روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 921|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: ئالمىدەك يۈرەك يېرىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-22 18:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-28 10:42  

ئالمىدەك يۈرەك يېرىلدى

-ئاتاقلىق شائىر، ئىجتىھاتلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئوسمانجان ساۋۇت ئاكا ۋاپاتىغا مەرسىيە

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

يۈرىكىم قان يىغلىدى، ھەسرەتتە «ئوسمانجان!» دېدى،
بۇ مۇسىبەتتىن جاھان ھەيرەتتە «ئوسمانجان!» دېدى.

كۈندە كۈنسىز، تۈندە ئايسىز ئۆرتىنىپ ئاسمان گويا،
چاقمىقى چوغدەك يورۇق خىلۋەتتە ئوسمانجان، دېدى.

سۇلىرى ياشتەك ئېقىپ تۇپراق پىچىرلاپ قايغۇدا،
خۇددى تاغنىڭ ۋەزنىدە ھېكمەتتە ئوسمانجان، دېدى.

ئالمىدەك يۈرەك يېرىلدى دەپ زەكىيلەر زىكرىدە:
سۈپسۈزۈك ئاپتاپ سۈپەت ھىممەتتە ئوسمانجان، دېدى.

توزىدى سۆزلەر گۈلى دەپ نالىسام بۇندا چىمەن،
توزىماس گۈللەر بىلەن سۆھبەتتە ئوسمانجان، دېدى.

سۇغا سۇدەك، ئوتقا ئوتتەك قېتىلىپ ئۆتتۈڭ ھامان،
ئۆتكۈلەردىن سورىسام ۋەھدەتتە ئوسمانجان، دېدى.

ھۆر-پەرىلەرنى بىھۇش ئەيلەپ نەزىمنىڭ سېھرىدە،
يەر ماڭا گۈلساي ئەمەس، جەننەتتە ئوسمانجان، دېدى!...

2013-يىلى، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، يېڭىسار.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-10-22 19:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزپسىز  قولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2013-10-22 20:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاخ شۇنداق ئېسل يېزپسىز قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
ۋاقتى: 2013-10-23 00:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تۇلپارىڭىزغا  ئۇتلۇق تىلەيمەن  ئۇستاز
ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ
ۋاقتى: 2013-10-24 14:27:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2013-10-24 21:42:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىمىز ئۈچۈن يېزىلغان ياخشى مەرسىيە بوپتۇ ، قەلىمىڭىز ھەرقاچان يالتىراپ تۇرسۇن ...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 05:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش