىلىقىنى مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاتاپ كەڭ مائارىپ سىپىدىكى جاپاكەش باغۋەنلەرنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.
2 _; a# x+ s0 Z( bروھلاننىڭ تەرەققىياتى-مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغۇسى ۋە تەرەققى قىلغۇسى!
ۋاقتى: 2012-9-26 01:02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن تۆت يىللىق شانلىق مۇساپەڭگە،روھلان مۇنبىرى ئارقىلىق نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ كىلىۋاتىمەن. مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىىسى ھەمدە مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ ئەجىرگە قانچلىق رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ
ۋاقتى: 2012-9-26 01:45:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قۇتلۇق كۈندە روھلاننىڭ خۇلاسىسىنى قىلماي، ئۆزىڭىزنىڭ دەردىڭىزنى تۆكىۋاپسىز ..............  Q* }! m# F# R6 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەچچە كۈندىن بۇيان روھلانغا ئىنتايىن خىجىللىق ئىچىدە كىرىپتىكەنسىزدە ............  بۈگۈندىن باشلاپ بىلەكچىلا يىنىكلەپ قالدىڭىز ھەقىچان .............  4 f" x5 ~: B3 b: L: t' \+ {2 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەزى گەپلەرنى ئۇدۇللا دەپ قويساق كۆڭلىڭىزگە بەك ئىلىپ كەتمەڭ. تۆھپىڭىز %99 يىتەرسىزلىكىڭىز %1   
! x: Y: v1 S4 Qروھلان قۇرۇلۇپ 6 كۈندىن كىيىن ئەز بولغان ئىكەنمەن، شۇڭا روھلاننىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولغاچقا بەزى گەپلەرنى ئۇدۇللا دەپ سالدۇق ئامال يوق، سىزمۇ ئەيىپكە بۇيرىمايسىزغۇ دەيمەن ....
5 W, K& `* x, W/ H: R/ q( h7 P# m1 G" j# }/ p  z2 R( ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

% y! a- U2 ]7 y' [  Z4 h# E) D& nئەمدى نەخ گىپىمگە كەلسەك، خۇلاسىڭىزنى ئوقۇپ كىلىپ ئەڭ ئاخىردىكى بىر قۇر ماقال تەمسىلگە  نىسبەتەن ئازراق كۆز قارىشىم چىقىپ قالدى.
- k- @6 y% L- J+ [/ mيەنى ئىنسانغا بىلىم كىرەك دىگەن گەپ ناھايىتى سىلىق، پاساھەتلىك قىلىپ ئېيتىلغاندەك، لىكىن كەينىدىكى ياغاچقا يىلىم كىرەك دىگەن گەپ سەل قوپال ھەم قاپىداشلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا باشتىكىسى بىلەن ئانچە باغلىنىشى يوقتەك، ................
% l* n/ R0 T9 D# qشۇڭلاشقا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈندە ئاشۇ روھلاننىڭ شۇئارى بولغان ئىنسانغا بىلىم كىرەك، ياغاچقا يىلىم دىگەن ماقال تەمسىلنى باشقا بىر ماقال تەمسىلگە ئۆزگەرتىپ باقساقچۇ؟ (ماۋۇ مىنىڭ پەقەتلا شەخسى كۆز قارىشىم، تۇيۇقسىزلا كاللامغا كىلىپ قىلىپ يوللىدىم)  سىلەرمۇ ئويلىنىپ باققان بولساڭلار .............  _  o! i3 p/ O2 Y$ T! Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قۇتادغۇبىلىك، تۈركي تىللار دىۋانى دىگەندەك كىتابلاردىن ئىزدىنىپ باقساق بىلىم توغرىسىدا تولىمۇ پاساھەتلىك، سىلىق، ئۆز ئارا مەزمۇنداش بولغان ماقال تەمسىللەر ئۇچراپ قالارمىكىن دەيمىيا..........
" }% V9 L1 T% s+ r# W# P

باھا سۆز

روھلاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى تۆھپىكار ئەزاسى ئىكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.  ۋاقتى: 2012-9-29 20:39
ئزچىل روھلاندىن ئېغىشماي، روھلاننى قوللاپ خالىس تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى مەن ئېيتمىساممۇ باشقىلار د  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-26 22:18
ۋاقتى: 2012-9-26 12:46:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقيەتنىڭ ئانسى .
ۋاقتى: 2012-9-26 13:01:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4يىلدىن بېرى كۆزىتىپ كىلىۋاتىمەن!
2 ^) a" e# \1 i4 h. I* I% [# sئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئىزچىللىقنى ساقلاۋاتقان روھلان،ئىنتىل،بىلىك،نۇرقۇت تور بىكىتىنىڭ ئاتامان ۋە ئەزالىرىغا ئاپىرىن ئىيتىمەن!
ۋاقتى: 2012-9-26 13:10:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن روھلاننىڭ  4 يىللىقىن  تەبرىكلەيمەن  روھلان  مەڭگۈ روناق  تاپسۇن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-26 22:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarkanboy يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 01:45
7 b/ I# V+ q. _4 t! X2 H7 L& E% Eمۇشۇ قۇتلۇق كۈندە روھلاننىڭ خۇلاسىسىنى قىلماي، ئۆزىڭى ...
! I0 i) \7 Q+ P1 q; W' xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئزچىل روھلاندىن ئېغىشماي، روھلاننى قوللاپ خالىس تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى مەن ئېيتمىساممۇ باشقىلار دېمەي قالمايدۇ، شۇڭا سىزنى ئالدىڭىزدا كۆپ ماختاپ يۈرمەي ئىچىمدە بىلىپ تۇراي." W- a4 M. Y9 B7 @" w& z' Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) z3 S5 `, k' k: U1 J! l3 ^
شۇڭلاشقا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈندە ئاشۇ روھلاننىڭ شۇئارى بولغان

& b% i; \2 J/ M! oبۇ تەكلىپىڭىزگە قوشۇلىمەن، بولسا ئىزدىنىپ باقساق ياخشى بولاتتى.
+ |& a6 z9 g9 S' bبۇنى 4 يىل مۇقەددەم ئىنىم بىلەن ئىككىمىزلا ماقال-تەمسىللەرنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ تاللاپ قۇيۇپتىكەنمىز، تەجرىبە كەمچىل ئىدى ئۇ چاغلاردا
  l  ]2 A3 N; R- v$ Z6 U  N$ p) a. S3 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. S- w0 J- ~5 E5 B" }. v% R* Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2012-9-26 22:21:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!!! مەڭگۈ روناق تىپىشىغا تىلەكداشمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 09:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش