روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1010|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

نورۇز ھەققىدە ئىككى غەزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
           نورۇز ھەققىدە ئىككى غەزەل

                ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

                         1
كەل بوۋا-نورۇز ئەزىزىم، قوللىرىڭغا گۈل تۇتاي،
گۈل بىلەن خەستە دىلىڭنى خۇش قىلىپ، مەيلىڭ ئۇتاي.

سال جۇۋاڭنى، ئىل قۇزۇققا، ئارت يېڭى تون- ئۈستىباش،
داڭ قېتىپ قالسۇن جامالىڭ شەمئىگە ئاسماندا ئاي.

كۈندۈزى كۈننىڭ زىياسى قارچۇقۇڭدا پارلىسا،
چۈش كۆرۈپ تاڭ پەيتىدە قوينۇڭدا چولپان ئۇخلىغاي.

دالىلاردا تۇلپىرىڭنىڭ تۇيىقى ئوت چاچرىتىپ،
بەيگىدە ئوقتەك ئۇچۇپ، تىزگېن سېرىپ، شوق چاپچىغاي.

قوشقىرىڭنىڭ مۈڭگۈزى مىسران قېلىچنى ئەسلىتەر،
ئۈسسۈشۈپ مەيدان ئارا، تەلۋە خۇيىدىن قالمىغاي.

سوقۇشۇپ خورازمۇ ھەم قانغا بۇيالغاي تاجىسى،
ھەملە قىپ بىر-بىرىگە ئىتلارمۇ ئەنسىز قاۋىغاي.

يەتتە دان بەركاتىدىن تەييار ئەنە نورۇز ئېشى،
تەگكۈزۈپ ئەلكۈن ئېغىز، تەشنالىقىنى ئاشلىغاي.

سەن بىلەن كەتسۇن نىزاھ،ئۆملۈك داۋاملاشسۇن ئەبەد،
ئۆچ- ئاداۋەت يىلتىزىنى بارچە كېسىپ تاشلىغاي.

سەن دېمەك ئەجداد مىراسى يەتتە ئىقلىمدا يېتۈك،
خەلقىمىز باشقا ئېلىپ، يەلكىسىدە ھاپاشلىغاي!...
                          2   
سۆيدى مەڭزىمگە يېقىملىق نەۋباھار، نورۇز كېلىپ،
سۆيگۈسى قەلبىم قېتىدا بىغۇبار، نورۇز كېلىپ.

ئېرىدى مۇز، ئاقتى ئەگىز، قاندى يەر-ئېتىز، دالا،
قايتتى مەنزىلگە تۈزۈپ سەپ تۇرنىلار، نورۇز كېلىپ.

باش كۆتۈردى مايسىلار، يۈز ئاچتى كۆكلەم جىلۋىسى،
تارتتى مەيلىمنى يېشىللىق-لالىزار، نورۇز كېلىپ.

ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ بار مەۋجۇدات ئېيتتى مۇقام،
مەرغۇلىغا بولدى تەڭكەش داپ، دۇتار...نورۇز كېلىپ.

تارىتىپ خۇشبۇي پۇراق شاخلاردا نازغىيدۇ چېچەك،
تەبىئەت توزدەك ياساندى گۈلئۇزار نورۇز كېلىپ.

بارچىنىڭ يازلىق كىيىملەر زەپ ياراشتى بەستىگە،
كېپىنەكلەر بولدى ئاشىق-بىقارار، نورۇز كېلىپ.

قاينىدى مەشرەپ-باراۋەت، سالدى داستخان يۇرتقا ئەل،
ئوخشىغان نورۇز ئېشىدىن بال تامار، نورۇز كېلىپ.

دىلنى مەپتۇن ئەيلىدى شائىر-ئەدىبلەر نەزمىسى،
شۇ قاتارى نەزمىگاھتا مەنمۇ بار، نورۇز كېلىپ.

تۈندە ئاي، يۇلتۇز بىلەن سىرداش خىيالىم سەلكىنى،
ھەر سەھەر بەكمۇ چىرايلىق تاڭ ئاتار نورۇز كېلىپ!...

مەنبە: ئۆزۈم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +35 تەڭگە +28 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
تۇرسۇن + 15 + 8 يارايسىز
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ شېئىر تورداشلارغا نورۇزلۇق ئېسىل سوۋغا بولغۇسى!
ۋاقتى: 2014-3-21 16:16:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە      ھەممەيلەننىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن
ۋاقتى: 2014-3-21 18:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ دەپلا قويساق بولامدۇ ؟ھەممەيلەننىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك .
ۋاقتى: 2014-3-21 18:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ بايرىمىمىزغا قانچە يازساق ئەرزىيدۇ
ۋاقتى: 2014-3-21 20:20:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز بايرىمىغا ئاتاپ يېزىلغان بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-3-22 12:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە رەھمەت، جاپا چىكىپسىز جۇمۇ؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-18 16:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش