روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2157|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 23:10  


غەزەللەر

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت


كاپ-كاپ كۈچۈكنى سوراق قىلىش خاتىرىسى

-ئۆزۈڭ كاپ-كاپ كۈچۈك شۇمۇ، ماڭا سەندىن ۋاپا شۇمۇ؟
ئۈزۈپ ئالدىڭ پاقالچاقتىن، قېرىنداشقا جازا شۇمۇ؟

-ساناقسىز لەشكىرى ياۋنىڭ پىتىڭدىن ئۈندى يالماۋۇز،
تۇلۇملاپ چۈشكىنى باشقا ھىلەڭ شۇمۇ، رىيا شۇمۇ؟

-تېكەسنىڭ تاغلىرى ھۇۋلار قىنىمدا چىن تۆمۈر بار دەپ،
لەپىلدەپ كۆكتە ئۇچقان تۇغ ئىگەڭ مەختۇمسۇلا شۇمۇ؟

-بېشىڭدا ئوينىغان مىسران قىلىچتىن سور باھادىرنى،
يۈرەكتىن قان شورار ئىبلىس، شورايسەن، مۇددىئا شۇمۇ؟

-كۆرۈنمەس يەتتە قات ساۋۇت، دۇبۇلغا ھەيۋىتى نەدە؟
قاناتى قايدا بۈركۈتنىڭ، سۈكۈتلۈك كەڭ دالا شۇمۇ؟

-چېپىلغان ئارغىماقلارنىڭ كۆزىدە قان قىيانلايدۇ،
سېھىرلىك ئالما يوق ئەمدى، يۇمۇق كۆزگە داۋا شۇمۇ؟...

-بېرىپ پۇش-پۇش مۈشۈككە ئېيت، يەنە تاخ-تاخ توخۇ كەلسۇن،
سېنىڭدىن كەلگىنى ئاخىر جاۋاب شۇمۇ، سادا شۇمۇ؟

-تۆشەك بەرگەن، كاتەك بەرگەن زېمىن يۇتمامدۇ ساتقۇننى؟
دوزاقنىڭ دەھشىتى ساتقۇن ئۈچۈن يانغان لاۋا شۇمۇ؟!!

2013-يىلى، 3-ئاي، يېڭىسار.

دىلبەر

تۈنىڭدە بۆرىدەك ھۇۋلار ئەسەب-سەۋدالىرىم، دىلبەر،
قاراسلاپ كۆكتە چاقماقتەك چاقار غەۋغالىرىم، دىلبەر.

قىيانلاپ ئاقمىغاي سەندىن سۈزۈك ئايدىڭلىرى ئاينىڭ،
خازان جىلۋەمگە رەغدى يوق، قېنى رەنالىرىم، دىلبەر؟

پۈتۈك ئاۋازىدا چىللار سېنى ساھىللىرىم تەنھا،
كۆزى ئايلاندى چۆللەرگە قۇرۇپ دەريالىرىم، دىلبەر.

تىۋىنغاي تاشمۇ تاغلارغا قىيالار باغرىنى ھىدلاپ،
ئاقار يۇلتۇز سايان كەتتى مېنىڭ شەيدالىرىم، دىلبەر.

كۆزۈمدە ئۆكسىگەي ئاسمان قاناتى توزىغان قۇشتەك،
بېشىڭدا ئەگىگەي سەرسان غېرىپ ئەنقالىرىم، دىلبەر...

2013-يىلى، 3-ئاي، يېڭىسار.

ئىلتىجا

ئاچ كۆزۈڭنى! مەن كۆيۈكنىڭ دەردىنى چەندان قىلاي،
كىرپىكىڭنىڭ سايىسىدا تولغۇشۇپ ئەپغان قىلاي.

بىر كۆزۈڭگە ئوت يېقىپ چاقماقلىرىمنىڭ لەرزىدە،
بىر كۆزۈڭدە تۇغدۇرۇپ ئاي، كېچىنى گۈلخان قىلاي.

بىر كۆزۈڭگە كۆزلىرىمنىڭ گەۋھەرىنى ئاققۇزۇپ،
بىر كۆزۈڭدە شادىيانە كۈيىگە خەندان قىلاي.

بىر كۆزۈڭدە كۆيدۈرۈپ ۋەسلىمنى كۆككە سورۇدۇڭ،
بىر كۆزۈڭدە ئاشىقى سەرگەشتىدەك جەۋلان قىلاي.

بىر كۆزۈڭدە شەھرىزات كۆز يۇممىسۇن مىڭبىر كېچە،
بىر كۆزۈڭدە ئىشقىمىزدىن مەن ئاڭا داستان قىلاي.

بىر كۆزۈڭدىن سىنچىلار كۆكسۈڭدىكى تاش سۇ بولۇپ،
بىر كۆزۈڭدە تاش ئەمەس، جاندىن ساڭا مارجان قىلاي.

ئاچ كۆزۈڭنى! چاقنىسۇن چوغدەك ۋىسالنىڭ ئاپتىپى،
يۇم كۆزۈڭنى! بارلىقىمنى سەن ئۈچۈن گۇمران قىلاي!....

2013-يىلى، 3-ئاي، يېڭىسار.

يەتتە قىز

يەتتە قىز، قەبرەڭنى تاپتىم يەرۇ-ئاسماندىن سوراپ،
كۈندە كۈندىن، تۈندە ئايدىن، تاڭدا چولپاندىن سوراپ.

يەر دېدىم يەرنى شەھىدلەر كانى ئۈچتۇرپان بىلەن،
يەتتە دەريا ئۇيۇغان قاننى زېمىستاندىن سوراپ.

ياش تۆكەر مۆلجەر تېغىم «توققۇز بۇلاق» تەك زارۇ-زار،
چوققىلاردا لەرزىگەن روھلارنى تۇغياندىن سوراپ.

كەتتىمۇ ئافراسىياپ تۇتقان قىلىچ مايسەم بىلەن؟
غۇنچە قىزنى ئىزلىدىم بارلىقتا ۋىجداندىن سوراپ.

قايدا زۆھرەنىڭ كۆزى، چاچرايدۇ كۆزلەر تەپتىدە،
كىم تاۋاپگاھ ئەيلىگەي دىلبەرنى داستاندىن سوراپ؟

ئۈندىمۇ قەمبەرنىسا جەننەتتە شەمشادتەك گويا؟
توزۇدۇم باغرىمدا گۈلئايىمنى رەيھاندىن سوراپ.

ئاقتىمۇ ئىپپەت بىلەن كۆكتىن زىلال ئەختەرنىسا؟
يەتتە جەننەتنى تىلەيمەن ئاڭا سۈبھاندىن سوراپ...

2013-يىلى، 3-ئاي، يېڭىسار.

ئۈمىد

ئوتقا سالدىم جاننى، سەنچۈن ئۆرتىنىپ كۆيگەي دېدىم،
ئاندا ئىشرەت پەيزىنى پەرۋانىلەر سۈرگەي دېدىم.

ئېرىتىپ باغرىڭدىكى تاشلارنى سۇ يا قان كەبىي،
چۆرگىلەپ بىر باشتا مىڭ قىسمەتلىرىم يۈرگەي دېدىم.

توزىدى تۇپراق بىلەن دەريالىرىمنىڭ لەۋلىرى،
چاڭقىشىڭ ئۆركەش ياساپ دولقۇنلىرىڭ سۆيگەي دېدىم.

كۈن بىلەن باقتىم يولۇڭغا، يۇتتى كۆزنى زۇلمىتىم،
سېنى تاڭلاردا ئۇپۇقنىڭ باغرىدا كۈلگەي دېدىم.

خاكىسار ئاسمانلىرىمدا ئۆڭمىگەن يۇلتۇز قېنى؟
خىلۋىتىڭدە ئايلىرىڭنىڭ كۆزلىرى كۆرگەي دېدىم.

تەنلىرىمنىڭ چۆللىرىدە جان كېلەر پەريات چېكىپ،
مېنى ئوۋلاپ سەن ئۈچۈن شۇڭقارلىرىم ئۆلگەي دېدىم!

2013-يىلى، 3-ئاي، يېڭىسار.

مەن ئۆلەرمەن

كۆيگىنىم كۆيگەن، يېنىپ ئاتەش پىراقلار كەل يەنە،
جاندا گۈر-گۈر گۈلخېنى بار ئىشتىياقلار كەل يەنە.

كەلمىدى يار، كەلمىدى، تەنھالىقىم چۆلدەك غېرىپ،
ئاي ئەمەس، يار جىلۋىسى ئاققان بۇلاقلار كەل يەنە.

يارغا يۇلتۇزلار خەۋەر بەرگەي دېدىم كۈندىن بۇرۇن،
كەلمىسە يار، ماڭا ھىجراندىن ساۋاقلار كەل يەنە.

تاش ئەمەسمەن دەيدۇ تاش كۆزياشلىرىمدا سۇ بولۇپ،
كۆزلىرىمگە لىق تولۇپ، دەۋرەپ چاناقلار كەل يەنە.

ھەيۋىتىڭدىن لەڭ ئۇرار باشىمدىكى تاغلار ھامان،
چېقىنىڭدىن چاچرىتىپ چوغ ئارغىماقلار كەل يەنە.

قان تېمىپ تۇرغان كىيىكنىڭ كۆكسىدۇر باغرىم مېنىڭ،
يۈرىكىمگە بەتلىنىپ تۇرغان ساداقلار كەل يەنە.

«مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەرمەن، يولدا قويماڭلار مېنى،
يولدا قويساڭلار قويۇڭلار....» دەپ قوشاقلار كەل يەنە!

2013-يىلى، 3-ئاي، يېڭىسار.

ئاق قۇشقاچ

ۋىچىرلار خىلۋىتىم تۈندە ساڭا يىگانە ئاق قۇشقاچ،
باراقسان مۇڭلىرىم چىللار سېنى سەرسانە ئاق قۇشقاچ.

تىرەن ئەسلەردە قۇرغۇي بار، ئۇچۇپ كەلگىن ساداقلاردەك،  
قەھىرلىك يۇلقۇنۇپ، كۆكسۈڭ ئۇرۇپ ھەريانە ئاق قۇشقاچ.

ئۇچۇم بولدى يۈرەك مەندە مۇھەببەت لەرزىدە  ئانداغ،
بېرىپ سۇ ساڭا باغرىمدىن، تۆكەي دۇردانە ئاق قۇشقاچ.

تىزاي كۆزلەر قاراقىغا غېرىپ چاڭگاڭنى كىرپىكتىن،
تۆكۈپ كەل ھەسرىتىڭدىن ئوت، بولۇپ پەرۋانە ئاق قۇشقاچ.

ساما پەرۋازلىرى قايدا، قاناتىڭ سۇندىغۇ مەندەك،
چاقار تەن قەپىزىمنى جان قىلىپ مىڭ دانە ئاق قۇشقاچ!

2013-يىلى، 4-ئاي، يېڭىسار.

ساڭا تارمەن، ئايال دۇتار

دارىغا غۇنچە بويۇڭنىڭ  ئاستى ئارمانلار مېنى،
      باغلىدى ساچىڭغا قات–قات ئەھدى پەيمانلار مېنى.

  قاشلىرىڭنىڭ قارىسىدەك مەن چۈچۈل بولدۇم تامام،
سەندىكى ئوتلارغا بەتلەپ ئاتتى گۈلخانلار مېنى.

لالە-لالە كۆزلىرىڭىدىن توزۇدۇم چۆللەرسېرى،   
گۈركىرەپ تاش غارلىرىغا يۇتتى بارخانلار مېنى.
      
يۈرىكىمگە قادىلىپ كۆكلەر جاراھەت يىلتىزىڭ،
كىرپىكىڭنىڭ سېھىرىدە ئوۋ ئەتتى پەيكانلار مېنى.

لەۋلىرىڭىنىڭ ساھىلىدا چاڭقىدىم چاك-چاك بولۇپ،
يۇت يۈسۈپنىڭ قۇدۇقى! ئۇنتۇيدۇ كارۋانلار مېنى.

تۇغمىدى چېھرىڭدە ئاي، پىنھان تەبەسسۇم يۇلتۇزۇڭ،
ئەيلىدى گۇنسىز سىماھ قەھرىڭدە ئاسمانلار مېنى.

جاننى ئۈزگەيمەن تېنىمدىن چېكىلىپ پەريات بىلەن،
ئەي ئايال دۇتار! ساڭا تار قىلدى داستانلار مېنى.

2013-يىلى، 4-ئاي، يېڭىسار.

ئەي چەپ قوۋۇرغام

ۋەسلىڭنى ئىزدەپ پەريات قىلۇرمەن،
كۆڭلۈمنى ئانداغ نا شات قىلۇرمەن.

سايراپ خىرامان تەنھالىقىمدا،
ئاشىقلىقىمنى ئاۋات قىلۇرمەن.

قالغاي يولۇڭدا، كۆزنىڭ قاراقى،
پايەڭگە جاننى قات-قات قىلۇرمەن.

ھىجراندا جىسمىم كۆيگەي چاراسلاپ،
بارۇ-يوقۇمنى بەربات قىلۇرمەن.

ھەقتىن تىلەرمەن: باغرىڭغا يەتسەم،
ئالقانلىرىڭدا سەكرات قىلۇرمەن.

سەنسىز ئۆلۈمگە ئەيلەپ قەسەميات،
قەھرىڭىنى تەلۋە جاللات قىلۇرمەن.

لەكمىڭ قىلىچسەن ئەي چەپ قوۋۇرغام،
بۇ جاننى قانداق ئازات قىلۇرمەن؟!

2013-يىلى، 4-ئاي، يېڭىسار.

تۆكۈلەر ئەستىن جاراھەت

مەندىكى دەۋزەختە كۆيدۈم ئۆرتىنىپ پەريات بىلەن،
تەندىكى مەھشەر-قىيامەت، جاندىكى ئەرسات بىلەن.

مەن كېلۇرمەن يالتىراپ تۇرغان قىلىچنىڭ بىسىدا،
ئاسما ئاسقان قوللىرىمدىن باغلىنىپ جاللات بىلەن.

ئاقىدۇ تومۇردا ياشتەك سۈپسۈزۈك ھەسرەت گويا،
تۆكۈلەر ئەستىن جاراھەت بۇغنىسام كارۋات بىلەن.

بىلىمەن، مەن كۆرمىگەن ئاسمانمۇ بار، يەرمۇ تېخى،
بۇ جاھان شۇنداق جاھان، قالغاي ھامان سېھرات بىلەن.

يۈرىكىمدە ئۆلمىگەنلەر يەنە ئۆلگەنلەر تالاي،
تاشمۇ سۇدا كۆكلىگەي تاغدەك سۇبات، بەركات بىلەن.

بولمىدى ھەقتىن نېسىپ توققۇز ئوغۇل، ئاھ، سىلسىلەم!
يالپۇزۇمنىڭ شاخى سۇنسا كىم يۆلەر شەمشات بىلەن؟

ئەي مېنىڭ قان بېسىمىم، نۆلگە چۈشەرسەن بىر كۈنى،
كىم ئوقۇر ياسىن ماڭا، قىلسام نىدا سەكرات بىلەن؟

2013-يىلى، 5-ئاي،  ئۈرۈمچى.

مەشرەپ غەزىلىگە نەزىرە

يەتمىگەي ئازار ساڭا، ھەسرەتتە قالسام مەن قالاي،
چۆرگىلەپ باشىمدا تاغ، كۈلپەتتە قالسام مەن قالاي.

سەندىكى ئاسماندا ئاينىڭ چېھرىگە داغ چۈشمىگەي،
چاقنىغاي كۈن سەن ئۈچۈن، زۇلمەتتە قالسام مەن قالاي.

يۈرىكىم بولسۇن ئۇۋاڭ، ئالقاندا جاننى دان ئېتەي،
كەل ئۇچۇپ ئەي مەشۇقۇم، غۇربەتتە قالسام مەن قالاي.

سەن يەنە ئەيشىڭ داۋام ئەت گۈل ئارا-گۈلشەن ئارا،
ئاھ، تىكەندەك چۆلدىكى خىلۋەتتە قالسام مەن قالاي.

خاسىيەتلەر بىر ساڭا بولغاي دېدىم تائەتتە مەن،
مەغپىرەت ئەتكەي ئىگەم، بىدئەتتە قالسام مەن قالاي.

سەن ئۈچۈن بولغان بىنا تۇپراق، ھاۋا، سۇ، ئوت يەنە،
تەقدىرىم ئەسرارىدىن ھەيرەتتە قالسام مەن قالاي.....

2013-يىلى، 5-ئاي، يېڭىسار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
ablimitt + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 بىشىدىنلا راۋرۇس باشل.

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-11 23:24:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئۇستاز نەچچە ۋاقىتتىن ئۈرۈمچىدە بولۇپ قېلىش سەۋەبى بىلەن تورغا چىقالماي، تور خۇمارى تۇتۇپ قاپتىكەندە، بۈگۈن 11 پارچە غەزەلنى بىراقلا ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپتۇ.
بىزمۇ مەزمۇنى چوڭقۇر غەزەللىرىڭىزنى سېغىنىپ قالغان ئىدۇق.
ۋاقتى: 2013-5-12 10:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمۇرىدىكى قانكەنغۇ بۇ ئادەمنىڭ!ئىسىل قان!...
ۋاقتى: 2013-5-12 11:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن مۇئەللىمنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن،ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
ۋاقتى: 2013-5-12 12:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە قۇت، بەرىكەت تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2013-5-12 14:21:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭا تارمەن ئايال دۇتار تىمىسىدىكى غەزەلنى ئاۋازغا ئېلىپ مۇزىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ باقتىم .
قاملاشمىغان بولسا خاپا بولماڭ جۇمۇ ؟

چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ بېقىڭلار

ۋاقتى: 2013-5-12 15:05:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ئوت- ئاتەش غەزىلىنى سېغىنىپ قالغىلى خېلى كۈنلەر بولغان ئىدى. بۇ پاساھەتلىك غەزەللەرنى ئۇقۇپ، يېڭى قانغا ئېرىشكەندەك بولدۇم.ۋۇجۇدۇم قايتا- قايتا سىلكىنىپ، روھىم پاكلانغاندەك بولدى. ئىجادىيەتلىك ھاياتىڭىز يەنىمۇ گۈزەل مەزمۇنلار بىلەن بېزەنگەي، سىزگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 18:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش