روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 958|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئ‍ىككىلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئ‍ىككىلىنىش
رەھمەتجان مۆمىن( ساتېرىك)


يار قېيدامدۇ!؟" كەت!" دەيدۇ،مەن كېتەيمۇ-كەتمەيمۇ!؟
يانار قاچان پەيلىدىن!؟ مەن كۈتەيمۇ-كۈتمەيمۇ!؟

تەتۈرلىكى تۇتتىمۇ،مەندىن ئامەت كەتتىمۇ!؟
گۇناھىدىن بىر قېتىم ،مەن ئ‍ۆتەيمۇ-ئۆتمەيمۇ!؟

ئ‍اشىقلىقتا سەۋدايى بولدۇم ئ‍ارتۇق ئ‍اۋارە،
كۈتۈشلەردىن ۋەسلىگە مەن يېتەيمۇ-يەتمەيمۇ!؟

شىرىن چۈشتەك شۇ كۈنلەر،بولدى تاتلىق ئ‍ەسلىمە،
لەۋ تامشىتپ ئ‍ەلەمدە،ياد ئ‍ېتەيمۇ-ئەتمەيمۇ!؟

ئ‍وتلىرىدا كۆيدۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ،سۆيدۈرگەن،
قىلدى باغرى قاتتىقلىق،ۋاز كېچەيمۇ -كەچمەيمۇ!؟

سىماسى كۆز ئ‍الدىمدا ,نازى يوق ھېچ چۈشۈمدە،
ئ‍ۆرتەندى تەن ھەسرەتلىك ياش تۆكەيمۇ-تۆكمەيمۇ!؟

بولدۇم يارغا قۇربانلىق،ئەزدى مېنى سەرسانلىق،
ئ‍ەمدى يارسىز ئ‍ۆتۈشكە مەن كۆنەيمۇ-كۆنمەيمۇ!؟

ئ‍ىشەندۈرمەك تەس بولدى،چۈشەندۈرمەك تەس بولدى،
كۆكرىكىمگە تىغ ئ‍ۇرۇپ جان بېرەيمۇ-بەرمەيمۇ!؟

ۋاپاسىزلىق قىلدىممۇ!؟ۋىژدانسىزلىق قىلدىممۇ!؟
ئ‍ەقدەمنى خار قىلسا، مەن سۆيەيمۇ-سۆيمەيمۇ!؟

دۇچار بولدۇم قىسمەتكە، قالارمەنمۇ تۆھمەتكە!؟
ئ‍ار-نۇمۇسقا  چىدىماي ، مەن ئ‍ۆلەيمۇ-ئۆلمەيمۇ!؟
مەنبە:ئۆزيازمام


ئالدىنقى: ئاتا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-12 17:42:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېىزپسىز، ساتراغا پەيزىڭىز باركەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 22:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش