روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1992|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانا ھەققىدە غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-10-23 19:48:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئانا ھەققىدە غەزەللەر
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
1
ئاھ، ھاياتلىق جىلۋىسى ئۆڭدى نىگاھىڭدا ئانام،
ئۆچتى زەپ پارلاق قۇياشىڭ سۈبھىگاھىڭدا ئانام.

قالدى تاڭلار سەن ئۈچۈن ئاتقان سامالار سەتھىدە،
سايىسى لەيلەپ گۇگۇمنىڭ پاك سىماھىڭدا ئانام.

زەررىسىگە ئايلىنىپ سىڭدىڭ بۈيۈك روھ بەرقىگە،
شولىلارنى چاقنىتىپ زەر قىبلىگاھىڭدا ئانام.

سەن ياراتتىڭ سۆيگۈ دۇنياسىدا ئىككىنچى قۇياش،
چىن گۈزەللىك كۆركى قالدى گۈل-گىياھىڭدا ئانام.

كۆيدۈڭا قەلبىڭدىكى ئوتلاردا بىزچۈن ئۆرتىنىپ،
بار جاھاننىڭ قىسمىتى تەقدىر-ئىلاھىڭدا ئانام.

قايدا بىزلەرگە پەسىل، كۈن-تۈن رىيازەت دەملىرى،
زارلىنىپ كەتتى ئۆلۈم بىزدىن پاناھىڭدا ئانام.

كۈيلىرىمدە ياڭرىماس غايىب سىمالار شەۋكىتى،
قۇت تاپار شائىرلىقىم ھەمدۇ-ساناھىڭدا ئانام.
2
جان ئانا، ئوغلۇڭغا پۈتمەس دەرد، پۇشايمان قالدىمۇ؟
كۆزلىرىمدە قان، دىلىمدا داغى ھېجران قالدىمۇ؟

چاڭقىغاندا بىر يۇتۇم سۇغا لېۋىڭ چاك-چاك بولۇپ،
مەن يېنىڭدا يوق، نېتەي، سۈكۈتتە ئوكيان قالدىمۇ؟

جان ئۈزەردە، قايدا ئوغلۇم، دەپ كۆزۈڭ كەتتى ئوچۇق،
نالىدىن تىترەپ زېمىن، ھەسرەتتە ئاسمان قالدىمۇ؟

ئەمدى يىغلارمەن جىنازاڭ ئالدىدا زار-زار ئانا،
ئۆرتىنەر باغرىم، تەسەللىلەرگە ئىمكان قالدىمۇ؟

قوشۇلۇپ كەتتىڭ ئەجەب تۇپراققا سەن تۇپراق پېتىڭ،
ئۇلغىيىپ روھ كۈلپىتىڭ قەبرەڭدە گۈلخان قالدىمۇ؟

ياشنىغان سەرۋىم كۈلۈپ قەلبىڭ باھارىستانىدا،
ماڭا سەنسىز چۆل بولۇپ بۇ باغۇ-بوستان قالدىمۇ؟

كۆپ ئىدى تىلەكلىرىڭ، ئاھ، قونمىغان چېچىڭغا ئاق،
ياشلىقىڭنىڭ جىلۋىسى بوپ لالە-رەيھان قالدىمۇ؟

كەلدى تۆت كۈندە يېتىملىك قىسمىتى سەنسىز ماڭا،
ئانا دەپ قىلسام نىدا قەلبىمدە چۇقان قالدىمۇ؟

سېنى ھىدلاپ ئاختۇرۇپ، ھويلا-ئارامدا تەلمۈرۈپ،
ئاھ، ئاتام غېرىبسىنىپ جىسمىدا دەرمان قالدىمۇ؟

چۈشلىرىمدە بالقىغاي نۇرلۇق ئىلاھىي سۈرىتىڭ،
ئىزلىسەم ئالەمنى سەندەك زاتى ئىنسان قالدىمۇ؟

ھەر زامان پىكرىمدە سەن، زىكرىمدە سەن، بولغىن رىزا،
كۈيلىرىدە ياش تۆكۈپ ئوغلۇڭ غەزەلخان قالدىمۇ؟
3
ئانا، نۇرلۇق سىمايىڭ-سۈرىتىڭنى سېغىندىم،
ئانىلىق روھ جىلۋىسى-سۈلكىتىڭنى سېغىندىم.

ئاختۇرساممەن قەلبىمنى پەقەت سەنلا بار ھامان،
غېرىبلىقتا تەڭداشسىز ھىممىتىڭنى سېغىندىم.

باھار ھىدى باغلاردىن كۆچتى قەبرەڭ بېشىغا،
چېچەكلەتكەن ياشلىقنى مېھنىتىڭنى سېغىندىم.

ئاق سۈتۈڭدىن تارالغان ھاياتىمنىڭ لەززىتى،
ئەللىيىڭگە تەشنا بوپ شەربىتىڭنى سېغىندىم.

قۇچاق ئېچىپ ئالەمگە خىياللارنىڭ بوشلۇقى،
جىسمىڭ ئۇچۇپ كەلسە دەپ سۈرئىتىڭنى سېغىندىم.

يىغلاپ سالدىم، جىسمىمدا قوللىرىڭنىڭ ئىزى يوق،
ماڭا بەرگەن تەنبىھىڭ-ھېكمىتىڭنى سېغىندىم.
4
ئانا، ھالال ئەجرىڭگە-مېھنىتىڭگە رازى بول،
ماڭا بەرگەن مېھرىڭگە، شەپقىتىڭگە رازى بول.

ئانا ئىدىڭ ئانىلىق خىسلىتىدە ھەۋۋاغا،
ئىمانىمغا نۇر بەرگەن ئاق سۈتۈڭگە رازى بول.

يۈرىكىدە تۇپراقنىڭ دولقۇنلىغان قان بولدۇڭ،
ئاقتىڭ يەنە جىسمىمغا، شەربىتىڭگە رازى بول.

ئۆرتىنىمەن تۈنلەرنىڭ كۆزلىرىدە گۈلخاندەك،
ئاھلىرىمدا پارلىغان سۈرىتىڭگە رازى بول.

ئايىغىڭدا پىلسىرات-قىلىچلارنىڭ شولىسى،
يۈدەلمىدىم سېنى ئاھ، كۈلپىتىڭگە  رازى بول.

ياسالمىدىم سەن ئۈچۈن جەننەت ئەمەس باغنىمۇ،
ماڭا باقى قالغان بۇ جەننىتىڭگە رازى بول!
5
باھار كەلسە دالاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن،
روھىمدىكى ساداغا«ئاناممىكىن» دەپتىمەن.

قۇياش دېگەن بالقىيتتى سايىسىدىن ئانامنىڭ،
تىلىم بارماس رىياغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

كۆزلىرىدە چاقنىتىپ شولىسىنى تاڭلارنىڭ،
ئاي ئۆرلىسە ساماغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

ھىدى پۇراپ ئاق سۈتنىڭ ۋۇجۇدۇمغا تارالسا،
قۇچاق ئېچىپ ھاۋاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

سىلاپ ئۆتسە قەلبىمنى ھېسلىرىمنى ئويغىتىپ،
تەلمۈرۈپمەن ساباغا ئاناممىكىن دەپتىمەن.

ھېلى باردەك يېنىمدا، ئىشىنەمدىم تەقدىرگە؟
كۆز يۈگۈرتۈپ دۇنياغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

ئانىلار بار ئانامدەك، ئۇزاق ئۆمۈر تىلەيمەن-
قول كۆتۈرۈپ دۇئاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن!...
6
ئانا، تەقدىر قىسمىتى-چاقچاقلارغا يىغلايمۇ؟
سىېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ؟

يىغلاپ تۇرۇپ تۇغۇلدۇم پەريادىڭغا چىدالماي،
ماڭا يىگەن شۇ ئاچچىق تولغاقلارغا يىغلايمۇ؟

جاراڭلايدۇ ئاۋازىڭ ساداسىدا روھىمنىڭ،
«ئەللەي بالام» دەپ قاتقان قوشاقلارغا يىغلايمۇ؟

چېچىكى بار گۈلۈڭنىڭ سېغىنچىمدا ئىچىلغان،
باھارىڭدا توزىغان ياپراقلارغا يىغلايمۇ؟

قۇرۇپ قالدىم قەلبىمنىڭ چۆللىرىدە يىگانە،
كۆز يېشىمدەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلارغا يىغلايمۇ؟

ئۆچتى قۇياش سامادىن، تۈنلىرىمدە يۇلتۇز يوق،
ئانا، ئۆزۈڭ ياققان شام-چىراقلارغا يىغلايمۇ؟

سەن سۇ بەرگەن قوللار بار، سۆيۈپ-سۆيۈپ قانمايمەن،
تاۋاپ قىلىپ تەۋەررۈك ئاياقلارغا يىغلايمۇ؟

قىزلىرىمدا مېھرىڭ بار، يۈرىكىڭ بار كۆكسىدە،
ئىللىق كۈلكەڭ پارلىغان زىناقلارغا يىغلايمۇ؟

قىلالمىدىم زىكرىڭنى، بوز تورغايغا دان چاچتىم،
روھىڭ مەندىن سورىغان سوراقلارغا يىغلايمۇ؟

ئېڭىكىمنى چاتساڭچۇ رومىلىڭدا «بالام!»دەپ،
چۈشلىرىمدە كېرىلگەن قۇچاقلارغا يىغلايمۇ؟

ياشارمەن دەپ دۇنيادا سېنى يۈدۈپ-ھاپاشلاپ،
ماڭا بەرگەن ھېكمىتىڭ-ساۋاقلارغا يىغلايمۇ؟

كۆز يۇممىغاي ئانىلار، نالە قىلدىم تەڭرىگە،
يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن پىراقلارغا يىغلايمۇ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +30 ئىناۋەت +27 تەڭگە +11 بايلىق +11 تۆھپە +6 يىغىش سەۋەبى
پىلال + 10 + 10 + 3 + 3 + 2 ياخشى تېما
سەلكىن01 + 6 + 6 + 4 + 5 + 3 يارايسىز
ADiL + 14 + 11 + 4 + 3 + 1 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-10-23 22:57:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ئەزىز-ئانا جاپاكەش. ئېسىل غەزەللەركەن. شائىرنىڭ ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي!
ۋاقتى: 2013-1-3 15:30:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا-ئۆلمەس ئىنساندۇر.ئانا ھەم ئۆلمەس تېمىدۇر.سىزنىڭ غەزەللىرىڭىزدە تەسۋىرلەنگەن ئانىلار بۈيۈك روھنىڭ ئابىدىسى سۈپىتىدە، ئىلاھىي سىماغا ئايلىنىپتۇ.يۈرىكىڭىز ئانا دەردىدە پۇچۇلىنىپ،ئاتەشدانغا ئايلىنىپتۇ.سىزگە ئاللاھدىن سەۋىر تېلەيمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-15 06:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش