روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1850|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بېسىپ قويغان يۈرەككە تامغا،
ئىگە قىلىپ مۇپەسسەل نامغا،
شېرىن سۆيگۈ تولدۇرغان جامغا،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.

ئۆرنەك ئېلىپ كۆڭۈللۈك چاغدىن،
ئورۇن تۇتۇپ خۇشپۇراق باغدىن،
ئازاد قىلغان كۆڭۈلنى داغدىن،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.

سۇنۇق دىلدىن قوغلىغان پىراق،
يېقىپ ۋىسال پەسلىگە چىراق،
قايغۇ-دەردنى كەتكۈزگەن يىراق،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.

سۆيگۈ بېرىپ ئوخشاتقان بايغا،
مەپتۇن قىلىپ مۇقەددەس جايغا،
تەكلىپ قىلغان قىزىغان چايغا،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.

خىلۋەت يەردە ئېچىلغان رەنا،
قوشقان گۈزەل ھاياتقا مەنا،
بولۇپ ئاقىل يولباشچى دەنا،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.

ئاشىق جاندا قوزغاتقان ھۇزۇر،
مەسۇم توزدەك ياسىنىپ پۇزۇر،
مىقدار سۆزچە قويمىغان قۇسۇر،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

پاھـ - پاھ......نىمىدىگەن پاساھەتلىك...يېقىشلىق...تاتلىق شېئىر بۇ.....بەك بەك ياقتۇردۇم...رەھمەت سىزگە...قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي....
پاھـ - پاھ......نىمىدىگەن پاساھەتلىك...يېقىشلىق...تاتلىق شېئىر بۇ.....بەك بەك ياقتۇردۇم...رەھمەت سىزگە...قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي....
ۋاقتى: 2015-3-23 20:07:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىڭىز بەك تاتلىق چىقىپتۇ ئۇستاز. ھارمىغايسىز.
ۋاقتى: 2015-3-23 20:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەددىئىلىكى ھەقىقەتەن يۇقۇرى ، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر! ئېلھام دېگەن باركەن جۇمۇ!!!
ۋاقتى: 2015-3-23 20:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەس ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.
ۋاقتى: 2015-3-23 23:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ نادىر شىئىرلىرىڭىزغا تەشنامىز !
ۋاقتى: 2015-3-24 00:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىڭىز بەك تاتلىق چىقىپتۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-24 12:40:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان ۋە قىزغىن ئىلھام بەرگەن دوستلارغا تەشەككۈر!
ۋاقتى: 2015-3-24 12:54:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارماي چاپقاي .........

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-29 03:51

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش