يامغۇر ياغدى ئوتتۇز توققۇز كۈن
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
چار يىلان
نېمىلەرنى دېگەندىمەن ئۆزۈمگە،
بەلكىم، تېخى ھېچنېمىنى دېمىدىم.
دەرتلىرىمگە تۇرساڭ قات-قات يۆگۈشۈپ،
ئەي چار يىلان، دەمدىم سېنى يىمىدىم؟
ئاۋۇ ئاسمان كىمنىڭ قارا كۆزىدۇ،
بىر ئاۋازدىن سىلكىنىمەن، ھېچكىم يوق.
ئېقىپ كەلگەن يۇلتۇز ئەمەس ئۇياقتىن،
دەل تېگەرمۇ يۈرىكىمگە غايىپ ئوق؟
جىمىرلايدۇ ئاينىڭ تۇتۇق لەۋلىرى،
ئېيتماق بولۇپ گويا ماڭا سىرىنى.
ئېيتاي دەيمەن، ئېيتالمايمەن ھېچكىمگە،
چۈشەپ قالدىم كۆيۈپ قالغان بىرىنى...
ئەي چار يىلان، كۆزۈڭدىكى ئوتنى چاچ،
يورۇپ قالسۇن تۈننىڭ خىلۋەت گىرۋىكى.
دەرتلىرىم بار يېسەم، يېسەم تۈگىمەس،
سەن چېقىلغان يۈرىكىمنىڭ ئەرمىكى!
نېمىلەرنى دېگەندىمەن ئۆزۈمگە،
بەلكىم، ئەمدى ھېچنېمىنى دېمەيمەن.
يەر بېغىرلاپ ئۆلۈپ كەتسەم جىممىدە،
يەيدۇ مېنى، چار يىلاننى يېمەيمەن!
2014-يىلى، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، يېڭىسار.
ئۈمىد ئۈزۈش
كۆزۈڭدىكى كىمنىڭ كۆزىدۇ،
سۆزۈڭدىكى كىملەرنىڭ سۆزى؟
ئاي ئەمەسقۇ كۆرگىنىڭ ئاخشام،
ئايدىڭ دېگەن كېچىنىڭ ئۆزى.
دەريا دېگەن نەدىن كېلىدۇ،
كۆزۈڭدىكى كىملەرنىڭ يېشى؟
سۆزۈڭ چۆكۈپ كەتتى ئىچىڭگە،
يۈرىكىمدە ئازابنىڭ تېشى.
كۆزۈڭدىكى سايەم قىسقىراپ،
ئايلانماقتا بىر تال چېكىتكە.
يېيلماقتا گۇگۇم كېچىدىن-
سۆزۈڭدىكى مەۋھۇم ئۈمىدكە.
قارىمايمەن تىكىلىپ ئەمدى،
كۆزۈڭدىكى جىمجىت كېچىگە.
تاشلىمايمەن جاننى ئوچۇغداپ،
سۆزۈڭدىكى ئوتنىڭ ئىچىگە!
2014-يىلى، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، يېڭىسار.
يامغۇر ياغدى ئوتتۇز توققۇز كۈن
كۆزۈم تۇتۇق، كۆزلىرىم غۇۋا،
يامغۇر ياغدى ئوتتۇز توققۇز كۈن.
بۇلۇتلارنى يايدى قاتمۇ-قات،
كۈندۈزۈمدە ئوتتۇز توققۇز تۈن.
ئەي، مەن تۇنجى تىلغا ئالغان سۆز،
توۋلاپ قالدىم سېنى ۋاقىراپ...
يامغۇر ياغدى ئوتتۇز توققۇز كۈن-
كۆزلىرىمدىن سۇدەك شاقىراپ.
يامغۇر ياغدى ئوتتۇز توققۇز كۈن،
بىر تامچىسى چۈشمىدى يەرگە.
يامغۇر كەبى يىغلىماق تەسكەن،
قىرىق ياشتىن ئاشقاندا ئەرگە!
بىر كۇمۇلاچ لايغا ئايلاندى،
يۈرەك دېگەن بىر ئوچۇم تۇپراق.
بىر ئادەمنى ياسىماقچىدىم،
ياسالمىدىم روھىنى بىراق.
يامغۇر ياغدى ئوتتۇز توققۇز كۈن،
ھەسرەتلىرىم قۇيۇلار باشقا.
ئۆتكۈزىمەن قىرىق كۈننىمۇ،
بىر قەبرىدە ئايلىنىپ تاشقا...
2014-يىلى، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، يېڭىسار. |