روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 950|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سۆيگۈ مەكتۇبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                   سۆيگۈ مەكتۇبى

                 ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

جاھاندا تەڭدىشىڭ يوقتۇر گۈزەل ھۆسنى-لاتاپەتتە،
سامادا ئاي، قۇياش، چولپان قىلىپ غۇل-غۇل شىكايەتتە.

كۆزۈڭ شەھلاسى يۇلتۇزلار چۈشىنى خانىمان ئەيلەر،
باقار كۆك سەتھىدىن چېھرىڭ تامان مۇڭلۇق خىيالەتتە.

مېنى كىرپىكلىرىڭ ئۆرتەپ،يۈرەككە سالسا تىغ-خەنجەر،
كۆيۈپ ھەسرەتلىرىم بىرلە، يۇتارمەن ئوغا، ئەلۋەتتە.

قېشىڭ ئوقياسىنى بەتلەپ،جېنىمنى ئوۋ-شىكار قىلساڭ،
ئۆلۈمنىڭ لەززىتى چىرماپ، پۈتۈن ئىقلىم مۇسىبەتتە.

چېچىڭ بوستانىدا بىھۇش لەتىف سەلكىن قارار تاپسا،
بۇلۇتلار باغرى يىرتىلدى، چېقىپ چاقماق ئاداۋەتتە.

ئېچىلغان گۈل ئېرۇر غۇنچە لېۋىڭ گۈلزارغا ئوت سەپكەن،
ئاڭا ئاشىق بىدار بۇلبۇل سۇخەندان زىكرى سۆھبەتتە.

جامالىڭ شەمئىدىن تۈن زۇلمىتى بولدى نۇرىستانلىق،
يۈزۈڭدە جىلۋىسى ئونار شەپەقنىڭ ئىنجۇ ھۆرمەتتە.

بولۇپ باغۋەن، ئېغىز تەگسەم دىبان ئالما-ئانارىڭغا،
ياشاپ كەلدىم چىشىم چىشلەپ، ساناقسىز پەيتى- مۆھلەتتە.

بىراق، ئاسماندا قۇش بولدۇڭ، ئۇزارتسام قول تۇتۇق بەرمەس،
ئۆتەرمۇ كۈنلىرىم نالە-پىغان،ھەسرەت-نادامەتتە.

ۋىسالىڭ ساھىلى ئاچماس قۇچاق، دەشتلەردە تەلمۈرسەم،
ھىجىر قىيناقلىرى قويدى مېنى ئىزا-ئاھانەتتە.

كۆيۈكنىڭ ۋەجىدىن، بىلسەڭ، مانا شائىرغا ئايلاندىم،
پېقىرنىڭ شۆھرىتى نەزمە ئەمەس، ئوتلۇق مۇھەببەتتە!...

مەنبە:ئۆزۈم

بۇ غەزىلىمنى ‹‹8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +50 ئىناۋەت +50 تەڭگە +50 بايلىق +50 تۆھپە +19 يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
arkinjuma + 10 + 10 + 10 + 10 + 5 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

8-مارت يەھۇدى خىرىستيىيانلار بايرىمىغا غەزەل يازغىنىڭىزغا تەشەككۈر

باھا سۆز

ئۇنىڭغا چاپلىۋالماي ھۇزۇر ئالسىڭىز بولمامتا غوجموي ئوزلە بىر يىزىپ باقىلى كورەڭلىمەي ماخما  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-6 20:43
ۋاقتى: 2014-3-6 20:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن ئەپەندىمنىڭ بۇ غەزىلى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن. سالامەت بولۇڭ.
rabbiy يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 19:01
8-مارت يەھۇدى خىرىستيىيانلار بايرىمىغا غەزەل يازغىنىڭ ...

ئۇنىڭغا چاپلىۋالماي   ھۇزۇر ئالسىڭىز بولمامتا غوجموي   ئوزلە بىر يىزىپ باقىلى   كورەڭلىمەي ماخما
ۋاقتى: 2014-3-6 21:46:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن ئۇستازنىڭ بۇ غەزىلىمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇشۇ غەزىلىڭىزنىڭ ئۆزىلا بارلىق خانىم-قىزلىرىمىزغا ئەڭ چوڭ سوۋغات بولالايدۇ.ئاپىرىن سىزگە.
ۋاقتى: 2014-3-12 13:44:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل چقىپتۇ خىزمەتىدىشىم شىئېرىڭىز ، رەھمەت
ۋاقتى: 2014-3-13 15:44:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىننىڭ ئالدىراش ۋاختىدىمۇ خانىم قىزلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي لىرىكا يوللىغىنىغا ئاپرىنياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-3-13 15:48:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن ئۇستاز بىلەن بىر دىدارلىشىپ بۇ غەزەلنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغاندىن كىيىن تېخىمۇ ھۆرمىتىم ئاشتى. ياخشى يازمىلىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ئۇستاز..

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 04:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش