روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1812|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاسۇق: كېتىمەن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېتىمەن...

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

بىلىمەن قەلبىڭدە ئۆلدۈم نەچچە رەت،
شۇڭلاشقا قەبرەمگە كەلمەيسەن يوقلاپ.
ھېجرانكەش كېچىنى ئېتىمەن باغاش،
شەھۋەتخور خىيالدا ئۆزۈمنى گوللاپ.

بەزىدە ھېجراننىڭ تەمى بەك تاتلىق،
ئەشەددىي ئۈمۈدنىڭ شەربىتى زەھەر.
بىر قانلىق مۇزىكا ئىچىدە تۇرۇپ،
مەن ئۈچۈن ئۆلۈمنى ياد ئەتتى كىملەر؟

تويۇقسىز ئاققىنى مېنىڭ يولتۇزۇم،
بىھاجەت! قولۇڭنى قان قىلمىغىن قان.
بەرىبىر ۋەسلىڭگە يېتەلمەيدۇ تەن،
قوغلىما،
كەت دېمە،
كۆتۈرمە چوقان .

كېتىمەن ، كېتىشكە چىقىدۇ سەۋەپ،
باشلىدى يۈرۈكۈم قايتا قاناشقا ،
كېتىمەن ، بىر پارچە لىرىكام بىلەن،
بىر قوچاق بەخىتنى قالدۇرۇپ ساڭا.

-2016يىلى 3-1فېۋرال ئاقسۇ شەھەر قۇمقۇدۇق(ساجىڭزا)دا يېزىلدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +8 يىغىش سەۋەبى
تۇرسۇن + 15 + 8 ئاسۇق ئەپەندىنىڭ بۇ ش.

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-13 12:34:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسۇق ئەپەندىنىڭ بۇ شىئىرلىرىغا رەھمەت!
ۋاقتى: 2016-2-13 12:34:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرسۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 12:37  

ئاسۇق ئەپەندىنىڭ بۇ شىئىرلىرىغا رەھمەت!ياخشى يىزىپسىز!
ۋاقتى: 2016-2-16 01:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسۇق ئۇستازنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ، تىنىڭىز سالامەت ، قەلمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن ئۇستاز !
ۋاقتى: 2016-2-18 12:23:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسۇق ئۇستازنىڭ ئىلھامىغا كۆز تەگمىسۇن...
ۋاقتى: 2016-2-18 12:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسۇق ئۇستازنىڭ ئىلھامىغا كۆز تەگمىسۇن...
ۋاقتى: 2016-2-18 23:57:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2016-2-22 15:01:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىزنى ئۇقۇپ قەلبىم بىرخىل ھاياجانغا تولدى...
قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 20:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىمنى ياختۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان قەدىردانلارغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2016-2-24 23:53:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپرىكەن مۇنبەرگە كىرەلمىگىلى كىرىپلا بۇ شىئىرىڭىزنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم تولىمۇ خۇرسەنمەن   

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 06:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش