روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 771|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: يېرىل تاشىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-25 17:08:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يېرىل تاشىم

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

تۈنەي ئۆڭكۈرلىرىڭ ئىچرە، پىغانىمدىن يېرىل تاشىم،
كېتەي چاڭگام چۇۋۇلغان بۇ ماكانىمدىن، يېرىل تاشىم.

ئېچىلماس-باغرى تاش يارنىڭ، ئوچۇق باغرىم پايانلارغا،
جۇدا ئەتتى مېنى ھىجران نىشانىمدىن، يېرىل تاشىم.

بولۇر غايىپلىقىڭ ئەسرا يىگانە تۈنلىرىم بالبال،
ئېتىلغايمەن ياۋانىڭغا كامانىمدىن، يېرىل تاشىم.

ئىچىمدە ئوت، ئۆچۈرمەككە مېنىڭ پايناپلىرىم نەدە؟
تۆكۈلگەي زەپىران تۇپراق خازانىمدىن، يېرىل تاشىم.

يېرىلماق باركى تۇپراققا، يەنە ئاسمانغا مەھشەردە،
يېرىلدىم جانغا دار ئىزلەپ جاھانىمدىن، يېرىل تاشىم.

سوغامنى تاشلىدىم باشتىن، تېشىپ زەردابلىرىم ئاندىن،
قويايمەن نوھنى ھەيرەتتە قىيانىمدىن، يېرىل تاشىم.

تېنىم تاشمۇ، جېنىم تاشمۇ، نىگار ئوينامدۇ تاش تەرمەك؟
تېرىپ ئال، بەلكى تاشتۇرمەن داۋانىمدىن، يېرىل تاشىم!

2013-يىلى، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، يېڭىسار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
zeheri + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-10-25 17:31:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسل شىئىر يارايسىز، شىئىرلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن.
ۋاقتى: 2013-10-25 18:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىلماس-باغرى تاش يارنىڭ، ئوچۇق باغرىم پايانلارغا،
جۇدا ئەتتى مېنى ھىجران نىشانىمدىن، يېرىل تاشىم.

تولىمۇ پەيزى چىقىپتۇ ھارماڭ ئۇستاز
ئېسىل غەزەلكەن!
ۋاقتى: 2013-10-25 18:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز يازغان شىئېرلىرىڭىنى(غەزەللېرىڭىزنى) ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،رەخمەت .
ۋاقتى: 2013-10-25 20:56:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈزۈم ئېچىلىپلا قالدى دىسسە.
شۇنداق ئسل شېر ئىرلىرىڭز بىلەن تورداشلارنڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋاتسىز    ئاپرىن رەخمەت  ئاللاھ ئائىلىڭىزىگە  بەركەت بەرسۇن
ۋاقتى: 2013-10-25 21:58:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت! قەلىمىڭىزگە بەرىكەت ،ئائىلىڭىزگە شادلىق،خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 02:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش