روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 986|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

غەزەللەر- ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                      غەزەللەر
                     
               ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

                          1
نېمە بار مەندە يەنە سەۋدايى قىسمەتتىن بۆلەك،
باسقىنى روھىمنى تاغدەك قايغۇ-كۈلپەتتىن بۆلەك.

‹‹داد!›› دېدىم،چۈشتۈم قاچان سۆيگۈ- مۇھەببەت دامىغا،
پەھمە ئەتتىم،ئۇ ئەمەس تىلسىم رىۋايەتتىن بۆلەك.

يىڭنىدەك يانغان نىگاھتا مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار،
يوق بىساتىم يۈرىكىمدە شول ھارارەتتىن بۆلەك.

چايقىلار باغرىمدىكى مىسكىن ئازابنىڭ كەلكۈنى،
كۆرمىدىم قايناملىرىدا يامرىغان دەرتتىن بۆلەك.

چۈشلىرىمنىڭ پەنجىسىنى ئەزدى ھىجران بازغىنى،
غەم چېچىپ ياتقان دىلىمدا يوق قاباھەتتىن بۆلەك.

ناتىۋان بۇلبۇلغا ئايلاندىم ۋىسالىڭ باغىدا،
تىللىرىمغا تېتىماس لەھزە شىكايەتتىن بۆلەك.


يەتتە جەننەتتىن كېچىپ، ۋەيلۇندا چەكتىم ئىزتىراپ،
تاپمىدىم سىرداشقۇدەك شېرىن خىيالەتتىن بۆلەك.

جان قۇشۇم بولدى بىتاقەت، سال ئىشق زىندانىغا،
كەلمىگەي يوخلاپ مېنى ئەسلا قىيامەتتىن بۆلەك!
                            2
قاشلىرىنى ئاتتى لىك-لىك گۈلزىبا ‹‹مەڭلىك›› ماڭا،
بىھايانىڭ قىلىقى بولدى ئىزا-تەڭلىك ماڭا.

لەۋلىرى، تىرناقلىرى ھەم چاچلىرىدا لىق بۇياق،
بىر گۈزەل شەيتاننى ئەسلەتتى ‹‹قىزىل رەڭلىك›› ماڭا.

لەۋلىرىنى دەپ گىلاس، شۆمگەنلىرىمگە ھەسرىتا،
بولدى ئەفسۈن-سېھرىگەر قىلغان گىرىم-ئەڭلىك ماڭا.

ئەقىدەمنى قىلدى پايمال ساختىپەرلىك قىسمىتى،
شان ئىدى، شۆھرەت ئىدى ۋىجدان، غۇرۇر،ئەرلىك ماڭا.

ئورىنىپ ئالغان بىلەن ئىشقى- مۇھەببەت تونىغا،
ساختا سۆيگۈ، ناز-كەرەشمە ‹‹تون›› ئەمەس ‹‹يەڭلىك›› ماڭا.


لاماكاننىڭ شەھرىدە كۆرگەن كۈنۈم دەۋزەخ ئېرۇر،
ئايرىلىش بولدى ئۇنىڭدىن نەچچە يىل ‹‹جەڭ››لىك ماڭا.

بۇ مۇھەببەت، پاك ۋىسال ئىشقى ئۈچۈن پەيۋەندىدىم،
سۆيگۈنىڭ شامى يۇرۇتقان مەنزىلىم كەڭلىك ماڭا.

بولدى، بەس! يالغان گىرىمدىن ئەمدى مەن ھۇشيار بولاي،
تاپمىسام بەختىمنى بولماس، بۇ ئۆمۈر چەكلىك ماڭا...
                             3
  كىرپىكىڭدە قەترە ياش ئەتتى پىغانىڭنى ئايان،
ئۆكسۈگەن نالەشلىرىڭ پاش قىلدى سۆيگۈڭنى شۇئان.

تىترىگەن تار مەرغۇلىدا تەنلىرىڭ چالدى مۇقام،
پەنجىگاھ، ئوشاق، مۇشاۋرەك...دەردىنى قىلدى بايان.

يۈرىكىمگە پاتتى خەنجەر قىسمىتىڭ ئەسرارىدىن،
لەرزىگەن روھ ئالىمىمنى چالغىتىپ ھەسرەت پىغان.

چۈشلىرىم بارخانلىرىدا مىڭ دېڭىزنىڭ ئۆركىشى،
ياسىدى تۇغيانلىرىمغا لەڭ ئۇرۇپ بەلكى قىيان.

كۆزنىكىمدە سۈرىتىڭ قاتتى ئىلاھىي سىن بىلەن،
ئاي، قۇياش بولدۇڭ كۆڭۈل كۆكۈمدە يارقىن پارلىغان.

بۇ ئىشق پەيكانىدىن مىژگانلىرىمغا تەگدى ئوق،
قىينىلىپ شول ۋەجىدىن قالدى تىنىقتا خەستە جان.

قارچۇقۇڭدا كۆكلىگەن ئارمانلىرىم كەتمەس سۇلۇپ،
قوشۇلۇپ قەترەڭگە ئاقسام بىر ئېرىق سۇدەك راۋان...
                             4
كۆزۈڭدە ئوت-لاۋا كۆردۈم، مېنى گۈلخانغا تاشلاپسەن،
خىيالىم سەلكىنى بىھۇش،گۈزەل ئارمانغا تاشلاپسەن.

ۋىسالىڭ ساھىلى كۆز يەتكۈسىز قىرغاققا ئايلاندى،
دېڭىزدىن سەن ئېلىپ چەكسىز ئۇلۇغ ئوكيانغا تاشلاپسەن.

يۈزۈڭدىن ئاي خىجالەتتۇر، كېچە نۇرسىز قاباھەتتۇر،
زېمىننى قالدۇرۇپ پەستە، ئېگىز ئاسمانغا تاشلاپسەن.

چېچىڭدىن قامچىلەر ئەشسەڭ، جېنىم پەيمانىغا يەتتى،
ئۆلۈمنى چىڭ باغاچ ئەتتىم، ئەزەل گىريانغا تاشلاپسەن.


ۋىسال قىيناقلىرى ئەزدى يۈرەك-باغرىمنى خۇن ئەيلەپ،
سۈزۈك ئىشقىمدا داغ قالدى،كۆيۈك ھىجرانغا تاشلاپسەن.

كۈيۈم قاتقان تىنىقلاردا مۇھەببەت سۆزلىنەر ھەردەم،
تىلىم ئىزھار ئېتەر كۈن-تۈن، لېرىك داستانغا تاشلاپسەن.

مېنىڭ ئاشىقلىقىم سەنسىز قەدىر-قىممەتتە دەپسەندە،
ئىشق دەپ نالىغان مىسكىن غېرىپ جەريانغا تاشلاپسەن...
                               5
دىلبىرىمنىڭ كۆزىدىن چاقنايدۇ چولپان تاڭ سەھەر،
يۈزلىرى گۈلگۈنلىكىدىن ئايمۇ پىنھان، تاڭ سەھەر.

زۇلپىنى دار ئەيلىسە جانىم ئاڭا پەيۋەندىدۇر،
تەنلىرىمنى قاتمۇ-قات چىرمايدۇ ئارقان، تاڭ سەھەر.

كىرپىكى خەنجەر بولۇپ تىلغار يۈرەكىمنى ئەجەپ،
نالە-پەرياد ئەيلىسەم، يىغلايدۇ ئاسمان، تاڭ سەھەر.

مېنى بۇ سۆيگۈ- مۇھەببەت دەردكە تۇتقۇن ئەيلىدى،
‹‹ئاھ››لىرىمدا يانىدۇ ئالەمچە گۈلخان، تاڭ سەھەر.


بۇ ئىشق بوستانىدا بۇلبۇلغا ئايلاندىم تۈگەل،
كۈيلىرىمدە ئېيتىلۇر مىڭلارچە داستان، تاڭ سەھەر.

چۈشلىرىمنىڭ شېخىدا ۋىسال گۈلى ئاچسا چېچەك،
لەرزىگەن روھىمدا كۆكلەيدۇ شەرەپ-شان، تاڭ سەھەر.

بىداۋادۇرمەن،كۆيۈكنىڭ ۋەجىدىن ئاقتى قاراق،
قىل كەبى تولغاندۇرۇپ قىينايدۇ ھىجران تاڭ سەھەر.

ئوي-خىيالىمنىڭ قارارگاھى-نىگارنىڭ مەنزىلى،
زەپ شېرىن ئىستەكلىرىم،ئوخچۇيدۇ ئارمان، تاڭ سەھەر.

بىر سۆيۈپ شول يارنى، بولسام مەيلى كافىر-دەۋزىخى،
جاننى ئەرزىيتى ئاڭا قىلساممۇ قۇربان تاڭ سەھەر!...
                            6
لەۋلىرىڭ غۇنچە مىسالى، چىشلىرىڭ دۇردانىدۇر،
كۆزلىرىڭ يۇلتۇز مەسەللىك، كىرپىكىڭ ئوقدانىدۇر.

جان قۇشۇم ئەيلەپ پاناھگاھ ئەتسە باغرىڭنى ماكان،
يۈرىكىڭ يانغان ئاجايىپ مىسلى ئاتەشدانىدۇر.

بۇ مۇھەببەت كۈلپىتىدىن چەكتى دىل ھەسرەت، پىغان،
كۈلپىتىمگە پاك سىماھىڭ دەم–بەدەم غەمخانىدۇر.

سوقتى چاقماقلار مېنى قەھرىڭنى مىسران ئەيلىسەڭ،
تىنىقىمدىن يامرىغان ئوتلار كۆيۈك ئەفغانىدۇر.

ساچلىرىڭنىڭ دارىدا ئۆلتۈرگىلى كەلدىڭمىكىن؟
نالىغان ئۆمرۈمگە ھەر چاغ شۇم ئەجەل مېھمانىدۇر.

تاغلىرىمغا كۆچتى قار، نەۋ ياشلىقىم سۆيمەي باھار،
كەچمىشىم ئەسنالىرى ئالۋۇن كەبى ئەپشانىدۇر.

بىلمىدىم، سەۋدايى ھېسلار قالدى نىچۈن تۇنجۇقۇپ؟
بۇ ئىشق ئەفسانىسى راستىنلا بىر ئەفسانىدۇر...

مەنبە:ئۆزەم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +12 ئىناۋەت +12 تەڭگە +12 بايلىق +12 تۆھپە +4 يىغىش سەۋەبى
zaker219 + 12 + 12 + 12 + 12 + 4 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-11 18:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ  بۇنداق ياخشى يېزىلغان غەزەل كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

بولدى، بەس! يالغان گىرىمدىن ئەمدى مەن ھۇشيار بولاي،
تاپمىسام بەختىمنى بولماس، بۇ ئۆمۈر چەكلىك ماڭا...    بۇ مىسرالارنى بەك ياختۇردۇم،ئەمما...

»بىر سۆيۈپ شول يارنى، بولسام مەيلى كافىر-دەۋزىخى،
جاننى ئەرزىيتى ئاڭا قىلساممۇ قۇربان تاڭ سەھەر!«... دىگەن مىسرالاردا سەل ھايياجانلىنىپ قالدىڭىزمۇ قانداق،بولسا  مۇشۇ مىسرالارغا باشقىچە سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز.  ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
مەنمۇ ئوخشاش ئويدا  ۋاقتى: 2014-7-13 12:56
ۋاقتى: 2014-7-11 21:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن ئەپەندىمنىڭ پاساھەتلىك غەزەللىرىنى قانچە قېتىم ئوقۇسام، شۇنچە قېتىم ھاردۇغۇم چىققاندەك بولىدۇ.
روھلاندىكى قەلەم ئىگىلىرى سەلكىن ئەپەندىمنىڭ  سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئۆگەنسەك دەيمەن.
ۋاقتى: 2014-7-12 00:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ئۇستاز بارمۇ سىلى، ئۆينىڭ تورى نورماللاشقان ئوخشىمامدۇ؟ ياكى مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرىدا يوللىدىلىمۇ يەنە
بۈگۈن  غەزەللىرىڭىزنى ئوقۇپ يەنە بىر ھوزۇر ئالدۇق مانا.

باھا سۆز

ئاتاماننىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپ رەھمەت. تورنى يېقىندا ئۇلىماقچى، يازمىلىرىم بار، بىراق، قەلەندەردەك تەمتىرە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-8-8 14:47
ۋاقتى: 2014-7-12 08:16:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇبارەك بولسۇن يەنە بىر شىئىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمىزگە.داۋاملىق سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا ئىنتىزارمەن .
ئەپشانىدۇر.بۇ سۆز ئەپساندۇر مىدى ئەسلىدە ياكى ....
ۋاقتى: 2014-7-12 08:19:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام سىزگە قانداق كېلىدىغاندۇ،قانداق كېلىدىغاندۇ؟!!!!!!!!!!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-8 14:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 00:26
ۋوي ئۇستاز بارمۇ سىلى، ئۆينىڭ تورى نورماللاشقان ئوخشى ...

ئاتاماننىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپ رەھمەت. تورنى يېقىندا ئۇلىماقچى، يازمىلىرىم بار، بىراق، قەلەندەردەك تەمتىرەپ، ‹‹باشلىق››لاردىن ‹‹قورقۇپ››، تورغا كېرەلمەي يۈرىۋاتىمەن، مۈمكىن بولسىلا، ياخشى ئەسەرلىرىمنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن، ئامان بولۇڭ! خەيرىلىك قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولغاي...
ۋاقتى: 2014-8-9 11:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىننىڭ ھەر ئەسىرى بىر دۇنيا. رەھمەت سىزگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-18 07:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش