روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1596|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېزىپ يۈردۈق پاراغەتتە جېسمىمىزغا ئارامھەت يوق،
كەزدۇق گۈزەل بوستانلارنى قەلبىمىزگە شىپاھەت يوق.
نە يارالسۇن بىر قىممەت،قىممەتتىن ھېچ ئاسارەت يوق،
قوغلىدۇق كۆپ ئۇيۇنلارنى،ھېچ ئۇيۇندىن شاپائەت يوق.

يۈك بۇلۇپ قالدۇق ئۆزىمىزگە يۈدۈپ يۈرۈش كەلدى ئېغىر،
خىياللارغا بولدۇق ئەسىر كۆز ئۇچۇق يا ھەركەت يوق.
ئېيتىپ ئۆتكەن شۇ پاراڭدا راستنى ئايرىش بولدى قېيىن،
قاتنىشىپمۇ نى جەڭلەرگە بەدەندە ھېچ جاراھەت يوق.

باغدا كۆپكەن كۆچەتلەر بىر-بىرىدىن بۇلۇق ئۆسكەن،
لېكىن قولغا ئېلىنغۇدەك شاخلىرى بار مېۋىسى يوق.
مىغىلدايدۇ بېلىجانلار شوخ سەكرىشىپ دەريا سۈيىدە،
ئېنى كەڭرى دەريالارنىڭ تىزدىن ئاشقان سۈيى كۆپ يوق.

بۇلۇق ئۆستى زىرائەتلەر دېھقانلارنى خوش كۈلدۈرۈپ،
لېكىن كۈزدە ھوسۇل يىغىپ قەرىز تۆلەشكە چاپقىنى يوق.
تۇيۇنغان زامان بولدى، توۋلاپ يۈردۇق شۇئار قېتىپ،
تېخى نى نى ئائىللەردە قازاندا ئاشمۇ ئاشقىنى يوق.

تورغا بېيىپ تۇرمۇشىمىز  كەلگۈسىگە كەتتۇق يېراق،
ئەمما شۇ دەم ئۇسسىغاندا ئىچەي دېسەك سۈيىمىز يوق.
رەستىلەردە ماللار تۇللۇق بازار چۆمدى قايناملىققا،
نامراتلارغا بولدى قېيىن  باينىڭ ئېلىشقا رايى يوق.

ئەجىرسىز كۈتمەك مېۋە، ئۇ بېر نادان قىلمىشى،
تېرىشايلى بۇ ھاياتتا تەرسىز كەلگەن نىمەت يوق.
كۈلدۈرەيلى كائىناتنى كۈلسۇن بارچە مەۋجۇدات،
ھەممە كۈلسە بىرلىكتە بۇندىن ئارتۇق بەخىت يوق.
                                      2016-يىلى 31-يانۋار   (ئۆملۈك)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەت سىزگە ياخشى يىزىپسىز

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2016-2-1 18:27
ۋاقتى: 2016-2-12 17:39:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ياخشى مەزمۇن.
ۋاقتى: 2016-2-12 17:39:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ياخشى مەزمۇن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 23:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش