روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 924|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غەزەللەر

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

ئۈمىدسىزلىنىش

ۋەسلىگە يەتمەككە يارغا تەلمۈرۈپ يۈرسەم كېرەك،
ئىككى ئالەم قىسمىتىنى مۇندا مەن كۆرسەم كېرەك.

ئىستىدىم ياردىن بىشارەت تەندە شاخىم سۇنغىچە،
يۈرىكىمدە ئۈگدىگەن قۇشتەك خىيال سۈرسەم كېرەك.

يېرىمىم ھاۋادا سەرسان، يېرىمىم تۇپراقتا خار،
مەن ئىشقنىڭ ھۆكمىدە ھىجران بىلەن كۈلسەم كېرەك.

سۇ بىلەن چۆللەر ئارا كۆز ياشلىرىمدەك قاغدىلىپ،
ئوتنى ھۈللەمگە چېچىپ ئاۋۇندۇرۇپ كۆيسەم كېرەك.

بارمۇ باغلاق ياكى دار ئەتمەككە يارنىڭ ساچىدىن؟
يۈرسە كارۋان يولىدا، مەن ئىت كەبىي ھۈرسەم كېرەك.

مەن ئادا بولغاندا ھەقتۇر قۇپقۇرۇق مەنسۇبىيەت!
ئالقىنىمدا ئالتۇنۇم تاش، سۇ بولۇپ سۆيسەم كېرەك.

ئاي پەزاسىدا تولۇن، باغرىمدا يار تولغايمىكىن،
بۇ كېچە يۇلتۇز ساناپ پۈتتى ساناق، ئۆلسەم كېرەك...

2013-يىلى، 12-ئاي، يېڭىسار.

يارنىڭ ئاپتىپى

كۆزلىرىمگە يايدى كۆك ئاسماننى يارنىڭ ئاپتىپى،
يۈرىكىمگە چاچرىتىپ گۈلخاننى يارنىڭ ئاپتىپى.

چىقتى ياردىن چوغلىنىپ (مەن كۈننى ئاسماندا دېسەم)،
كۆيدۈرۈپ ئاينى يەنە چولپاننى يارنىڭ ئاپتىپى.

«يار» دېگەن سۆزنىڭ گۈلى، بۇلبۇل ئىكەنمەن ئەسلىدە،
تىللىرىمغا تۆكتى مىڭ داستاننى يارنىڭ ئاپتىپى.

سۈپسۈزۈك شەبنەمنى مەستخۇش ئەيلىدى بەرگى ئارا،
كۈلدۈرۈپ قات-قاتىدا رەيھاننى يارنىڭ ئاپتىپى.

ئىككى تال شولاڭ قانات، باغرىمدا ئۇچ ئەي نۇرقۇشى،
سايرىتار سەن بىرلە بىر ئارماننى يارنىڭ ئاپتىپى:

قاپقارا تۈنلەرگە مەھكۇم ئەيلىگەي سېھراتىدا،
تەندە ئىبلىس، جاندا بار شەيتاننى يارنىڭ ئاپتىپى.

شولىسىغا تارىلىپ چىقسام قۇدۇقتىن زارى-زار،
مەن يۈسۈپكە يورۇتار كەنئاننى يارنىڭ ئاپتىپى!

2013-يىلى، 12-ئاي، يېڭىسار.

يۈرەك يار كەتتى، يار كەتتى

كۆزۈم يەتمەس، بوسۇغاڭ يار، داۋانغا ئايلىناي دەيدۇ،
پىراقىتىن ئۆرتىنىپ رەڭگىم سامانغا ئايلىناي دەيدۇ.

قاراسلاپ سۇندى ئاسماننىڭ ساڭا چەت گىرۋىكى ئاخشام،
جامالىڭ ئاي ئىدى، بۇدەم تۇمانغا ئايلىناي دەيدۇ.

تۈنۈڭ قورشاۋىدىن چىقسام، سوۋۇقلار دەھشىتى يۈتمەي،
چېچىڭ ئۆرۈملىرى يال-يال يىلانغا ئايلىناي دەيدۇ.

كۆزۈڭدە ياتىدۇ يولۋاس، لېۋىڭدە نەرىلىك شىر بار،
قېشىڭ كۆكسۈمگە بەتلەنگەن كامانغا ئايلىناي دەيدۇ.

ھىدىڭ ھىدلاپ چىقىپتۇرمەن بوراندەك كوھىقاپلاردىن،
تولۇپ باغرىمغا يار دەردىڭ پىغانغا ئايلىناي دەيدۇ.

ئەمەسمەن تالىيى ئوڭ تاز، پاداڭنى باقمىقىم يوقتۇر،
جېنىم سىغماي قىنىم سەرسان جاھانغا ئايلىناي دەيدۇ.

بېشىم سۇدا، ئاياغىم ھەم، نېتەي قىسمەتلىرىم كەلكۈن،
يۈرەك يار كەتتى، زەرداپ سۇ قىيانغا ئايلىناي دەيدۇ!

2013-يىلى، 12-ئاي، يېڭىسار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +35 تەڭگە +29 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 15 + 9 يارايسىز
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-13 18:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن مۇئەللىمنىڭ  تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئىستىداتىغا قايىلمەن. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.
قولىڭىزغا دەت كەمىسۇن.ئالاھىدىن ئەپەندىنىڭ بۇرۇنقى شىئىرلىرىمۇ ياخشى چىقىپتىكەنتۇق.قايىل مەن.
ۋاقتى: 2014-8-9 11:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ پاساھەتلىك نەزمىلىرىنى ئوقۇپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى.تورغا ۋاختىدا چىقالماي، نۇرغۇن سىردىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىمدىن ئۆكۈنىمەن.غەزەللىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇرمىنىڭىز ۋە دوستىڭىز بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە زور ئۇتۇق تېلەيمەن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 14:11

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش