روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1110|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                   غەزەللەر

              ئەنۋەر ئابلا سەلكىن

                         1
ئىشتكىل ئەل–خالايىقلار،دىلىمدا كۆپ نىداھىم بار،
گويا چاقماق كەبى چاققان پىغانلىق نەررە–ئاھىم بار.

كۆڭۈلنىڭ ئاسمىنى يۇلتۇز، قۇياشنى ‹‹ئۈچ تالاق›› ئەتتى،
ئۇنىڭدا مۈلكى–جاي تۇتقان نىگار–خۇرشىدى ماھىم بار.

بىراق، كۈلپەتتە يۈز ياقتىم سوغۇق ھىجرانغا ھەر بارە،
دىدار پۇرسەتلىرى مەۋھۇم، كۈتۈشكە ئەھد–قارارىم بار.

چۈشۈم ئەسنالىرى مەستخۇش،ئوڭۇم چاڭقاشلىرى تەرسا،
تېڭىم ئىشرەتلىرى غەمناك،تۈنۈم زۇلمەت–زاۋالىم بار.

پەرى–پەيكەر قىلىپ جەۋلان سامادا پەر–قانات قاقسا،
نەزەرىم چەتتىدۇر ھەرئان، ئاڭا قانداقمۇ رايىم بار؟

كۈيۈم گۈلخاندا تۇنجۇقتى، تىلى باغلاندى بۇلبۇلنىڭ،
چۈچۈك مەيزابتا مەست بولغان شېرىن–تاتلىق خىيالىم بار.

مۇھەببەت پايىگە ئىمكانلىرىمنىڭ رەنجى باش ئۇردى،
پەلەك بىدادىغا ئەرزىم: مېنىڭ قانداق گۇناھىم بار؟

ئىشقنىڭ قۇدرىتى تاۋلاپ مېنى ئۆلمەسكە جان قىلدى،
ۋۇجۇد دەرگاھىنى ئۆپكەن مېھىر دەپ تىلتۇمارىم بار.

بۇلۇت تاغلارغا باش قويسا سۈزۈلگەي چېھرى ئاسماننىڭ،
ۋىسال بەختىمگە قۇرئەنداز،ۋاپادار، ئۇز نىگارىم بار.

ئۈپۈك لەۋلەرگە تاشقىنلاپ، دېڭىزنى قويدى ھەيرەتتە،
‹‹ئىشق شەرھىگە شان ياغدى›› دېبان ئوتلۇق خىتابىم بار!...
                            2
ھەر نىچە دىشۋارلىرىمنىڭ باغرى قان بولدى ئەجەپ،
تىلىدىن تۆكتى زەھەر–ئوغا، چايان بولدى ئەجەپ.

كۈلپىتىم شەرھى ئۈلۈمنىڭ چاقنىشىدا بىغۇبار،
تەگدى ئوق مىژگانلىرىمغا،خەستە جان بولدى ئەجەپ.

قۇترىغان كۆز–ياشلىرىمدا ئاقتى ئەفغان شىددىتى،
ئۆركىشى دەريا، دېڭىزغا خانىمان بولدى ئەجەپ.

بۇ ئىشق مەنزىلىدە چۆل–جەزىرە بولدى ۋەتەن،
بۇ ۋەتەن گۈلزار ئەمەس ئەسكى ماكان بولدى ئەجەپ.

مىڭ ئازاپ چەكتىم پىغاندا قىسمىتىمدە بىر تۆنەپ،
تەقدىرىم ئەسرارى،ۋاھ، تەركىي جاھان بولدى ئەجەپ.

سۆيگۈنىڭ ئوت–يالقۇنىدا لەرزىگەن تىلسىم كۆيەر،
ئېھ، جېنىم ئىشق خەنجىرىگە بىر نىشان بولدى ئەجەپ.

بۇ ئۆلۈمنىڭ لەززىتىدىن يايرىدى تەن مەست بولۇپ،
ئوتلىماي لەۋ جامىدىن زەمزەم، يامان بولدى ئەجەپ.

ئىشق–مۇھەببەت سىنىقى ئاشىق يۈرەكنى تاۋلىغاي،
بۇ تىلىم زارلاپ–ۋالاقلاپ بىئىمان بولدى ئەجەپ...
                         3
بىر كۆرۈپ سەۋدايى رەۋىشتە ساڭا بولدۇم قارام،
ئىككى كۆرگەندە ئەقىل–ھۇشتىن  ئادا بولدۇم تامام.

ئۈچ كۆرۈپ ئۈچيۈزنى ئۇھ تارتتىم خىيالەت ئىلكىدە،
تۆت كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى ئۈلپەت بولدى خۇشبۇي شېشە–جام.

بەش كۆرۈپ كىرپىكلىرىمنى سۆيدى ئالماس قەترىلەر،
ئالتە كۆرمەك ئىستىكى بولدى يۈرەكىمدە قىيام.

يەتتە كۆرگەندە كۆزۈڭ چاقماقلىرىدا سوقتۇڭا،
يۇلتۇزۇڭ سەككىزدە ياقتى بۇ كۆڭۈل خانەمگە شام.

چاچلىرىڭ چىرماپ مېنى دار باغلىدى توققۇز قېتىم،
ئون كۆرۈپ،زەردابقا ئايلاندى يىرىڭلىق دىل يارام.

چەكتىغۇ روھ قەپىزىنى جان قۇشۇم ئون بىر قېتىم،
مەيلى ئۆلسەم رازىمەن ئون ئىككى مەرتەم شاد–خۇرام.

يەتتە دۇزاقتا كۆيۈپ كۈل بولدى تەن ئون ئۈچ قېتىم،
يەتتى ئون تۆتكە مۇھەببەت رىشتىنى چىگكەن تانام.

بەلكى ئون بەشنى سۆيۈپ ئىشقىڭنى ئىزھار ئەيلىسەڭ،
ئەتكىنىڭ شولدۇر مېنى ئون ئالتە مەرتەم قەتلىئام!...
                            4
كۆزۈڭنى ئوينىتىپ بىر رەت ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلدىڭ،
قاچۇردۇڭ جۈپ قاراقىڭنى تىكىلسەم، بەك ھايا قىلدىڭ.

پېقىر شۇندىن بېرى يۈز مىڭ بالالار ئىلكىدە غەمناك،
مېنى شۇ كۇيغا سالماقنى قاچاندا مۇددىئا قىلدىڭ؟

ئىشقتىن سەن نەسەبنامە پۈتۈپ باغرىمغا ئويدۇڭمۇ،
قېشىڭ مېھرابىنى سەجدە قىلارغا تۇتىيا قىلدىڭ.

كۆيۈپ باغرىمدىكى ئوتتا جېنىمغا مىڭ قازا يەتتى،
ئۆلۈمدەك بىر گۈزەل چۈشتىن بېرىپ شەپە، گۇناھ قىلدىڭ.

ۋىسالىڭ كەۋسىرى ئىزدەپ پىغانىمدا ساداق تارتسام،
كېچە–تۈن زۇلمىتى باسقان شەبىستاننى راۋا قىلدىڭ.

چىرايىم زەپىران بولدى، ئىچىمگە دەرت–پىغان تولدى،
ساماندەك رەڭگى–رۇخسارىم سۈزۈلدى،كەھرىۋا قىلدىڭ.

كۆيۈكنىڭ دارىسى يوقتۇر دېگەيلەر ھەزرىتى لوقمان،
لېۋىڭدە سەن ياساپ شەربەت، جاراھەتكە داۋا قىلدىڭ.

جىمى ئىقلىمدا يوق بەلكىم مېنىڭدەك ئاشىقى–شەيدا،
ئىشق ئەھلىگە پېقىرنى يېتۈك پىر–ئەۋلىيا قىلدىڭ!...
                          5
يۈرىكىمدە ئوت–لاۋا كۆيسە پىراقتىن دەپ بىلىڭ،
چۈشسە سەۋدا باشىمە، يېقىن–يىراقتىن دەپ بىلىڭ.

سۆزلىرىم سۆيگۈ–مۇھەببەت سىرىنى پىنھان ئېتەر،
كۈيلىرىم ئىزھارىنى ئەركە بۇلاقتىن دەپ بىلىڭ.

ھېسلىرىمنىڭ كەلكۈنى تاشقىنغا ئايلاندى بۇدەم،
ياشلىرىمنى يامرىغان بەرگى–قىياقتىن دەپ بىلىڭ.

لاماكاننىڭ شەھرىدە يۇتقانلىرىم ئوغا–زەھەر،
بۇ ئىشق مەنزىلىنى جەندە–كۇلاھتىن دەپ بىلىڭ.

يار ئۈچۈن ياندىم دېسەم، ئۆچتى سامادا ئاي، قۇياش،
كۆزلىرىمدە پارلىسا ئۇچقۇن، چىراغدىن دەپ بىلىڭ.

يار خىيالى ھەردەمى قەلبىمنى ئەتكەچ چىڭ ماكان،
ئۇيقۇدىن بىدارلىقىمنى جۈپ قاراقتىن دەپ بىلىڭ.

ناتىۋان بۇلبۇل چېغىدا كۈيگە قاتتى تاڭ سەھەر،
ئاشىقى–شەيدالىقىمنى ئىشتىياقتىن دەپ بىلىڭ...

مەنبە:ئۆزەم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-9 11:49:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىننىڭ ھەر بىر مىسراسى شىئېرى تەپەككۇرغا ، شىئېرى تىلنىڭ نازۇكلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ۋە شائىرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى  ئۇنسىز نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ ھەم  شائىرمىزنىڭ تىلغا شۇ قەدەر ماھىرلىقىنى نامايىش قىلىپ تۇرىدۇ.شىئېر تىلىنىڭ شۇ قەدەر ئەركىنلىكى ،زىللىقى ،پىكىرنىڭ تېرەنلىكى ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. ھەم  شۇڭلاشقىمىكىن ئادەمنىڭ  شائىر يازمىللىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ ئوقۇغۇسى كىلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-8-9 22:27:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن ئۇستاز ھارمىغايسىز،پەرىزىمچە يازغان شىئېرلىرىڭىز نەچچە توپلام بولغىدەك بوپ بولدى ھەقچان.نېمىشقا نەشىريات ئورۇنلىرىغا بەرمەيسىز دەيمەن.
ۋاقتى: 2014-8-10 09:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن ئەپەندىمنىڭ  قەلىمىگە يەنىمۇ بەرىكەت بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-8-11 01:02:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !ياخشى چىقىپتۇ بۇ غەزەللەر !
ۋاقتى: 2014-8-12 15:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 09:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش