روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2016|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۈندىكى ھىجران

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yukselix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 19:30  

تۈندىكى ھىجران

  ئەسقەر قۇربان

ئ‍ەتراپ جىمجىت ھەممە ئ‍ۇيقۇدا،
ماڭا ھەمراھ كۆكتە تولۇن ئ‍اي،
خىياللىرىم كەزمەكتە ھەريان،
سۇئال سوراپ بىردەم توختىماي.

ۋاراقلىدىم ئ‍ۆتمشىمنى مەن،
ئ‍ەسلىمىلەر قوينىدا يۈرۈپ،
كۈنلەر شۇنداق ئ‍ۆتكەنتى شىرىن،
ھايات ماڭا باققانتى كۈلۈپ .

تەقدىر ماڭا قىلدىمۇ چاقچاق،
كەتتى نىگار مەندىن ئ‍ايرىلىپ.
ھەمراھ قىلدى ماڭا ھىجراننى ،
يۈرۈكىمگە ئ‍ازاپلار سېلىپ.

تىكەندەكلا قالدىم يىگانە،
ئ‍ازاپلارنى ئ‍ىچىمگە يۇتۇپ.
ئ‍ۆتەر كۈنۈم ھەركۈنى شۇنداق.
ئ‍اينى سىرداش قىلىپ مۇڭدىشىپ.

  ئاقسۇدا يېزىلدى
2016.1.18


كېيىنكى: گۈزەل قىز
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

شىئ‍ىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، دەرتلىرىڭىزگە داۋا تېپىۋېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
شىئ‍ىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، دەرتلىرىڭىزگە داۋا تېپىۋېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2016-2-15 00:30:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي ئاسماندا ھەمراھ بولۇپتۇ،
يالغۇزلۇقى بىلىنمىسۇن دەپ،
نىگار كەتسە، دوستلار تۇرۇپتۇ،
ئۆتىۋەرمەڭ ئۇنچىلىك غەم يەپ.
ۋاقتى: 2016-2-16 01:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز   
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-16 17:56:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئېرنى ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 19:29:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹نىگار كەتسە،دوستلار تۇرۇپتۇ،››
بۇگەپلەردىن سۆيۈندى قەلبىم،
بىراق نىگار بولمىسا ياندا ،
قانداق ئۆتەر مېنىڭ ھەركۈنۈم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 19:33:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈل خانىم ،ئەگىشىپ يېزىپ قويدۇم، ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، بىلىسىزغۇ دەيمەن دوستلۇق باشقا ،نىگار باشقا گەپتە!.......
ۋاقتى: 2016-3-14 16:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆيگۈ لېرىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم.مۇھەببەت مەنزىلى مەڭگۈ بەختكە چۆمگەن سەيلىگاھ ئەمەس، ئازابلىق ھىجران ئازابى تولغان جەريان بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن. داۋاملىق تىرىشقايسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 08:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش