روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 892|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ

        ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
ئېرىپ كەتتى يۈرەك-باغرىم شۇررىدە.
ۋېچىرلىشىپ بۇندا كۆڭۈل قۇشقىچىم،
ئۇچۇپ كەتتى كەڭ ساماغا پۇررىدە.

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
سۆيگۈ-مېھىر دەرياسىدا ئاقتىم مەن.
ئالدىمدا تاغ-چوققىلىرى زەبەردەست،
شۇ چوققىغا ھەۋەس بىلەن باقتىم مەن.

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
قوۋۇرغىسى زۇلپىقارنى ئەسلەتتى.
تالاي جەڭدە ئۈزۈپ چىققان باتۇرنىڭ
جاسارىتى غۇرۇرۇمنى پەسلەتتى.

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
ئۆتتى بىر-بىر كۆز-ئالدىمدىن كەچمىشىم.
بالىلىقنىڭ بىغەملىكى تۇنجۇققان،
ئارتتى مانا ‹‹دادا›› بولۇپ تەشۋىشىم.

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
ھالقىغاندا قىرىق تاغدىن-ئۆتكەلدىن.
پۇت-قوللىرىم تېلىپ-تېلىپ ئاغرىيدۇ،
كۆكىرىمەن گالنى بوغقان ھۈتەلدىن.

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
ئۆتۈلگەندە قەدرى ئۇنىڭ بېشىمدىن.
كۆكتە قۇياش، ئاي، بۇلۇتلار يىغلىدى،
چاناقلاردىن سىرغىپ چىققان يېشىمدىن.

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
ئۇنىڭ مەندىن كۈتكىنىمۇ شۇ ئىدى.
خۇشال بولماس ئىدى بەرسەم مال-دۇنيا،
مېھىر كىنەپ يۈرەكلىرى سۇ ئىدى.

ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ،
بالام كېلىپ ئۇرۇپ قويدى دۈمبەمگە.
پەپىلەندىم ئالقىنىدا خىزىرنىڭ،
پەرىشتىلەر پەتىلىدى كۆلبەمگە!...

مەنبە:ئۆزۈم

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-24 16:05:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىسى بولۇش نىمە دىگەن بەخت .[   ئۇرۇپ قويدۇم دۈمبىسىگە دادامنىڭ ] بۇ تېما ياخشى قويۇلۇپتۇ. شېرىڭىزمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ .  
ھايات ئاتىلار سالامەت خۇشال ، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي ، كەتكەنلەرنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي .
ئاتىلار مەڭگۈ ئامان بولسۇن . ئۇلار ئۈچۈن تەۋرەتكەن قەلىمىڭىز بەركەتلىك  بولسۇن  سەلكىن .
ۋاقتى: 2014-9-24 18:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك ھەم ياخشى يېزىپسىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەزەككۈر ئىتۈيۈرۈم
ۋاقتى: 2014-9-24 18:25:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك ھەم ياخشى يېزىپسىز ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ۋاقتى: 2014-9-24 21:10:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن ئەپەندىمنىڭ چوڭقۇر مەنالار سىڭگەن، يېقىملىق شېئىرىغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-9-24 22:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك ھەم چۇڭقۇر مەنالىق ياخشى يىزلىپتۇ، ئاتا ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ،سەلكىن ئەپەندىمنىڭ ئەجىرگە كۆپ تەشەككۇر.
ۋاقتى: 2014-9-25 16:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەنىلىككەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-19 13:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش