روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2856|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئ‍ۆينى بۇزغان ئ‍ايخېنىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئ‍ۆينى بۇزغان ئ‍ايخېنىم
رەھمەتجان مۆمىن (ساتېرىك)
ئ‍ۆز-ئۆزىگە تېخى "ھاي"بېرەلمىگەن ئ‍ايخېنىم،
بىخۇتلۇقتا خۇدىنى بىلەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.
شىرىن چۈشتىن ئ‍ەسلىگە كېلەلمىگەن ئ‍ايخېنىم،
ئ‍ەتىسىنى بەختنىڭ كۆرەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

سىماسى راست ،ئ‍ەسلىدىن ئ‍ىدى خۇددىي گۈلچىراي،
كىرىپ قاپتۇ "جىن"سىياق ئ‍ۆزىگە ھېچ ئ‍وخشىماي،
"ھەشەمەت"نىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرەپ توختىماي،
قۇرۇق"سۆلەت،ئامەت"تە كۆرەڭلىگەن ئ‍ايخېنىم.

چۈشكۈسى يوق زادىلا،"ھەشەمەت"نىڭ تەختىدىن،
چاي ئ‍وينايدۇ،كىرمەيدۇ،كوچا-كويدىن،رەستىدىن،
رازىلىق يوق قىلچىلىك ئ‍ۆز نېسىۋە-ھەققىدىن،
ئ‍ويناپ تۇرۇپ شادلىنىپ كۈلەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

يىگىت شۇنچە ئ‍ىخلاسمەن،ھەم ساپالىق،قاملاشقان،
قىزىغاندا توي-نەغمە،ئەل زوقلۇنۇپ قاراشقان،
نەدە شۇنداق قىزلار بار!؟ يېرىم يولدا ئ‍اداشقان،
ھەسەل قۇشقان چاينى ھەم ئ‍ىچەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

ئ‍ۆتكۈزۈشكە رايى يوق يىگىت بىلەن بىر قىشنى،
ئ‍وتتا كۆيسە تەڭ كۆيۈپ،سۇدا بىللە ئ‍ېقىشنى،
قالدى يىگىت ئ‍ەلەمدە ،قۇرۇت يېدى ساق چىشنى،
تويدىن كېيىن يىگىتنى سۆيەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

چۈۋىن چۈشۈپ قاپتۇمىش،ئۆزى ئ‍ەتكەن ھالۋىغا،
يامانلىدى،ھەممىنى بېسىپ ئ‍ېشەك ھارۋىغا،
تېخى داتلاپ يۈرەرمىش كىم ئ‍ۇچرىسا ئ‍الدىغا،
ۋاپاسىغا يىگىتنىڭ كۆنەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

پول يىغىشنىڭ كويىدا چىقتى تاپنىڭ تېشىغا،
قىستاپ كەلدى ئ‍اقىۋەت ئ‍ەرنى يارنىڭ بېشىغا،
ئ‍ۆينى بۇزدى قەستەنگە،توپا سېلىپ ئ‍ېشىغا،
ئ‍ۆز ئ‍ەجرىدىن دۇردانە سۈزەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

كەتتى ئ‍اتا-ئانىنىڭ ئ‍ىخلاس-ئەجرى زاياغا،
يەتتى نالە پەككە،ئىلتىجاسى خۇداغا،
ئ‍ىنساپ،ئىمان،قۇت تىلەپ،قول كۆتۈردى دوئاغا،
دىلنى ئ‍ەلەم،كۆز ياشتا تىكەنلىگەن ئ‍ايخېنىم.

تويلۇق مېلى تۇرسىمۇ،ساندۇقىدا پاتماللاپ،
ئ‍ارا كۈندە ئ‍التە ۋاخ كېتىۋىلىپ يامانلاپ،
قۇرۇق قىلدى يىگىتنىڭ يانچۇقىنى ئ‍اماللاپ،
ھەق يولىدا خامخىيال سۈرەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

ئ‍ۆيدىكى مال-مۈلۈكنى ئ‍اپتۇمىش ئ‍ۆز نامىدا،
تالۇن باركەن قانۇنلۇق،ھازازۇلنىڭ قولىدا،
قايتا-قايتا قىژدۇرۇپ تەلەيمۇ يوق بالىدا،
تامدىن باشقا ھەممىنى ئ‍ېگەللىگەن ئ‍ايخېنىم.

"قىز"غا خاسمىش يىگىتنىڭ بارلىق تاپقان -تەرگىنى،
شۇڭا قىلچە ئ‍ېگىلمەي،قاتقان قىزنىڭ گەدىنى،
شۇنچە قىلدى يىگىتنىڭ بىلمەي قالدى قەدرىنى،
كېچىكىگە يىگىتنىڭ كىرەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

تەرسالىقتا يىگىتنى خىيالىغا ئ‍المىدى،
ئ‍التۇن "مۇدا"بولمىسا،قۇلىقىغا سالمىدى،
قوتىنىدا يىگىتنىڭ قوي-كالىمۇ قالمىدى،
نېمىسى كەم!؟كۆڭۈل خوش ئ‍ېتەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

ھالى كەتتى يىگىتنىڭ ماسلىشاي دەپ زامانغا،
"ئ‍ۆي تۇتايلى!تۈزۈك!"دەپ چىقتى ئ‍اخىر "يامان"غا،
بېشەملىكتە تارالدى،قىزنىڭ نامى جاھانغا،
تەربىيىدە،تەنبىھتە تۈزەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

يامانلاشتىن،باتناشتىن يىگىتمۇ بەك زېرىكتى،
ئ‍وساللاشتى خۇي-پەيلى،كۆپ چېچىلدى،تېرىكتى،
پۇشايمانغا ئ‍امال يوق،بىراق،ئەمدى كېچىكتى،
دىل رىشتىنى يىگىتكە چىگەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

ياغ چىقىدۇ دېسە قىز چاينامدىكىن چىگىتنى!؟
بارلىقىنى بەرسىمۇ يەرگە ئ‍ۇردى يىگىتنى،
خار قىلدى ھەم مۇقەددەس،نىكاھ،ئارزۇ-ئۈمىدنى،
ئ‍اچقۇچىنى ئ‍امەتنىڭ كېپەنلىگەن ئ‍ايخېىنىم.

مېڭىۋەرسە كالىمۇ چارچىمامدۇ جۇۋازغا!؟
ئ‍وخشاپ قالدى ئ‍اقىۋەت يىگىت سويغان پىيازغا،
ئ‍ايلاندىغۇ ئ‍ۆي خۇددىي تومۇزدىمۇ ئ‍ايازغا،
ئ‍اجرىشىپمۇ ۋىسالغا يېتەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

بىلمىسە يا تونۇرغا بىرەر توقاچ يېقىشنى،
ھېچ بۇلمىسا سۈيۈقئاش ياكى ئ‍وماچ ئ‍ېتىشنى،
ئ‍ۆگەتكەنمۇ ئ‍انىسى قازان-قومۇچ چېقىشنى،
سىنىقىدىن ھاياتنىڭ ئ‍ۆتەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

ئ‍ايخېنىمنى ئ‍اق دەيدۇ،كورمەمدۇ يا كۆزلىرى!؟
كۆڭلى قارا نىمانچە،زەھەرخەندە سۆزلىىرى!؟
بىلمەمدىكىن نۇمۇسنى،قېلىنمۇ يا يۈزلىرى!؟
سەبرىسىنى تاقەتنىڭ كۈتەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

بۇنىسى راست،رېئاللىق ،شۇم ئ‍ېغىزلىق قىلمىدىم،
ئ‍ىبرەت بولسۇن ھەممىگە مېنىڭ ياخشى تىلىگىم،
چەكتىن ئ‍اشقان قىلمىشقا مەن يىغلىدىم،ئۆلمىدىم،
ئ‍ار-نۇمۇسقا كۆمۈلۈپ ئ‍ۆلەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.

‌قىلسا كىمگە قانچىلىك يانار ئ‍ۆزگە "پىل"چىلىك،
‌ئ‍ۆينى بۇزۇپ ئ‍ايخېنىم پايدا ئ‍الدى قانچىلىك!؟
‌ئ‍ۆتنىسى بار ئ‍الەم بۇ مەغرۇرلانماڭ ئ‍ۇنچىلىك،
‌مېھرىنى ئ‍ۇز تامادىن ئ‍ۈزەلمىگەن ئ‍ايخېنىم.
مەنبە :ئ‍ۆز يازمام
كېيىنكى: كۆڭۈل بەرگىن
ئالدىنقى: ھەقىقەت نەدە
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-5 12:45:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا سىزگە ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ ساتىرا ، سىزگە ئامەت يار بولسۇن............
ۋاقتى: 2016-2-5 13:31:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايخېنىم مەنتەڭ چىراي،
بۇ دەردكە قانداق قىلاي!؟
ۋاقتى: 2016-2-5 22:32:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ناھايتى ياخشى يېزىپسىز  
ئۆتۈنۈپ قالاي قىرىنداشلار بۇنى تەرجىمە قىپ بەرسەڭلارچۇ凡是让汇款到“安全账户”审查的,一定是诈骗。(公安厅刑侦总队宣)
ۋاقتى: 2016-2-6 11:37:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىغا دەرت كەلمسۇن، رەخمەت...
ۋاقتى: 2016-2-12 17:40:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزنىڭ قۇۋۋىتىنى نامايەن قىپسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-27 03:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش