روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2019|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
سەھەر پەيتى ئېچىلغان گۈلدەك.
غايىپ بولدى باغرىمدىن ھەسرەت،
ئاستا ئۇچۇپ تۇزىغان كۈلدەك.

جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
جىلۋە قىلىپ بالقىغان نۇردەك.
ئاتەش دىلغا بەردىڭىز ئارام،
ئۇستا شائىر قالدۇرغان قۇردەك.

جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
قۇياش پارلاپ يۇرىغان تۈندەك.
چۆمدى سۆيگۈ ۋەسلىگە ئالەم،
قۇتلۇق بايرام قاينىغان كۈندەك.

جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
زىلال سۇدا ئەگىگەن ئايدەك.
ئېرىپ كەتتى پەرۋازلىق تەنلەر،
كۆڭۈل قۇيۇپ دەملىگەن چايدەك.

جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
مۇڭلۇق كۈيگە چېلىنغان تاردەك.
قۇچاق ئاچتى سۆيۈملۈك ھايات،
چىن سۆيگۈدىن نېسىۋەم باردەك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بولدى   ما    مۇنبەرگە   تىلفۇندا  ئىنكاس   يازمايمەن  ،ئەسلى   بىر  ياندىشاي  دىگەن ئەمما  2-مىسرانى ئاستىغا يازاي دىسەملا ئىنكاس يوللىنىپ كىىپ جىلى  قىلدى  مىنى .مۈمكىن بولسا باشقۇرغۇچىلار يۇقۇردىكى چالا يېزىلغان 2ئىنكاسىمنى ئۈچۈرۋەتسەڭلار.

باھا سۆز

مۇنبەردە زىيارەتچى كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋالدا بەزىدە شۇنداق ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-16 20:58
زىبا خانىم ئاچچىقجان بولماڭ دەيمە....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-16 20:29
ۋاقتى: 2015-3-16 20:27:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. بەكلا تاشلىۋەتتىڭىزغۇ مونبەرنى؟ ئاي ئايلاپ يوقاپلا كەتتىڭىز. تاتلىق لىرىكىللىرىڭىزغا رەھمەت .  بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈبلىتى يۈرەككە تەگدى....
ۋاقتى: 2015-3-16 20:29:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 17:34
بولدى   ما    مۇنبەرگە   تىلفۇندا  ئىنكاس   يازمايمەن  ،ئە ...

زىبا خانىم ئاچچىقجان بولماڭ دەيمە....
ۋاقتى: 2015-3-16 20:58:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 17:34
بولدى   ما    مۇنبەرگە   تىلفۇندا  ئىنكاس   يازمايمەن  ،ئە ...

مۇنبەردە زىيارەتچى كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋالدا بەزىدە شۇنداق ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئىش سىزگە ئۇدۇل كەپ قالغان چېغى.
ۋاقتى: 2015-3-16 21:44:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىز شۇنچىلىك يېقىملىق ، گۈزەل بىلىندى ماڭا. بەك ياقتۇردۇم. بىراق، بىرىنچى كوپلىتنىڭ تۆتىنچى مىسراسىنى ئۇنچە ياقتۇرۇپ كەتمىدىم. مەن بىر كەلتۈرۈپ باقايچۇ شۇ مىسرانى دەپ خېلى ئولتۇرساممۇ كەلتۈرەلمىدىم. بىراق ئۇيان ئويلىساممۇ، بۇيان ئويلىساممۇ توزىغان كۈلگە ئوخشاتقىنىڭىز بولمىغاندەك....يا ئۆزۈم باشقىغا ئوخشىتالماي....
بولدىلا دىدىم ئاخىر. بەلكىم بىر چاغلارغا كەلگەندە كاللامدىن ئۆتۈپ قالار، ياكى ئۆزەمگە يارىغان بىرەر مىسرا كېچىپ قالار
قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!
ۋاقتى: 2015-3-16 22:34:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىلى شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.
3-كۇبلىتنىڭ 2-مىسراسى شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزۈپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 10:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم، تورداشلار كۆرسىتىپ بەرگەن مىسرالاردا سەۋەنلىكلەر باردۇ؟ مەنمۇ بەلكىم بىخۇتلۇق قىلغاندىمەن.....
ۋاقتى: 2015-3-19 20:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  قاچان     يىزىشنى  ئۈگىنەرمەن
ۋاقتى: 2015-3-19 20:31:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  قاچان     يىزىشنى  ئۈگىنەرمەن   ئۇستازلاردەك

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 04:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش