ئىككى غەزەل
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىش
مەن خىيال قىلدىم خىيالنى جان بىلەن جانانغىچە،
بىغۇبار، ئاپئاق ۋىسالدىن قاپقارا ھىجرانغىچە.
قاغدىلىپ كۈننىڭ سېرىق، ئاينىڭ تاتارغان رەڭگىدە،
ئاڭقىدىم گۈللەردە بىر-بىر لەيلىدىن رەيھانغىچە.
سال نەزەر تاغدەك قاراڭغۇمغا كۆمۈلگەن تاش جەسەت!
سىغدىلىپ ئاقتىم كۆزۈمدىن سۇنى باشلاپ قانغىچە.
كۆزنىكىمدە يورىغان تۈندىن چىقارمۇ ئاقىۋەت-
ماۋۇ تۆت تامدا غۇجۇر تەنھالىقىم ئاسمانغىچە؟
قېنى سەن ئەي بەچچىغەر، چاشقانمىدىڭ تەپتارتمىغان،
مېنى ئويلاتتىڭ تالاي
ئەپسانىدىن داستانغىچە.
يەنە كىردىم خۇددى ئاشلاق تېرىدەك يوتقان ساڭا،
مەندە بارى شۇ خىيال تەندىن ئۆلۈم زار جانغىچە.
سۈركۈلۈپ ئۆتتى يېنىمدىن يالىڭاچ بىر پاھىشە،
شەھۋىتىم كۆيدى چاراسلاپ تۈندىكى گۈلخانغىچە.
چىڭقىلىپ پاتمامدىكەن كۈن چۈشتە خەخنىڭ ئەمچىكى؟
ياپ دېدىم رەسۋا، يوتاڭنى نازلىنىپ پىنھانغىچە.
چېپىلار قەشقەردىكى سېپىلدا باشىم ئەي خوتەن،
قىل سازايى مېنى باغداد، شام بىلە كەنئانغىچە!
2013-يىلى، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېڭىسار.
كۆڭۈلدىكىنى دەۋېلىش
ئاھ، يامان يولۋاس بولۇپ يولۇڭدا ياتقان مەنمىدىم؟
لالما ئىتقا شىر سۈپەت ھەيۋەڭنى ساتقان مەنمىدىم؟
كىمگە ئۆلگە تىكلىگەن لېي فېڭنى يولداش ماۋزېدوڭ،
پايپىقىمنى يۇيغىلى ئالدىڭغا ئاتقان مەنمىدىم؟
بىر قىلىچ بەرمەس خۇدا! كۆپتۇر
ئويۇنچۇق زاۋۇتى،
كۆزلىرىڭگە قادىلىپ، كۆكسۈڭگە پاتقان مەنمىدىم؟
تۇرنىلار ئۇچتى قاتارى، ئۇچمىقىم باردۇر قاچان؟
سېنى سۆرەمدىن ئېلىپ ساپانغا قاتقان مەنمىدىم؟
تونۇمايمەن ماركىسىڭنى، نە ئىشىم دارۋىن بىلەن،
ئەسلى مايمۇن زاتىغا نەسلىڭنى چاتقان مەنمىدىم؟!
2013-يىلى، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، يېڭىسار.