روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1462|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەمدى كۆز-كۆز قىلمىغىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەمدى كۆز-كۆز قىلمىغىن
(مەستانىلارغا نەسىھەت)
ئابدۇسەمەت داۋۇت

خىزمەتداشمىز ئەسلىدە،
بىر ئورۇندا ئىشلەيمىز.
ئۇچراشسامقۇ نەچچە رەت،
ئەسسالام دىيىشمەيمىز.

بىلدۇق ئاخىر سىرىڭنى،
بىزنى كۆزگە ئېلمىدىڭ.
قىلمىشىڭغا سەپ-سېلىپ،
كۈزەتسەكمۇ بىلمىدىڭ.

ئۆيدە تۇرسا بىر جۇپتۇڭ،
يەنە بىرنى مارىدىڭ.
كۆرمەيدىغۇ بىزنى دەپ،
كۆز قىسىشىپ قارىدىڭ.

بۇمۇ ئازلىق قىلغاندەك،
قاش ئېتىشىپ قاراشتىڭ.
ئالما، ئامۇت تەڭلىشىپ،
قوللىرىڭنى سىلاشتىڭ.

قارىشىپمۇ قانمىدىڭ،
ئەتتىگەندىن كەچكىچە.
يول قويمايمىز سەنلەرگە،
بىز دۇنيادىن كەتكۈچە.

ۋىجدانىمىز يۈز كىشلىك،
ئەمدى قاراپ تۇرمايمىز.
كۆز-كۆز قىلساڭ قايتىدىن،
ئەمدى ئۇرماي قويمايمىز.

ئىشەنسۇن دىسەڭ بىزنى،
ھاياسىز ئىش قىلمىغىن.
سىرىڭ تولۇق پاش بولدى،
ئەمدى كۆز-كۆز قىلمىغىن.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم 2016-3-6
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەت مۇئەللىم ياخشى يېزىلىپتۇ، شۇنداق بىئەدەپلەر  كۆزگە چېلىقىپ قاپتۇدە.
رەھمەت مۇئەللىم ياخشى يېزىلىپتۇ، شۇنداق بىئەدەپلەر  كۆزگە چېلىقىپ قاپتۇدە.
ۋاقتى: 2016-3-10 10:44:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەڭ  ياخشى يىزىپسىز .رەخمەت سىزگە، مەن ياقتۇرۇرپ قالدىم
ۋاقتى: 2016-3-10 11:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇسەمەت مۇئەللىم ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز،يازغۇچىلىق ھاياتىڭىزغا يەنىمۇ ئوتۇق،ئامەت تىلەيمەن،مەڭگۈ سالامەت بولۇڭ،يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،رەھمەت سىزگە!!!!!!
ياخشى شىئ‍ىر!.......
ياخشى يېزىپسىز، قەلمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن!
ۋاقتى: 2016-3-14 16:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتېرانىڭ تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، مەزمۇنى چوڭقۇر يېزىلىپتۇ. يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، نېمە كارىم دەپ ئۆتۈپ كەتسەك، يېقىن دوستلىرىمىزنى ئورىغا ئىتتىرگەن بولىمىز. بۇ شېئىردىن كۆپلەر ئىبرەت ئېلىشى مۈمكىن. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 22:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش