روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2022|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سۆيگۈ چېقىنلىرى-ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
              سۆيگۈ چېقىنلىرى

           ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

  (ئابدۇرېھىم ئابدۇللا غەزەللىرىگە تەخمىس)
                        1
زاھىرەن كۆرگەنلىرىم بىر سەرۋى قامەت بولدىغۇ،
جىلۋىگەر ھۆسنى قۇياشتەك، پەرى سۆلكەت بولدىغۇ،
تەڭرىدىن بۇ ئىلتىپات ئالەمچە ئامەت بولدىغۇ،
بىر بېقىشتىن مەھلىيالىق جانغا ئاپەت بولدىغۇ،
ياكى تەقدىر پەيلىدىن شۇنداق كارامەت بولدىغۇ.

پاھ، يېقىپ ياتساممۇ مەيدەمنى ئېقىن،زەي–شوردا مەن،
كۆيگىنىم راستتۇر دۇزاقنىڭ ئوتىدا–تونۇردا مەن،
مەن نىتەي، شۇندىن بېرى سۆيگۈ قۇشىغا بوردا مەن،
يايرىدىم ئاھ! شول دەمى يارقىن ساماۋى نۇردا مەن،
لەرزى قىلدىم چوغلىنىپ، سېھرى ئالامەت بولدىغۇ.

ئاشىيان بولدى تىكەن بۇلبۇلغا گۈللەر بەرقىدىن،
ئاي ۋە كۈن ھىجراندا يىغلار تاڭ ۋە تۈننىڭ پەرقىدىن،
تاپمىقىم لەززەت ماڭا ئىشقى–بالالار غەرقىدىن،
كىم جاھاندا ئازمىغان مەشئۇم پەلەكنىڭ چەرخىدىن،
جىلۋىگەر شول ۋەسۋەسە پۈتمەس مالامەت بولدىغۇ.

مۇپتىلا بولماستا ئىشق ئوتىغا كۆڭلۈم خۇش ئىدى،
پەر يېيىپ، كۆكنى قۇچۇپ ئۇچقان ھۇمايۇن قۇش ئىدى،
بۇندا شادلىق–كۈلكىسى پەرۋازى ئۆزرە قوش ئىدى،
قۇش كېتىپ قالغان ئۇۋادەك دىل بىساتىم بوش ئىدى،
تەڭرىدىن بەلكىم ئىشق خەيرى–ساخاۋەت بولدىغۇ.

ئاھى تۇتماستا پىراقنىڭ قەيسىرانە بەندىدىم،
مەنزىلىنىڭ چېكى يوق تەركىي جاھانە بەندىدىم،
دەرت نېمە، ھەسرەت نېمە؟ بىلمەس بىگانە بەندىدىم،
سۆيگسىز غار–كۆلبىگە مەھكۇم يىگانە بەندىدىم،
ھەر كۆرەكتە قىلمىشىم قىسسە–ھېكايەت بولدىغۇ.

ئىشق ئوتى كۆيدۈردى، بولدى كۈنۇ–تۈن ھالىم خاراب،
تەپتى بۇ ئوتنىڭ كېتىپتۇ جىسمىياتىمغا تاراپ،
يىغلىدى لوقمانمۇ نىمجان رەڭگى–تۇرقۇمغا قاراپ،
ئوتتا شۇڭقارمۇ چىرىلداپ،زارلىنىپ بولغاي كاۋاب،
جانۇ–جانىمدا پىژىلداش تەنگە راھەت بولدىغۇ.

چەكسە ئاشىق دەرت–پىغان،كۆڭلى ئۇنىڭ دىلخەستىدۇر،
زارىقىپ كۈتكەنلىرى پىنھاندا دىلدار ۋەسلىدۇر،
جېنى ھىجران شەمشىرىنىڭ بىسلىرىدا قەتلىدۇر،
يار ۋىسالى مەن ئۈچۈن ۋەسلى مۇقەددەس قىبلىدۇر،
ئول تامان قان يىغلىسام تائەت–ئىبادەت بولدىغۇ.

سۇڭدىشىپ ماڭسام ئەلەم بولدى نىگارنىڭ قاچقىنى،
قارچۇقۇمدا دەۋرىدى دەريا، دېڭىزنىڭ تاشقىنى،
زارلىنىپ يىغلاي دېسەم كىرپىكلىرىمدە ياش قېنى؟
كۆزدە جانان جىلۋىسى،سەزمەس نىگاھىم باشقىنى،
تۈنمۇ تۈن، كۈندۈزمۇ تۈن خۇددى قىيامەت بولدىغۇ.

يانجىلىپ پەي،سۆڭىكىم ئەپغان تېشىدا بولدى ئۇن،
ئەيلىدى ئىشق خەنجىرى دىلنى يارا، باغرىمنى خۇن،
كۈللى ئالەمدە تېپىلماس مەن كەبى ھالى زەبۇن،
بۇ كەبى شېرىن ئازابنىڭ بەھرىدىن مەستمەن پۈتۈن،
شۈكرىكىم، ھىجران ماڭا تەڭسىز سائادەت بولدىغۇ.
                           2
گۆزەردە ياندىشىپ ماڭغانلىرىڭنى مەن پارات دەيمۇ؟
قېشىڭدەك قاپقارا تۈننى ساماۋى تىلسىمات دەيمۇ؟
كۆزۈڭدە يامرىغان ئوتنى ئىجادىي كەشپىيات دەيمۇ؟
سائادەت بالقىغان سۆيگۈم تېڭىنى نەۋ ھايات دەيمۇ؟
نىگارنى بىر نەپەس ئۇنتۇش پېقىرغا ئار–ئۇيات دەيمۇ؟

تۈتەپ يۇلتۇزلىرىڭ ئۆچكەي قۇياشتەك شوخلىنىپ كۈلسەڭ،
لاتاپەت، ناز–كەرەشمەڭدە جىمى ئىقلىمغا جان بەرسەڭ،
چىنارنىڭ قەددى قىرچىلغاي، ئېگىز تاغلاردا قەد كەرسەڭ،
تىغىڭنى تەڭلىبان جانان جامالىڭ قەھرىدە كەلسەڭ،
دىدارىڭ لەززىتى–شېرىنلىكىنى ئىلتىپات دەيمۇ؟

كۆنەتتىم ئىشقى–سەۋدالىق غېرىپ جەريانغا بەند قىلسا،
كۆيۈك ھىجراندا دار باغلاپ، تانا–ئارقانغا بەند قىلسا،
كۆزۈڭدىن يامرىغان ئاتەش لاۋا–گۈلخانغا بەند قىلسا،
ۋىسالىڭ قەستىدە دۈشمەن مېنى زىندانغا بەند قىلسا،
ساڭا يەتكەن خىيالىمنى سامادا پەر–قانات دەيمۇ؟

پىراقىڭ شىددىتى سۇدىن ئېلىپ ئوتلارغا مىڭ سالسا،
تېنىمنىڭ شاخلىرى گۈر–گۈر كۆيەرگە ئەندىزە ئالسا،
ئۆلۈمدەك بىر گۈزەل كۈينى مۇغەننىي دەمبەدەم چالسا،
رەشىك خەنجىرىدە بولسام شېھىد گەر كۆز ئوچۇق قالسا،
ئىلاھىي لەۋلىرىڭدە بىر سۆيۈپ قايتا يارات دەيمۇ؟

ماڭا بەخشەندە قىلدىڭغۇ ئۆمۈرلۈك تۇتىيالىقنى،
گۈزەل بىر چۈشكە ئوخشاتتىم ۋىسالسىز ئاشنالىقنى،
تەلەپ قىلسام نېسىپ ئەتمەس ئېگەم جاندىن جۇدالىقنى،
ئۆلۈمنىڭ لەرزىدىن غەييۇر بۇ يەڭلىغ جان پىدالىقنى،
ۋاپانىڭ ئەھلىنى ھەيرەتتە قويغان ئىجتىھات دەيمۇ؟

پىچاقسىز بىر ھۇجۇم بىرلە يۈرەكىمنى قامال قىلدىڭ،
پۇتۇم پايەڭگە تىزلاندى، پۈكۈپ قەددىمنى دال قىلدىڭ،
سۆيۈپ، تەشنالىقىم تۇتسا لېۋىڭنى قەنتى–بال قىلدىڭ،
ساداقەتتە مېنى نادىر بىلىپ، پەرھادنى لال قىلدىڭ،
بۇنى ھۆسنۈڭگىلا تالىق كامالى ئىستىدات دەيمۇ؟

تەۋەززۇ ئەيلىبان لۇتفى ئىشىتكەي سۆز–كالامىمنى،
ئىشق ئەھلى قىلار سەيلە مۇھەببەت بەزمىگاھىمنى،
تەۋەرۈك ئەتكۈسى لەۋگە ئىچەردە سۆيگۈ جامىمنى،
نەۋائىي بەھرىدە ئەشئار تۆكۈلگەن نەزمىگاھىمنى،
فىراق سەلتەنىتىدە شان ياراتقان شاھ ھىرات دەيمۇ؟
                            3
قەد–نىھالىڭنى كۆرۈپ چەكتىم نادامەت دىلبىرىم،
كۆيدى ئىشقىڭدا يۈرەك، بولدى جاراھەت، دىلبىرىم،
ئەل ئارا بولدۇمكى رەسۋا، قىلمىغىن لەت دىلبىرىم،
كىمدە باركى سەندە بار بۇ سەرۋى قامەت دىلبىرىم،
قامىتىڭگە ئەيلىدىمغۇ ئىستىقامەت، دىلبىرىم.

تەرىپىڭنى بېيت–نەزم بىرلە كۆڭۈلدە ياد ئېتەي،
تېقىمىڭدا سۇيلىغان سۇمبۇللىرىڭدا جان بېرەي،
ئەۋرىشىم بەرنا بويۇڭنى تاغدىكى شەمشادمۇ دەي،
گەر نەزەرىم چۈشسە ئۆزگە بىر چىنارغا مەن ئۆلەي،
بولغۇسى ئۇ ئىككى ئالەملىك خىيانەت دىلبىرىم.

قىرقىراپ ئاتەش فىراقىڭدا پۇچۇلدى خەستە جان،
تىنىقىم پەسلەپ ئالامەت، تومۇرۇم سوقتى ئاران،
جان نىسار قىلماقلىقىم بەلكىم خىيانەتتۇر شۇئان،
نە خىيانەتكى،كەچۈرمەس يەرۇ–ئاسمان ھىچقاچان،
ئادىمىدە بولمىغاي بۇنداق جىنايەت دىلبىرىم.

يۈرسىما ئىشق مەنزىلىنى كەزمىشىم ئاتسىز ياياق،
تىلسىمۇ باغرىمنى تاۋۇز تىلىمىدەك ئىشتىياق،
مەن خىيالىڭدا تۆنەپ،زۇلمەتكە ياقتىم نۇر–چىراغ،
سۆيگۈنىڭ شەنىگە چۈشسە گەر خىيانەتتىن ئاياغ،
بولىدۇ يەر چېرقىراپ شۇنداق ئالامەت،دىلبىرىم.

ئىشقى–سەۋدا شۆھرىتىنىڭ شانى شېئىر–نەزمىدە،
قازغىنى شائىر تالانتى،بىباھادۇر خەزنىدە،
خار قىلىپ ناكەس چىمەننى گۈل ئۈزۈشنىڭ قەستىدە،
نە ئالامەت تۆردە چوشقا، ئىت، مۈشۈكلەر بەزمىدە،
بەندىلەردە قالمىغاي ئىنساب، دىيانەت،دىلبىرىم.

سۆيگۈنىڭ چاقماقلىرىدا يۇرىسا كۈللى جاھان،
غارۇ–ئۆڭكۈردە نىجادلىق ئىزدىشەر سۇپى–ئىشان،
ئىشقىغا پەيۋەندىلەر يۇتتى قەدەمدە دەرت–پىغان،
ياشىماق بولدى ئادادە،يوق ھاياتلىقتىن نىشان،
ئاندىن ئارتۇق بولمىغاي بۇندا قىيامەت دىلبىرىم.

يىغلىسام ئاھۇ كىيىكتەك، كەلدى تاغلاردىن سادا،
كەچمىشىڭ ئەسرارى شول دەپ بۇرچىنى قىلدى ئادا،
ھەر نىچە دىشۋارلىرىم قىلغايمۇ بۇ جاندىن جۇدا؟
ئۆلمىكىم ئەۋزەلكى ئۇ قىسمەتنى كۆرسەتسە خۇدا،
قىل ۋاپا،قان يىغلىبان چەكمەي نادامەت، دىلبىرىم.

ئارتتى ھىجراندا كۆڭۈلنىڭ شادلىقىدىن دەرت–غېمى،
بولمىدى سۆيگۈمگە مەلھەم يار خىيالىڭ ھەمدەمى،
كۆزلىرىمدە سۈرىتىڭ زەپمۇ ئوماق، بەكمۇ تەبى،
تاغدا يالغۇز تىك قىيا، چۆلدە يىگانە كۆل كەبى،
بول ۋاپانىڭ مەشئىلى، كۆرسەت كارامەت دىلبىرىم.

ئاقتى دەريا ياشلىرىم، ھەسرەت–نادامەت چەكتىما،
كۈيچى بۇلبۇلدەك يېقىملىق تىللىرىم تۆكمەس ناۋا،
يۈرىكىمگە مىڭ پىچاق پاتتى، ساقايماس بىداۋا،
كۈندە بىر رەت ئەسلىسەڭ يەتكەي ۋىسالىڭ باغرىما،
مەن فىراقىڭدا ئۆلەي، بولغىن سالامەت دىلبىرىم.
                             4
(نامانجان تۇرسۇن قارا تېكىن غەزەللىرىگە تەخمىس)

لېۋىڭدىن ئېچىلىپ بىر گۈل تىكەنلەرنى خىجىل قىلدى،
تىنىقىڭ لەززىتى يالپۇز، ئەمەنلەرنى خىجىل قىلدى،
چېچىڭ سۇمبۇللىرى چىرماپ بەدەنلەرنى خىجىل قىلدى،
چىمەنزاردا بۇيۇڭ نازۇك چىمەنلەرنى خىجىل قىلدى،
ھىدىڭ ئورناپ دىماغقا،ياسىمەنلەرنى خىجىل قىلدى.

نىگاھتا سۈرىتىڭ قاتتى قاچان، باشىمغا دەرت كەلدى،
كۆزۈڭدە يامرىغان گۈلخان كۆيۈك باغرىمغا يۆتكەلدى،
كۈيۈمنىڭ ئەۋجى تاشقىنلاپ بويۇڭدىن نەچچە ئۆرگەلدى،
لەتىف سەلكىن بىھۇش پەرۋازىدا ئۈستۈڭدە چۆرگەلدى،
ۋۇجۇدۇڭ چايقىلىپ سەرۋى، ئېرەنلەرنى خىجىل قىلدى.

چۈشۈم بەزلەشلىرى ئارمانلىرىڭنى ئويغىتار تاڭدا،
ۋىسال ئەييامىدىن جۆيلۈشلىرىڭ بەرسە خەۋەر تاڭدا،
كۆڭۈل كۆكۈمدە نۇر چاچقاي سۈزۈك بەھرى قەمەر تاڭدا،
يۈزۈڭ گۈلگۈنلىكىدىن چوغلىنار مەشرىق سەھەر تاڭدا،
باھار ئاپتىپىدەك خۇلقىڭ لېۋەنلەرنى خىجىل قىلدى.

ساتارىڭ ئەۋجىدە بىھۇش ئەسەبلەر،دەمبەدەم چالساڭ،
بولايكى مەستۇ–مۇستەغرەق لېۋىڭدە بال–شاراب قۇيساڭ،
دېڭىز قىرغاققا تاشقايمۇ ئەزىم دەريادا چايقالساڭ،
تەبىئەت پۈركىنەر گۈلگە زېمىستاندا ئېتەك يايساڭ،
تەبىئىي تۇرقۇڭ گۈزەللىك ئىزدىگەنلەرنى خىجىل قىلدى.

قەسەمكى، سەندە ئەس–يادىم يۈرەي مەن مەيلى كىم بىرلە،
شۇئان ئارقامغا قايتقايمەن قەدەم ئالغان ئىزىم بىرلە،
يۈرەكىم سۇ بولۇپ ئاققاي سېنى كۆرمەي كۆزۈم بىرلە،
تېكىن مەپتۇنلىقى تاپماس ئىپادە بېيت–نەزم بىرلە،
تۈگەللەنمەي تۇرۇپ تەسۋېر ئېۋەنلەرنى خىجىل قىلدى.
                             5
كۆككە باقسام ئاھ چېكىپ ھەيكەلمىدى دەڭلار مېنى،
كۆزلىرىمدە ئاقسا دەريا سەلمىدى، دەڭلار مېنى،
ئەھدە قىپ ئىچكەن قەسەملەر يەلمىدى؟دەڭلار مېنى،
دىلبىرىم كەلسە دېرەكلەپ كەلمىدى دەڭلار مېنى،
ئۇ كۆڭۈل لەشكەرلىرىگە ئەلمىدى دەڭلار مېنى.

يار ۋىسالى بولدىغۇ ئاشق كۆڭۈلنىڭ قىبلىسى،
باتىنىمدە ئۆلدى شەيتان كۈيلىرىنىڭ مىكرىسى،
تىلدا نۇردەك بىغۇبار، پاكتۇر نىگارنىڭ زىكرىسى،
ئۆچمىسۇن چېھرىدىكى گۈلگۈن شەپەقنىڭ جىلۋىسى،
ئاقتى دەريادەك ساڭا، يۆتكەلمىدى دەڭلار مېنى.

كېچىسى كىرپىكلىرى نەم، يۇتتى ئەفغان كۈندۈزى،
سارغىيىپ بولدى سامان نۇر ئىچرە چايقالغان يۈزى،
ھەلقۇمىدا قالدى جان، قالدى نەۋاقتا ئاش–تۇزى،
چاچرىدى پەريادىدىن گۈلزار ساماغا يۇلتۇزى،
غەم چېچىپ ياتقان يالاڭ زوھەلمىدى دەڭلار مېنى.

بەلكى يوق مەندەك جاھاندا دىت–ئەقىلدىن ئازغىنى،
بەختىگە ئىشق كۈلپىتىدىن گۆر–لەھەتلەر قازغىنى،
بولدى ھىجران قىسسىسى ۋىسال تۈنىدە يازغىنى،
جېنىنىڭ دۇردانىسىنى ئەزدى ھىجران بازغىنى،
كەلمىشىدىن دەردىسە سەندەلمىدى دەڭلار مېنى.

كۆيدى ئىشق گۈلخانىدا نىمجان يىلاندەك تولغىنىپ،
كەتتى ئەتراپ سېسىغان گۆشتە، يىرىڭدا بۇلغىنىپ،
شەمئىدىن بولدى ئادا غەمكىن قاراقلار غىلغىيىپ،
كۈتتى پىنھاندا سېنى ئىشقى نەپەستە ئۇلغىيىپ،
سەن بىلەن پۈتكەن قارارى دەلمىدى دەڭلار مېنى.

مەنبە:ئۆزەم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +40 ئىناۋەت +40 تەڭگە +40 بايلىق +35 تۆھپە +12 يىغىش سەۋەبى
arkinjuma + 20 + 15 + 15 + 15 + 5 يارايسىز
ahat0902 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
ماھىر01 + 5 + 5 يارايسىز ماختاشقا تې.

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: رازى بول
ئالدىنقى: غەزەللەر
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-9 11:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيەرلەردىن كېلىدىغان ئىلھامدۇ بۇ سەلكىن ئۇستازغا ؟ ئاجايىپ يازمىللىرىڭىز بىلەن ئادەمنى قايىل قىلىسىز. ھارمىغايسىز.
ۋاقتى: 2014-8-9 19:49:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ، بەك ياخشى يېزىپسىز ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىز بەك ياخشى ئىكەن ، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرارسىز .
ۋاقتى: 2014-8-9 21:56:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رھمەت سىىزگە
ۋاقتى: 2014-8-9 22:24:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتۇ سەلكىن ئۇستازنىڭ يازمىلىرىنى كۆرمىگىلى،بۇ غەزەللىرىڭىزنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچىلا يايراپ كەتتى جۇمۇ.ئاپىرىن! قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-8-10 09:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن  ئەپەندىمنىڭ  غەزەللىرى ئادەمگە بۆلەكچىلا ھۇزۇر بېرىدۇ.
ۋاقتى: 2014-8-10 09:30:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ناخشىچىلار بۇ غەزەللەرنى كۆرسە ناخشا قىلىپ ئىيتقۇدەك شۇنداق بەك ياخشى چىقپتۇ.رەھمەت سىلىگە.
ۋاقتى: 2014-8-10 09:30:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋەتلىرى ھەقىقەتەن كۇچلۇك ئىكەن ئاپرىن.
ۋاقتى: 2014-8-10 14:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋەتلىرى ھەقىقەتەن كۇچلۇك ئىكەن ئاپرىن.
ۋاقتى: 2014-8-10 18:20:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ بۇ تەخمىسنى ساقلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە، تېخىمۇ نادىر  ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 07:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش