روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1107|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بېرەي-ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                         بېرەي
   
                 ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

سورىساڭ چوغ يۈرىكىمدىن كۆيگىلى گۈلخان بېرەي،
كۈلگە ئايلانساڭ تېرىلمەككە تېۋىپ-لوقمان بېرەي.

چۈشلىرىمدە ئەيلىگىن پەرۋاز سامادا قۇش بولۇپ،
قانىتىڭ قاتسۇن شاماللار ئەۋجىدە،جەۋلان بېرەي.

ساچلىرىڭ چىرماپ بەدەننى، رەنج-تالاپەت ئەيلىدى،
دار كېرەك بولسا، ئېشىپ رىشتىمدە يىپ-ئارقان بېرەي.

كىرپىكىڭ ئوق ياغدۇرۇپ قەلبىمنى پارە ئەيلىدى،
بىر تىنىقتا مىڭ قېتىم ئەرۋاھ بولۇپ، ئېھ! جان بېرەي...

قاپقارا قاشىڭدا ئۇخلايدۇ قارايغان كېچە-تۈن،
سۈبھىدەمدە كۆزلىرىڭدە پارلىسۇن چولپان بېرەي.

لەۋلىرىڭدە سۇيلىغان بىھۇش ئەسەبلەر چايقىلار،
خۇش ھىدىڭگە باغرى قانسۇن، سۇمبۇلى-رەيھان بېرەي.

سارغىيىپ ئاشىق نەپەستە كەتمىسۇن بەرگىڭ تۇزۇپ،
ياپيېشىل ئەسلىمىدىن گۈل ئۈندۈرۈپ، بوستان بېرەي.

يۇلتۇزۇڭ ئۆچكەن كېچە زۇلمەتتە يۈرگەيمەن ئەبەد،
تەپتى يالقۇنلۇق قۇياش بول،چېكى يوق ئاسمان بېرەي.

ئاي ساڭا باقتى ھەسەتتە، يۈزلىرىگە قوندى داغ،
ئاي جامالىڭ ئالدىدا يۈز ئاچمىسۇن، پەرمان بېرەي!

ئەستىلىكلەر سۆيگۈمىزنى ئەيلىدى ئىلھامغا باي،
بېيت-نەزمدە تەرىپىڭنى كۈيلىگەن داستان بېرەي.

مېھرىمىزدىن ئاقتى دەريا لەڭ ئۇرۇپ، تاشقىن ياساپ،
چۆمگىلى ئۆركىشىگە دەريا ئەمەس، ئوكيان بېرەي!...

مەنبە: ئۆزۈم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5تەجرىبە +60 ئىناۋەت +85 تەڭگە +78 بايلىق +60 تۆھپە +21 يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
zaker219 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم
توغراق520 + 10 + 9 بەك ياخشىكەن
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم
تىلچىن + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

راستىنلا ياخشى يېزىلىپتۇ،ماڭا بەك يارىدى
ۋاقتى: 2014-4-18 18:10:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پاساھەتلىكى تولۇق نامايەن قىلىنىپتۇ. شېئىرنى قەلەم بىلەن ئەمەس، يۈرەك بىلەن يازغاندا مۇشۇنداق ئوقۇرمەنلەرنى ئالدىمايدىغان شېئىرلارنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.
ئاپتورغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-4-20 12:52:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!!.
ۋاقتى: 2014-4-21 00:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-4-21 09:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىلەن كۆرۈشمىگىنى ئۇزۇن بوپتىكەن  ئاخرى پەيدا بوپسىزدە ئادەمنى ئىنتىزار قىلىپ
ۋاقتى: 2014-5-27 00:45:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرلىرىڭىز  بەدىلىك ياكى مەزمۇن جەھەتتە بولمىسۇن ۋايىغا يېتىدۇ-دە سىزنىڭ ،مەن سىزگە بەكلا قايىل ئاكا .
ۋاقتى: 2014-7-7 20:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر روھلان مۇنبىرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپتۇ.
ۋاقتى: 2014-8-9 11:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن كىلىدىغان ئىھامدۇ دەيمەن سەلكىنگە؟ بەزىدە ھەسەت قىلىپمۇ قالىمەن جۇمۇ سىزگە...................

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 04:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش