روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1286|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خۇيۇم بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇيۇم بار
رەھمەتجان مۆمىن( ساتېرىك
سىرلىرىمنى ھېچ ئ‍ىنسان، ئ‍ۇقمايدىغان خۇيۇم بار .
ماڭا تەنقىت-تەربىيە يۇقمايدىغان خۇيۇم بار.

ئ‍ېلىشتۇرۇپ ھەممىنى،قىلىپ يالغان تۆۋىنى،
ھەق-ئادالەت يولىنى تۇتمايدىغان خۇيۇم بار.

قورقۇپ تۇرۇپ ياماندىن،سۇ ئ‍ۆتكۈزۈپ ساماندىن،
جىن قەستىدە شاپتۇلنى  يوقلايدىغان خۇيۇم بار،

چىشلەپ تۇرۇپ ياقىنى،ئالدىم كىشى ھەققىنى،
ھالال-ھارام پەرقى يوق،قورقمايدىغان خويۇم بار.

قولۇم يىراق يانچۇقتىن،تىيىن چىقماس قاپچۇقتىن،
ئ‍ۆز رىزقسىز قورساقنى توقلايدىغان خۇيۇم بار.

ئ‍ازغا يوقتۇر قانائەت،جىقنى بەرمەس ئ‍امانەت،
ئ‍ېلىۋەرسەم قىلچىمۇ تويمايدىغان خۇيۇم بار.

گالۋاڭدىن يول تالىشىپ،پۇلدارغا چىڭ چاپلىشىپ،
ئ‍ارامىدا بىردەممۇ قويمايدىغان خۇيۇم بار.

بىرى مېنى چوڭ  كۆرۈپ،مېھمان قىلسا قوي سويۇپ،
ئ‍ۆتنىسىگە بىر توخۇ سويمايدىغان خۇيۇم بار.

مەندە باشقا ئ‍وقەت يوق،سەبرى،چىدام،تاقەت يوق،
نەيرەڭ بىلەن ھۇشيارنى گوللايدىغان خۇيۇم بار.

كېچە بولسا ياتمايمەن،زادى ئ‍ارام تاپمايمەن،
ئ‍الايغانغا بىر ئ‍ورا كولايدىغان خۇيۇم بار،

خۇيۇمدىن ۋاز كېچەلمەي،مەخسەتكە ھېچ يېتەلمەي،
ياخشىلىققا يامانلىق ئ‍ويلايدىغان خۇيۇ م بار.

ئ‍ۇخلىغاننى ئ‍ويغۇتۇپ،يامانلىققا قۇترۇتۇپ،
باش قايدۇرۇپ توپ كەبىي ئ‍وينايدىغان خۇيۇم بار.

قاچان يۇقتى بۇ ئ‍ىللەت،دەيدۇ ھەممە تەرك ئ‍ەت،
گېزى كەلسە ئ‍ۆزۈمنى سوتلايدىغان خۇيۇم بار.

قەسەم قىلىپ ھەممىگە،ئەمەل يوقتۇر بىرىگە،
ۋەدىسىدە بىردەممۇ تۇرمايدىغان خۇيۇم بار،

ئ‍ەلقىساسى مېنەلھەق،تارازىدۇر ئ‍ادىل خەلق،
ئ‍ەجەل يېقىن كەلسىمۇ تۇيمايدىغان خۇيۇم بار.

مەنبە :ئ‍ۆز يازمام
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەتجان ئ‍اكام بۇ ساتىرا دىگەننى نىمانچىمۇ قاملاشتۇرىۋىتىدىغاندۇ دەيمەن؟!بىر خىل ھەۋەس قىلىمەن -دە!
ۋاقتى: 2016-3-8 23:43:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرا دىگەنى پىشىلتىۋەتىپسىز
ۋاقتى: 2016-3-9 10:08:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، رەھمەت سىزگە !!!!!!
ۋاقتى: 2016-3-14 16:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتېرا ياخشى چىقىپتۇ. غەزەل شەكلىدە مەخسەت-مۇددىئانى ئىپادىلىمەك خېلى تەس. سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-28 23:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش